قازاقىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۇ مەسىلىسى بالقاش كۆلىنى ھالاكەتكە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن

مەركىزىي ئاسىيادا قېلىپلاشقان جىددىي ئەھۋاللارنىڭ بىرى-سۇ مەسىلىسىدۇر. يېقىندا «سېنتىر ئاسىيا» تور بېتىدە بىر ماقالە ئېلان قىلىنىپ، قازاقىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدا سۇ جېدىلى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

0:00 / 0:00

قازاقىستاننىڭ ئېكولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە مەملىكەتتە سۇنىڭ يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۇلار بالقاش كۆلى، ئېرتىش دەريالىرىنىڭ كېلەچەكتە سازلىققا ئايلىنىپ، قازاقىستاننىڭ ئۇست-كامېنوگورسك، پاۋلودار، قارىغاندا ۋە شەمەي شەھەرلىرى ئاھالىسىنىڭ ئىچىملىك سۈيىسىز قالىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ئالىتاغ مۇزلۇقلىرىنىڭ ئېرىپ، ئالماتا شەھىرىنى سۇ ئېلىپ كېتىش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار مۇنداق پاجىئەلىك ھادىسىنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنلىكىنى، خىتاينىڭ غەربىي شىمال رايونىنى ئاتاپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى راۋاجلاندۇرۇش پىلانلىرى بىلەن باغلاشتۇرماقتا. «سېنتىر ئاسىيا» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان پيېتر بولوگوفنىڭ «2-نومۇرلۇق ئارال. خىتاي قانداق قىلىپ قازاقىستاننى چۆلگە ئايلاندۇرۇۋاتىدۇ» ناملىق ماقالىدە مانا شۇ مەسىلە ئەتراپىدا مۇلاھىزە قىلىنغان. «بۇ يېرىم چۆللۈك يەرلەرنى سۇسىز راۋاجلاندۇرۇش مۇمكىن ئەمەستۇر،-دەپ يازىدۇ ئۇ،-ھە، ئۇنى خىتايلار ئۇيالماستىن ئىلىدىن ۋە ئېرتىشتىن تارتىپ ئالماقتا. مەركىزىي ۋە شەرقىي قازاقىستاننىڭ ھاياتى بىۋاسىتە شۇلارغا باغلىق بولۇۋاتماقتا.»

چېگرالار ۋە خەلقئارا دەريالارغا ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر خىتاي ۋە قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا 1998-يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، پەقەت 2009-يىلى قازاقىستان خىتاي بىلەن بۇ مەسىلىنى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولغان. 2011-يىلى بولسا ئىلى ۋە ئېرتىش سۈيى مەنبەلىرىنى 2014-يىلغىچە تەڭ پايدىلىنىش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالانغان ئىكەن.

ماقالىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇزۇنلۇقى 4248 كىلومېتىر كېلىدىغان ئېرتىش دەرياسى ھەم 1439 كىلومېتىر كېلىدىغان ئىلى دەرياسى خىتاي يېرىدىن باشلىنىپ، ئىلى قازاقىستاندىكى بالقاش كۆلىگە قۇيۇلسا، ئېرتىش قازاقىستان يېرىدە ئېقىپ، ئاندىن رۇسىيىنىڭ ئوب دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. ئېرتىش دەرياسى ئىرتىش-قارىغاندا قانىلى ۋە مەملىكەت پايتەختى ئاستانا شەھىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئومۇمەن ئېرتىش تۆرت مىليون قازاقىستانلىقنى ئىچىملىك سۈيى بىلەن تەمىنلىسە، ئىلى دەرياسىدا قاپچىغاي سۇ ئامبىرى ئورۇنلاشقان ھەمدە ئىلى بالقاشقا قۇيۇلىدىغان سۇنىڭ 70-80 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.

ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2000-يىلى غەربىي رايوننى، يەنى ئۇيغۇر ئېلىنى كەڭ دائىرىدە ئۆزلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيىسىنى تەستىقلىغانلىقى، رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ بارا-بارا ئۆسۈۋاتقانلىقى، رايون سۇ بىلەن يېتەرلىك دەرىجىدە تەمىنلەنمىگەنلىكتىن، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يۆنىلىشتە ھەر قانداق چارىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

2012-يىلغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدە ئىلى دەرياسىدىن تارىم ئويمانلىقىغىچە بارىدىغان قانالنىڭ تېز سۈرئەتتە سېلىنىۋاتقانلىقى، قارا ئىرتىشنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت مەركىزى قارىماي شەھىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، بۇ ۋاقىتقىچە خىتاينىڭ قارا ئىرتىش-قارىماي ۋە ئىرتىش-ئۈرۈمچى قاناللىرىنى سالغانلىقى، تارىم ئويمانلىقىدا نېفىت ۋە گازنىڭ باي مەنبەلىرى تېپىلغانلىقتىن، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ رايوننى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كىرىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى سۇ توغرىلىق كېلىشىملەرنى يېڭىلاش مەقسىتىدە 2007-يىلى بالقاشقا قۇيۇلىدىغان سۇنىڭ ھەجمىنى كۆپەيتىش مەقسىتىدە خىتايغا ئوزۇق-تۈلۈك يەتكۈزۈش ھەققىدە ئون يىللىق ئىمتىيازلىق كېلىشىمنى تەكلىپ قىلغان ئىدى، ئامما خىتاي بۇنى رەت قىلغان. قازاقىستاننىڭ ئېكولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى بۇنىڭ نەتىجىسىدە بالقاش سۈيىنىڭ ئازىيىپ، بېلىق زاپىسىنىڭمۇ ئىنتايىن تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى، ئىچىملىك سۈيىنىڭمۇ ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى جار سالماقتا.

مەلۇمكى، خېلسىنكى كېلىشىمى بويىچە، چېگرالار ۋە خەلقئارا دەريالار ھەم كۆللەردىن پايدىلىنىشتا ھەر بىر مەملىكەت ئۆزىگە بۆلۈنگەن سۇ مىقدارىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى ھەم ئېكولوگىيە پاجىئەسى يۈز بەرگەن تەقدىردە ئېلىنىدىغان چارىلەر ھەققىدە تەپسىلىي ئېيتىلغان. ئامما خىتاي بۇ ھۆججەتكە قول قويۇشتىن باش تارتماقتا ئىكەن. ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى سانائەت قۇۋۋەتلىرىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىدىن ئېرتىش ۋە ئىلى دەريالىرىغا تاشلىنىۋاتقان زىيانلىق ماددىلارنىڭمۇ كۆپىيىپ، سۇنىڭ ساپاسىنى بۇزۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ماقالىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېنىدىكى «ئېكوسوس» يەنى ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي كېڭەش لايىھىسىنىڭ رەھبىرى بەخىتجان بازاربېكنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تەخمىن قىلىشىچە، ئېرتىش ۋە ئىلى دەريالىرىنىڭ سۇ كۆلىمىنىڭ ئازىيىشى كېلەچەكتە قازاقىستاننىڭ بالقاش ۋە زايسان كۆللىرىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگە، ئىلى ئالىتېغى، جۇڭغار ئالىتېغى ۋە تارباغاتاي مىللىي تەبىئەت پاركلىرىنىڭ يوقىلىشىغا، بالقاش قۇرۇپ كەتكەن تەقدىردە، ئۇنىڭدىكى مىڭلىغان توننا تۇزنى شامال ئۇچرىتىپ، ئاقىۋەتتە ئالىتاغدىكى مۇزلار ئېرىپ، ئالماتا شەھىرىنى سۇ تاشقىنى بېسىش خەۋپىنىڭمۇ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن دەيدۇ ئۇ: خىتاي ۋە قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۈچىنچى بىر مەملىكەتنى، يەنى رۇسىيىنى جەلپ قىلىش كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىرىسىدىمۇ خىتايغا تەسىر يەتكۈزۈش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.