چۈنكى، كۆپ دۆلەتلەرنىڭ نەزىرىدە، ئاساسلىق مەسىلە سۈرىيىدىكى ئىنسانىي كرىزىسنى ھەل قىلىش بولماستىن، بەلكى ئىقتىساد ۋە مەنپەئەت تالىشىش كرىزىسى بولۇپ قالغانلىقتىن، خەلقنىڭ توپ - توپ ھالدا ئۆلۈپ كېتىشى، شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ بومباردىمان بولۇپ كېتىشى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق. ھېچكىم بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بۇنچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت پۇت تېرەپ تۇرالىشىنى كۈتمىگەن ئىدى. ئەمما خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى مەۋقەسى بىلەن ئىراننىڭ ئەسەدكە تەشكىللىك ھالدا ياردەم بېرىشى ھازىرغىچە مىڭلىغان بىچارە خەلقنىڭ قېنى تۆكۈلۈشكە، سۈرىيە شەھەر ۋە يېزىلىرىنىڭ بۈگۈنكىدەك ۋەيران بولۇپ كېتىشىگە يول ئاچتى.
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان:«ئەلۋەتەن» گېزىتىنىڭ 2013 - يىلى31 - يانۋار كۈنى سانىدا «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىبرەت» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە دۇنيا سىياسەت سەھنىسىدە ئۈچ كىشى ئۇرۇش غالىبلىرى سۈپىتىدە پارلىغان ئىدى. ئۇلار سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دىكتاتورى جۇزىف ستالىن، سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى فرانكلىن روزۋېلت، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى چېرچىل قاتارلىقلار ئىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 27 مىليون، ئامېرىكىنىڭ300 مىڭ، ئەنگىلىيىنىڭ 300 مىڭدىن ئازراق ئادىمى ئۆلگەن ئىدى. لېكىن ئۇزۇنغا بارماي ئامېرىكا ئۆز دۇنياسىدا ئىقتىسادىنى ئوڭشىۋالغان، ئەنگىلىيە ئىقتىساد كرىزىسىغا ئۇچرىغان، سوۋېت ئىتتىپاقى ئاچلىق ۋە نامراتلىقنىڭ مەنبىئى بولۇپ قالغان ئىدى. شۇنىڭدىن 50 يىل كېيىن يەنە ئامېرىكا ئۆز قىتئەسىدە ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشنى داۋام قىلغان، ئەنگىلىيە ئىمپېراتورلۇقىنى داۋام قىلغان، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ قايتىدىن ئۆزىنى ئوڭشىۋالغان كۆرۈنۈش كۆز ئالدىمىزدا تۇرماقتا. بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا ئىقتىساد جەھەتتە دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقىسى بولۇپ كەلدى.»
ئۇرۇشنىڭ پايدىسىنى كىم ئالماقچى ؟
لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ شۇ كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئۇرۇشنىڭ پايدىسىنى كىم ئالماقچى ؟» دېگەن تېمىدىكى بىر ماقالىدە مۇنداق يېزىلغان:«دۇنيادا ئىقتىساد ساھەسىدە ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ئامېرىكا بولۇپ قالغاندىن كېيىن، خىتاي دۆلىتى دۇنيا ئىقتىساد سەھنىسىگە كىرىپ كەلدى. ئۇ ئالدى بىلەن رۇسىيە بىلەن كېلىشتى، ئاندىن ئامېرىكىنى تەقلىد قىلىشقا باشلىدى. ئاندىن ئافرىقا دۆلەتلىرىگە خۇددى سەلدەك كىرىپ كەلدى، ئۇ جايلاردا ئىقتىسادىي مۇئەسسەسەلىرىنى قۇردى. شۇنىڭ بىلەن سىياسەت سەھنىسىنى ئامېرىكىغا تاشلاپ بېرىپ، ئىقتىساد سەھنىسىگە ئۆزى چىقىشقا تىرىشىپ كەلدى. نەتىجىدە، خىتاي ئىقتىساد جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىدىغان دەرىجىگە يەتتى. چۈنكى، ئۇلار كوممۇنىزمنىڭ رەمزى بولغان ماۋنىڭ سۈرىتىنى پۇلىغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، كاپىتالىزمچە ئىقتىساد تۈزۈمىنى يولغا قويغان ئىدى. ھازىرچە خىتاينىڭ ھەممىگە مايىللىق سىياسىتى ئۇرۇش ۋە تىنچلىقنىڭ نەتىجىلىرىنى يىغماقتا.»
0:00 / 0:00
