شىۋېتسىيەدە ياۋروپادىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆسمۈرلەر دالا پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00


ياۋروپادىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆسمۈرلەر دالا پائالىيىتى شىۋېتىسيە كاتىرىن خولۇمدىكى ئارالدا 15 - مارت كۈنى رەسمىي باشلاندى.

بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، گوللاندىيە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى، فىنلاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان.

بۇ دالا پائالىيىتى 15 - مايدىن17 - مايغىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ،تۇنجى نۆۋەتلىك ئۆسمۈرلەر دالا پائالىيىتىدە ئەخلاق، ئىلىم ئېلىشنىڭ ئەھمىيىتى، ئىسلام ئەقىدىسى،دۇنيادىكى پىكىر ۋە ئېقىملار، شەرقىي تۈركىستان تارىخى قاتارلىق مەزمۇنلاردا لىكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ھەر خىل شەكىلدىكى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپادىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆسمۈرلەر دالا پائالىيىتى جەريانىدىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى
شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپادىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆسمۈرلەر دالا پائالىيىتى جەريانىدىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى


پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇن ئارالدىكى بايراق چىقىرىش خادىسىغا يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

دالا پائالىيىتى ئېچىلىش مۇراسىمىدا شىۋېتىسيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇن تەبرىك نۇتقى سۆزلىدى. بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېلىش ئۈچۈن پائالىيەت پىلانلىغۇچى ۋە مەسئۇلى نىجات تۇرغۇننى زىيارەت قىلدۇق. بىر قىسىم پائالىيەتكە قاتناشقان ئۆسمۈرلەر ئۆزلىرىنىڭ تەسىراتىنى بايان قىلدى.