پرېزىدېنت ئوباما ۋە باش مىنىستىر ئەردوغان سۈرىيەنىڭ ئەسئەد ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەسئەدنىڭ ھوقۇقتىن چۈشۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق قاچان، قانداق چۈشۈش مەسىلىسى ئايدىڭلاشمىدى.
پرېزىدېنت ئوباما پەيشەنبە كۈنى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئاقسارايدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئەردوغان بىلەن سۈرىيەدىكى قانلىق توقۇنۇشنى تېزرەك ئاخىرلاشتۇرۇش يولىنى داۋاملىق ئىزدەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەردوغان ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلاشتىن سەل بۇرۇن تۈركىيەنىڭ رەيھانلى ناھىيىسىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، 50 نەچچە ئادەم ئۆلگەن. بۇ ۋەقە تۈركىيەدە ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيە سىياسىتى تۈركىيەنى پالاكەتكە ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەنقىدلەرنى كۈچەيتكەن ئىدى. رەيھانلىدىكى پارتلاش بىلەن سۈرىيە مەسىلىسى ئەردوغاننىڭ كۈنتەرتىپىدىكى تۈپ مەسىلىسىگە ئايلانغان.
بىراق، ئاقسارايدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ھەر ئىككى دۆلەت رەھبىرى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سۈرىيەگە بېسىمنى ئېغىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئەسەدنى قاچان ۋە قانداق ئاغدۇرۇش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىگە كەلگەن-كەلمىگەنلىكى ئايدىڭلاشمىدى.
پرېزىدېنت ئوباما ئۆزىنىڭ ئەردوغان بىلەن بەشىر ئەسەدنىڭ ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەكلىكى توغرىلىق ھەمپىكىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: بىز ئەسەد ھاكىمىيىتىگە بولغان بېسىمنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز ۋە سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىمىز. باش مىنىستىر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەسەدسىز دېموكراتىك سۈرىيە قۇرۇش سېپىنىڭ بېشىدا ئورۇن ئالىدۇ. تۈركىيە يەنە، كېلىدىغان ھەپتە ئۆكتىچىلەر بىلەن ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىز ھەر ئىككىمىز ئەسەد كېتىشى كېرەك، دەپ قارايمىز. ئۇ ھوقۇقنى ئۆتكۈنچى ئورگانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. بۇ سۈرىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن-بىر يولى. بىز سۈرىيەنى ئەسەدنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇقىدىن قۇتقۇزۇشقا داۋاملىق ياردەم قىلىپ، بارلىق ئېتنىك، دىنىي مەزھەپلەرنى بۇنىڭغا داخىل قىلىمىز. بۇ ئەسەبىيلىكنىڭ ئەمەس، مۇقىملىقنىڭ كاپالىتى. بۇ بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بولۇپمۇ، تۈركىيەنىڭ مەنپەئىتىگە پايدىلىق، دەپ كۆرسەتتى.
تۈركىيە ئامېرىكانىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى تەدبىرلەرنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن. باش مىنىستىر ئەردوغان ئىككى دۆلەتنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى چۈشەنچىسى ئۆز-ئارا ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئەسەدكە قارشى قانداق كونكرېت تەدبىر ئېلىنىدىغانلىقى ھەققىدە سۆز بولۇنمىدى. ئەردوغان: سۈرىيە مەسىلىسى كۈنتەرتىپتىكى 1-نومۇرلۇق تېما. سۈرىيە كۈنتەرتىپىمىزدىكى ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئەھۋالدا، بىز يېتىپ كەلگەن ھازىرقى باسقۇچ ۋە بۇنىڭدىن كېيىن قىلالايدىغان ئىشلارنى كۆرۈشتۇق. بۇ يەردە بۇ جەھەتتىكى چۈشەنچىمىزنىڭ ئۆز-ئارا ماس كېلىدىغانلىقىنى بايا پرېزىدېنتنىڭ سۆزىدىن ئاڭلىدۇق. بۇ مەسىلىنى ئاخشاملىققا تەپسىلىي سۆزلىشىمىز. قانلىق توقۇنۇشقا خاتىمە بېرىش، يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىمىز بار. ئۆكتىچىلەرنى قوللاش، ئەسەدنىڭ ھوقۇقنى تاپشۇرۇشى، سۈرىيە تېررورلۇق تەشكىلاتلارنىڭ بازىسىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى، خىمىيىلىك قوراللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ كۆرسەتتى.
پرېزىدېنت ئوباما ئىلگىرى ئەسەد ھۆكۈمىتىنى ئۆكتىچىلەرگە قارشى خىمىيىلىك قوراللارنى قوللانماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن قىزىل سىزىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىراق خەلقئارا ئاخبارات ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچىلەرگە خىمىيىلىك قورال قوللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئىنكاسىغا دىققەت قىلىپ كەلگەن. تۈركىيە ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەردوغان ۋاشىنگتونغا ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆكتىچىلەرگە خىمىيىلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىگە دائىر بەزى دەلىل-ئىسپاتلارنى بىرگە ئېلىپ بارغان. لېكىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئوباما ئەگەر، ئەسەد خىمىيىلىك قورال ئىشلەتسە، ئامېرىكا دىپلوماتىك ۋە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بىراق ئەسەدنىڭ خىمىيىلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىگە دائىر ئۈزۈل-كېسىل دەلىل كېرەكلىكى، بولمىسا سۈرىيە توقۇنۇشىغا خاتىمە بېرىشنىڭ «سېھىرلىك رېتسېپى يوقلۇقى» نى بىلدۈردى. ئەردوغان بولسا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈرىيەدىكى ۋەزىيەتكە تېخىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكادىكى خەلق رايى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئېلان قىلغان راي سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيەدىكى راي سىناشقا قاتناشقان 68% ئاھالە ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيە پارتىزانلىرىنى قوراللاندۇرغانلىقىغا قارشى چىققان. 62% كىشى سۈرىيەدىكى زوراۋانلىقنىڭ تۈركىيەگە كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.