يېقىندىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى داۋاملىق ھالدا تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كېلىشكە باشلىدى. بۇنى داۋاملىق كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرىدىن بىرى دوكتور سىنان ئوگان ئەپەندىدۇر.
بىز دوكتور سىنان ئوگان ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، تايلاندتىكى 220 ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مۇخبىر: ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزاسى دوكتور سىنان ئوگان ئەپەندى تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ ئورۇن ئېلىۋاتىدۇ؟ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قەشقەرنى زىيارەت قىلىپ قايتقاندىن كېيىن، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
سىنا ئوگان: خىتاي دۆلەت رەئىسىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش توغرىسىدىكى باياناتى ئۇيغۇرلارنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتاي دۆلەت رەئىسى رايوننى زىيارەت قىلىپ قايتقاندىن كېيىنلا ئۇ يەردە پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك كۆرۈشىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ تېررورغا باغلاپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ. چۈنكى بۇنىڭ ئۆرنەكلىرى دۇنيادا مەۋجۇت. دۆلەتلەر دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەق -ھوقۇقلىرى كۈرىشىگە قارشى تۇرالمىغاندا، بۇنى دۇنيا دۆلەتلىرىگە چۈشەندۈرەلمىگەن ۋاقتىدا، ئېزىلگەن، زۇلۇم كۆرگەن ئىنسانلارنىڭ نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى تېررورغا باغلاپ تۇرۇپ چۈشەندۈرىدۇ، بۇ دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ ئاسان بولىدۇ. مېنىڭ كۆزىتىشىمچە خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا قىلىۋاتقىنى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى تېررورغا باغلاش. دۇنياغا ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىشتىن ئىبارەت. بۇ جەھەتتىن خىتاينىڭ قىسمەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلىشى كېرەك. خىتاي دۆلىتى تېررورغا ئېنىق ئىزاھات بېرىشى كېرەك.
مۇخبىر: دوكتور سىنان ئوگان ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى سىزمۇ دەپ ئۆتكەندەك راستىنىلا ناھايىتى ئېچىنىشلىق، سىزچە بۇ مەسىلە يېتەرلىك دەرىجىدە تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىۋاتامدۇ؟
سىنان ئوگان: ئەپسۇسكى ئۇيغۇر مەسىلىسى يېتەرلىك دەرىجىدە تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلمەيۋاتىدۇ. سۈرىيەدىن قېچىپ كەلگەن بىر مىليون ئەتراپىدا كىشىگە تۈرك خەلقى ئىشىكىنى ئاچتى. بەلكى تۈركىيە ھۆكۈمىتى سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنى ئۇلغايتىۋېتىدىغان بىر خاتا سىياسەت ئېلىپ باردىمۇ بىلمەيمىز، تۈركىيە كۆپ ساندا سۈرىيەلىكنى قوبۇل قىلدى. ئەمما ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىغا كېلىپ قالغان 35 ئۇيغۇرنى 18 كۈن ساقلاتقاندىن كېيىن كىرىشىگە رۇخسەت قىلدى. تايلاندتىكى 220 ئۇيغۇرنى تېخىغىچە ئالمىدى. بىز بۇنى تۈرك خەلقىگە ياخشى ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. ئۆز قان-قېرىندىشى بولغان 220 ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە ئېلىپ كەلمىگەن ھۆكۈمەتنىڭ، بىر مىليون ئەرەبنىڭ تۈركىيەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. شۇڭا بۇ ھۆكۈمەتنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ سىياسىتى بىز تۈرك خەلقىنى ئىزاھ تارتقۇزماقتا. تۈركلەر قەيەردە بىر قېرىندىشىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشسە ئۇلارغا ياردەم قولىنى ئۇزىتىدىغان بىر مىللەت. شۇڭا بىز مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىدا ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىردۇق ۋە چاقىرىشقا داۋام قىلىمىز.
مۇخبىر: ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزاسى سىنان ئوگان ئەپەندى دېموكراتىك دۆلەتلەردە ھۆكۈمەتنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆكتىچى پارتىيەلەر بىلەن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولى ناھايىتى زور. سىز پارلامېنتتا 220 ئۇيغۇرنى ھۆكۈمەت ئېلىپ كەلسە سىز سايلانغان رايونغا جايلاشتۇرىمەن دېدىڭىز. سىز ھۆكۈمەتنىڭ تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن يەنە نېمىلەرنى قىلماقچىسىز؟
سىنان ئوگان: 220 ئۇيغۇر ھازىر تايلاندتا قىيىنچىلىقتا ياشاۋاتىدۇ. مەن پارلامېنتتىمۇ دېگەندەك، مەن سايلانغان ئىغدىر ۋىلايىتى 220 ئۇيغۇرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييار. بىز بۇ سۆزىمىزدىن يېنىۋالمايمىز. مەن بۇ ھەقتە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغىمۇ ئىلتىماس سۇندۇم. تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىنىڭ ھەممىسى بۇ ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنى ئېلىپلا كەلسە قالغان پۈتۈن قىيىنچىلىقلىرىنى بىز ھەل قىلىمىز. بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بۇرۇنقىدەكلا داۋاملىق ھالدا تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىپ تۇرىمىز. ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىلا ئەمەس، پۈتۈن ئاممىۋى تەشكىلاتلار كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىشى كېرەك. يەنە بىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش كېرەك. چۈنكى بىر مەسىلە بۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلسا ئەتىسىلا تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە قىلساق پايدىلىق بولسا شۇنى قىلايلى. قول قويۇش دولقۇنى قوزغىتايلى، ھۆكۈمەتكە بىرلەشمە خەت يازايلى. دۇنيادىكى پۈتۈن ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىغا، ھۆكۈمەتلەرگە بۇ مەسىلىنى دوكلات شەكلىدە سۇنايلى.
مۇخبىر: سىنان ئوگان ئەپەندى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خاتىرىلەش كۈنىگە ئاز ۋاقىت قالدى، بۇنى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلەمسىز؟
سىنان ئوگان: 7-ئاينىڭ 5-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا تەتىل بولىدۇ. ھەر يىلى بولغىنىدەك بۇ يىلمۇ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىمىز. رابىيە خانىمنى تۈركىيەگە تەكلىپ قىلايلى، ھۆكۈمەت رابىيە خانىمغا ۋىزا بەرسۇن، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى بىرلىكتە بۇ يەردە خاتىرىلەيلى.