سىياسىي ئانالىزچى ئىسائو: خىتاي سېنكاكۇ ئارال مەسىلىسىدە رۇسىيىدىن ئۈلگە ئېلىشى مۇمكىن
2014.04.18
ياپونىيەدە نەشردىن چىقىدىغان ھەپتىلىك سىياسىي ئىقتىساد ژۇرنىلى «شۇكان بۇنشۇن» نىڭ 10 - ئاپرېلدىكى سانىدا ئىجىما ئىسائونىڭ « قىرىم مەسىلىسى ۋە سېنكاكۇ ئارىلى» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ماقالە ئاپتورى ئىجىما ئىسائو سابىق ياپونىيە باش ۋەزىرى كويزىمىغا بەش يىل كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، ياپونىيەدە تونۇلغان سىياسىي ئانالىزچى.
ماقالىدە ئاساسلىقى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىدا يۈز بەرگەن قىرىم مەسىلىسى كرىزىسى بىلەن خىتاي - ياپون ئوتتۇرىسىدا تالاشتا قالغان سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسى سېلىشتۇرۇلۇپ،«ئەگەر خىتاي دۆلىتى رۇسىيەنىڭ بۇ خىل ئىستراتېگىيەسى بويىچە سېنكاكۇ ئارىلىنى كەلگۈسىدە بېسىۋالسا، ياپونىيە بۇنىنغا قانداق تەدبىر قوللىنىش كېرەك» دېگەن مەسىلە ئۈستىدە سىياسىي مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلغان.
ئاپتور ماقالىسىدە، قىرىم مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتە دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى دەپ قارالغانلىقىنى، تەرەققىي قىلغان يەتتە دۆلەتنىڭ رۇسىيەنىڭ قىرىم مەسىلىسىدىكى ھەرىكىتىگە ئۆز نارازىلىقىنى، قارشىلىقىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئىقتىسادىي جازانى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يېقىندا گوللاندىيەدە ئېچىلغان تەرەققىي قىلغان يەتتە دۆلەت يىغىنىدا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ ئېلىپ بارغان بىر قاتار خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن، ئابېنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان «ياپونىيە كۈچلۈكلەرنىڭ كۈچىگە تايىنىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشىگە قارشى تۇرىدۇ. قىرىم مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسىلىسى شۇنداقلا ئاسىيا قىتئەسىنىڭ مەسىلىسى دېگەن سۆزى يىغىن ئەھلىنىڭ كۈچلۈك ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
سىياسىي ئانالىزچى ئىسائونىڭ قارىشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى ئەمەلىيەتتە يىغىندا رۇسىيەگە قارىتىپ ئېيتىلغان بولسىمۇ، لېكىن تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا بۇ سۆزلەر خىتاي دۆلىتىنىڭ ھازىر سېنكاكۇئا ئارىلىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتىلغان.
ئاپتور ماقالىسىدە، ھازىر ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىۋاتقان قىرىم مەسىلىسىنى بەزى ياپونلارنىڭ ياپونىيە دۆلىتى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق دەپ قاراۋاتقانلىقىنى،ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ مەسىلىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتلەردە ياپونىيە بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئالغا سۈرگەن.
رۇسىيە ئىگىلىۋالغان ياپونىيىنىڭ شىمالدىكى تۆت ئارال مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئاپتور، 1855 - يىلى ياپونىيە - رۇسىيە ئارىسىدا تۈزۈلگەن شەرتنامىلەردە ئېتىروف، ئۇرۇپ قاتارلىق تۆت ئارال ياپونىيەگە تەۋە ئاراللار دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەنلىكى، ئەمما 1945 - يىلىدىكى ئامېرىكا پرېزىدېنتى رۇزۋېلىت، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېرچېل ۋە ستالىن قاتارلىقلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يالتادىكى مەخپىي يىغىندا چىشىما، كۇرىل قاتارلىق تۆت ئارالنىڭ رۇسىيەگە قوشۇپ بېرىۋېتىلگەنلىكى، ياپونىيە ئاراللىرىنىڭ رۇسىيەگە تەۋە قىلىنىشى ھازىرقى قىرىم ئارىلىنىڭ بېسىۋېلىنىشقا ئوخشاش مەسىلە ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى تەكىتلەپ كېلىپ: «رۇسىيە تېررىتورىيىسىدىكى ياپونىيە ئاراللىرى مەسىلىسىدە، ئەگەر شىنزو ئابې رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىندىن تۆت ئارالنى بىراقلا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، بۇ بىر ئاز تەسكە توختايدۇ، ئەمما 1855 - يىلى رۇسىيە بىلەن تۈزۈلگەن شەرتنامىلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلسا بۇنىڭ يىتەرلىك ئۈنۈمى بولىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي ئىشلىرى مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى يۈكى خانىم ياپونىيىنىڭ شىمالىدىكى توت ئارال مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ بۇ ئاراللارنىڭ ئەلۋەتتە ياپونىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى، بۇ نۇقتىدا سۆھبەت ئارقىلىق ئىش كۆرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، ئەمما ياپون سىياسەتچىلىرى ۋە دىپلوماتلىرى چەت دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تازا ماھىر بولمىغانلىقتىن بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
«قىرىم مەسىلىسىدەك كرىزىسنى كىم ياپونىيەدە يۈز بەرمەيدۇ دەپ ئېيتالايدۇ؟ - دەپ سوئال قويغان ئاپتور ماقالىسىدە باش ۋەزىر شىنزو ئابېنىڭ گوللاندىيەدە ئېچىلغان يىغىندا «قىرىم مەسىلىسىدەك مەسىلە ياپونىيىدىمۇ يۈز بېرىشى ۋە خىتاي سېنكاكۇ ئارال مەسىلىسىدە رۇسىيەدىن ئۈلگە ئېلىشى مۇمكىن. شۇڭا قىرىم مەسىلىسىدە رۇسىيەگە ھەرگىز يول قويۇشقا بولمايدۇ» دېگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: « رۇسىيە قىرىمنى ئىگىلىۋالغاندەك، ئەگەر خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى سېنكاكۇ ئارىلىغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى بېسىۋالسا، ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش ئارمىيىسىنىڭ خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئىمكانىيىتى بار ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا ئارمىيىسىمۇ ياردەمدە بولىدۇ» دەپ بىلدۈرگەن.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ناۋادا خىتاي رەسمىي ئارمىيىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى بېلىقچىلار قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئەسكىرى قوشۇنى بىلەن ئارالنى ئىگىلىۋالغان تەغدىردە، ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش قوشۇنىنىڭ ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن تىنچلىق قانۇنىنىڭ توققۇزىنچى ماددىسىغا ئاساسەن ئۇلارغا ھەربىي سالاھىيەت بىلەن ھۇجۇم قىلىش ھوقۇقى بولمايدىكەن، ھەتتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىمۇ قارشىلىق بىلدۈرەلمەيدىكەن. خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلسا ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش قىسمى ئۇرۇش قىلىش ھالىتىگە ئۆتەلەيدىكەن. ئەگەر خىتاي بېلقىچى كېمىلىرىدىن پايدىلىنىپ شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ھۇجۇم ئېلىپ بارسا ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش ئارمىيىسى يۇقىرىقى قانۇندا بەلگىلەنگەن بەلگىلىمە بويىچە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمايدىكەن، پەقەتلا ياپونىيە دېڭىز قوغداش ئەترىتىگە ماسلىشىپ مۇداپىئە ئېلىپ بارالايدىكەن، لېكىن قورال ئىشلىتىشكە قەتئىي بولمايدىكەن.
سېنكاكۇ ئارىلىسى مەسىلىسىدە ئۆزگىچە قاراشتا بولۇپ كېلىۋاتقان تىنچلىقپەرۋەر ياپون تەتقىقاتچىلىرىدىن يۈكى خانىم ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بۇ قىيىن بولغان مەسىلىدە ئالدى بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن ئاۋۋال ھەر ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ مۇھىملىقىنى، سۆھبەت ئارقىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىجىما ئىسائو، ياپونىيە تىنچلىق قانۇنىنىڭ توققۇزىنچى ماددىسىنى ئۆزگەرتمىگەندە، ياپونىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداشتا تولىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئابې ھۆكۈمىتى بۇ قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى ياپونىيە پارلامېنتىدا كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئىزچىل ھالدا تىنچلىق تەرەپدارى بولغان باشقا پارتىيىدىكىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى يۈكى خانىم يۇقىرىدا دېيىلگەن تىنچلىق قانۇنىنىڭ توققۇزىنچى ماددىسىنى ئۆزگەرتىش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنىڭ ئۆزى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنىڭ باشلىنىشىدۇر. بۇنى ئۆزگەرتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلار ئاساسلىقى ئۇرۇشخۇمار ياپون مىللەتچىلىرى. بۇ ناھايىتى قورقۇنچلۇق ئەھۋال.
سىياسىي ئانالىزچى ئىسائو ماقالىسىنىڭ ئاخىرىسىدا، خىتاينىڭ تارىختا بىر نەچچە قېتىم سالاھىيىتى يوشۇرۇنغان ئەسكىرىي قوشۇنلارنى بېلىقچىلار قىياپىتىدە ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئەۋەتىپ ياپونىيە ئاراللىرىنى بېسىۋالماقچى بولغانلىقىنى، شۇڭا ياپونىيە خىتاي بېلىقچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتا ئوبدان ئويلىشىشى لازىملىقىنى، قىرىم مەسىلىسىنىڭ ئەينەن سېنكاكۇدا يۈز بېرىش ئېھتىمالىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.