ئۇيغۇرلارغا ۋەكىل بولۇپ يىغىنغا قاتناشقان ئابدۇسالام ئابدۇغەنى ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان دىنىي، سىياسىي، مىللىي بېسىم ۋە زۇلۇملار ھەققىدە مەلۇمات بەردى ھەمدە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى.
شىۋىتسىيە ئىسلام جەمئىيىتى، مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى، ئىبنى رۇش فوندى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 18 - ئاپرېلدىن 20 - ئاپرېلغىچە شىۋىتسىيە پايتەختى سىتوكھولىمنىڭ مەركىزى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى.
ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىملىق يىغىن «مۇسۇلمانلار ئائىلە كۈنى» دېگەن تېمىدا چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىن ئاساسلىقى شىمالىي ياۋروپادا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان ئائىلىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنى جەھەتتىكى بىلىملىرىنى تولۇقلاش، ئۆز - ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، چۈشىنىش،تونۇشۇش ھاسىل قىلىش، قېرىنداشلىق مېھرى - مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، مىسىر، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە،بوسنىيە، سۇرىيە، شۋىتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كۆزگە كۆرۈنگەن دىنىي ئالىم، دوكتۇرلارنى لېكسىيە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.
يىغىنغا قاتناشقان ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن شۋىت، ئىنگلىز، ئەرەب، سومالى، بوسنىيە تىللىرىدا مەخسۇس زاللارنى تەسسىس قىلىنىپ ئاڭلىغۇچىلار ئۈچۈن قولاي شارائىت يارىتىپ بېرىلدى.
تۇنجى كۇندىكى يىغىن شۇ يەر ۋاقتى 3دە باشلاندى. يىغىنغا شىمالىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇسۇلمانلاردىن 3000دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. شۋىتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىمۇ بۇ يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
يىغىننىڭ ئەرەب تىلدىكى مۇنازىرىسىگە تۇنىس، شەرقى تۈركىستان، بوسنىيە قاتارلىق زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان دۆلەتلەردىن كەلگەن ئالاھىدە ۋەكىللەر بىلەن بىللە، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئاۋسترالىيەدىن كەلگەن ئابدۇسالام ئابدۇغەنى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
ئابدۇسالام يېغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى، ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان دىنىي، سىياسىي، مىللىي بېسىم ۋە زۇلۇملار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.
مۇنازىرىدىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇسالام ئابدۇغەنى مۇنازىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوئاللار ۋە ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قانداق بايان قىلغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن مۇسۇلمان ئەللەردە بولۇۋاتقان زۇلۇملار دېگەن تېمىدىكى مۇنازىرىگە تۇنىس، بوسنىيە، شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىللە، شەرقىي تۈركىستانغا ۋەكالىتەن مۇنازىرىگە قاتناشتىم.
مۇنازىرىدە ماڭا ئۈچ قېتىم سۆزلەش پۇرسىتى بېرىلدى. مەن ئالدىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى ئەھۋالىدا توختالدىم. ئىككىنچى قېتىملىق سۆزلەش پۇرسىتىدە شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان زۈلۈملار ھەققىدە مەلۇمات بەردىم. زۈلۇملار ھەققىدە سۆزلىگىنىمدە، تۈرمىدە جازا مۇددىتى سەۋەبسىز ئۈزارتىۋېتىلگەن ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋەلى، ئىلھام توختى، ئابدۇۋەلى ئايۇپلارنىڭ مەسىلىسىنى مىسال سۈپىتىدە سۆزلەپ ئۆتتۈم.
ئۈچىنچى قېتىمدا، شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان زۇلۇمغا خەلقئارانىڭ قانداق قاراۋاتقانلىقىنى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۇرىيە، ئىراققا ئوخشاش جايلاردىكى مەسىلىلەرنىڭمۇ ناھايىتى كۆپلۈكىنى، ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ بىر پارچىسى بولغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەھۋالىنى ئايرىپ قويۇشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، مۇسۇلمانلار قانداقلا بولمىسۇن بىر تەنگە ئوخشايدۇ، ئىسلام دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىمۇ شۇ، بۇ ئەھۋالدا مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ بىزنى ھازىرقى دۇنيا سىياسەتلىرىدىن ئايرىپ قويۇشىمۇ خاتا شۇنىڭدەك بۇنىڭ ۋاقتى ئەمەس دېيىشنىڭ ئۆزىمۇ خاتا، بىز دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئايرىلماس بىرقىسمى، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بىزگە ئالاھىدە كۆڭۈل بولۇشىنى تەلەپ قىلدۇق. بۇنىڭغا قارىتا ئاڭغۇچىلاردىن ياخشى ئىجابىي تەكلىپلەرگە، نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق دەپ قارايمەن.
0:00 / 0:00