تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇد ئوغلۇ سۈرىيەدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىرقى تائىپىۋازلىق جىنايەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە ئەسەدنىڭ رەزىللىكلىرىنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويدى.
مەلۇمكى، بۇ كۈنلەردە ئەرەب دۇنياسىدىكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى، خۇسۇسەن، سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان گېزىتلەر تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇد ئوغلۇنىڭ سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيەدە چىقىرىۋاتقان مەزھەپچىلىك توقۇنۇشى ۋە ئەسەدنىڭ سۈننىي مۇسۇلمانلىرىغا قارشى قىلىۋاتقان جىنايەتلىرى ھەققىدە بەرگەن باياناتى ھەققىدە سۆزلىمەكتە. سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان گېزىتلەردە ئەھمەد داۋۇد ئوغلۇنىڭ سۈرىيە ۋەزىيىتى ۋە بەششار ئەسەدنىڭ يېڭى جىنايەتلىرى ھەققىدە بەرگەن باياناتى تولۇق نەشر قىلىنغان ۋە بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ئىنكاسلار يېزىلغان.
لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2013-يىلى 9-ماي كۈنىدىكى سانىدا، «ئەھمەد داۋۇد ئوغلۇ بەششار ئەسەدنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىۋەتتى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇد ئوغلۇ سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەسەدنىڭ تائىپىۋازلىق ئۇرۇشى قوزغاش ئارقىلىق سۈرىيەدىكى سۈننىي مۇسۇلمانلارنى قىرىپ تاشلاپ، ئۆزىنىڭ مەزھىپى بولغان نۇسەيرىيە مەزھىپىدىكىلەرگە لىۋان بىلەن سۈرىيەنىڭ ھەمس شەھىرى ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە رايون قورغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقنى قىرىپ تاشلاپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پىلانلىرىنى بىر-بىرلەپ پاش قىلدى. ئەھمەد داۋۇد ئوغلۇغا كۆرە، سۈرىيە ھاكىمىيىتى سۈرىيەدە پارتلىغان خەلق ئىنقىلابىغا قارشى مۇنداق 5 باسقۇچلۇق پىلاننى قۇرغان: بىرىنچىسى، ھاكىمىيەتكە قارشى چىققانلارنى قىلچە رەھىم قىلماستىن ئۆلتۈرۈش ۋە ۋەھشىيلەرچە قىرىش ئارقىلىق ئۇلار تەلتۆكۈس تازىلاش، ئىككىنچىسى، ئىنقىلابچىلار ئورۇنلاشقان شەھەر ۋە يېزىلارنى بومبىلاش ئارقىلىق ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق ئەسلىھەلىرىنى يوق قىلىش، ئۈچىنچىسى، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشلىتىپ ھاكىمىيەتكە قارشى نامايىش چىققان شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىنى بومباردىمان قىلىش ۋە خەلقنىڭ كۆڭلىگە ۋەھىمە سېلىش، تۆتىنچىسى، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىش يولىدا ئەڭ يېڭى تىپتىكى قىرغۇچ قوراللارنى ئىشلىتىپ ئىنقىلابنىڭ تەسىرىنى سۈرىيە زېمىنىدىن يوق قىلىشتىن ئىبارەت بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇرۇندى. ئەمما كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يېتەلمىدى. چۈنكى ئەسەد ھاكىمىيىتى سۈرىيەدە ئىنقىلاب چىققان شەھەر ۋە يېزىلارنى قاتتىق بومباردىمان قىلغان بولسىمۇ، ئىنقىلابچىلارنى يوق قىلالمىدى، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتەلمىدى. بەشىنچى پىلانى بولسا، ئىنقىلابچىلارنىڭ قولىدىكى رايونلارنى قايتۇرۇپ ئېلىشتىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەنلىكتىن، سۈرىيەدە ئۆزىنىڭ مەزھىپى بولغان نۇسەيرىيە مەزھىپىدىكىلەر ئۈچۈن ئالاھىدە رايون قورۇش پىلانى ئىدى. ئەسەد ھاكىمىيىتى مەزكۇر 5-پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا سۈرىيە زېمىنىدا سۈننىي مەزھەپتىكىلەرنى ھايات قالدۇرماسلىق ۋە نۇسەيرىيە مەزھىپىدىكىلەرنى قوغداش سىياسىتى بويىچە ئىش باشلىماقتا. ئەھمەد داۋۇد ئوغلۇ يەنە تۈركىيەنىڭ «ھۈررىيەت» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيەنىڭ بانياس رايونىدا ئېلىپ بارغان قەتلىئامىدا 63 ئادەمنى نەق مەيداندا ئۆلتۈرگەنلىك جىنايىتىنىڭ ئەسەد جىنايەتلىرى ئىچىدە يېڭى بىر ئېچىنىشلىق جىنايەت بولۇپ تارىخقا قەيت قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇ ئىشنىڭ تولىمۇ ۋەھشىيلىك ئىكەنلىكىنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كەررىيگە يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتقان.»
سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «ئوكاز» گېزىتىنىڭ 2013-يىلى 9-ماي كۈنىدىكى سانىدىمۇ سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەسەدنىڭ يېڭى جىنايەتلىرى ھەققىدە يېزىلغان بولۇپ، مەزكۇر گېزىتنىڭ سۆھبىتىنى قوبۇل قىلغان پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەر ئۇستازى دوكتور خەتتا ئەبۇ دىياب مۇنداق دېگەن:
«سۈرىيەدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنقىلابنىڭ باشلىنىشىدىن تا ھازىرغىچە سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئەسەد ھاكىمىيىتى سۈرىيەنى قولىدا ساقلاپ قېلىشتىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەنلىك سەۋەبتىن سۈرىيەنىڭ ھەمىس شەھىرىنى نۇسەيرىيەلەر ئۈچۈن ساقلاپ قېلىش ۋە بۇ شەھەرنى دېڭىز بويىغا تۇتىشىدىغان رايونلارغا باغلاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى قوغداپ قېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا. نۇسەيرىيە مەزھىبى-ئىسلامدىكى شىئە مەزھىبىنىڭ بىر پىرقىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى ئىمام مەھدىنىڭ مۇخلىسلىرىدىن بىرى بولغان مۇھەممەد ئىبنى نۇسير ئىبنى نەمرى دېگەن ئادەمنىڭ نامىغا ئاتالغان مەزھەپتۇر. بۇ مەزھەپ سۈرىيەدە كەڭ تارقالغان بولۇپ، 20-ئەسىردىن ئىلگىرىكى دىنىي مەنبەلەردە بۇ مەزھەبنىڭ نامى«نۇسەيرىيە»دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن فىرانسىيە سۈرىيەنى ئىستېلا قىلغاندىن كېيىنكى مەزگىللەردە، بۇ مەزھەبنىڭ ئادەملىرى ئۆزلىرىنى «ئەلەۋىيلەر» دەپ ئاتايدىغان بولغان. ئەسەد ئائىلىسىنىڭ ئىران بىلەن بولغان يېقىن باغلىنىشى ۋە دوستلۇقى مەزھەپتىكى يېقىنلىقتىن كېلىپ چىققان بولۇشى ئېھتىمال، چۈنكى ئىراندىكى شىئە مەزھىپى بىلەن سۈرىيەدىكى نۇسەيرىيە مەزھىپى ئوتتۇرىسىدا يېقىنلىق بار. ھەر ئىككىلىسى سۈننىي مۇسۇلمانلىرىنى يامان كۆرىدۇ. ھالبۇكى، سۈننىي مۇسۇلمانلىرى دۇنيادىكى ئومۇمىي مۇسۇلمانلار سانىنىڭ 86 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.»
سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «ئەل ۋەتەن» گېزىتىنىڭ شۇ كۈنىدىكى سانىدا، سۈرىيە ئىنقىلابچىلىرى مىللىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى بولغان ئىمادۇنددىن رەشىد دېگەن كىشىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان:
«بەششار ئەسەدنىڭ سۈرىيەدە ئەلەۋىي دۆلەت قۇرۇش پىلانى ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇزۇن داۋام قىلمايدۇ. چۈنكى سۈرىيەدىكى ئەلەۋىي جامائەتلەر بەششار ئەسەد بىلەن بىر مەزھەپتە بولسىمۇ، ھاكىمىيەت جەھەتتە ئۇنى خالىمايدۇ ۋە ئۆز -ئارا ئىختىلاپقا چۈشۈش سەۋەبلىك بۇ ۋاقىتلىق دۆلەت ئاخىرى ئاغدۇرۇلىدۇ. شۇ ئېنىقكى، بەششار ئەسەدنىڭ بۇنداق بىر تائىپىۋالىق دۆلىتى قۇرۇشنى پىلانلىشى ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىختىيارى بولۇپ، سۈرىيەنى ساقلاپ قېلىشتىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەنلىكتىن بۇنى قۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. ئەسەد قۇرماقچى بولغان دۆلەتنىڭ مەغلۇپ بولۇشى جۇغراپىيە جەھەتتىنمۇ مۇقەررەردۇر. چۈنكى ئەتراپى ئۆزىگە دۈشمەن بولغانلار بىلەن چېگرىلانغان مۇنداق بىر دۆلەتنىڭ داۋام قىلىپ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس.»