تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسى بىلەن بىرلىكتە سۈرىيە چېگراسى ئىچىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ جېرابلۇس شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە رايوننىڭ كونتروللۇقىنى قولغا ئالدى.
تۈركىيەنىڭ سۈرىيەگە يۈرۈش قىلغان ھەربىي ھەرىكىتى ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدىننىڭ ئەنقەرە زىيارىتىگە توغرا كەلدى. جوۋ بايدىن بۇ ھەرىكەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
24-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن ئەنقەرەگە كەلدى ۋە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان ھەم باش مىنىستىر بىنئالى يىلدىرىم بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچراشتى.
24-ئاۋغۇست سەھەر ۋاقتى بىلەن باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتكە «فرات قالقىنى ھەرىكىتى» دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ھەرىكەتتە دائىشنىڭ 81 نىشانىغا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى. قۇرۇقلۇق ئارمىيە تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەرىكەتكە تۈركىيە ھاۋا ئارمىيىسىمۇ قاتناشقان بولۇپ، F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ 12 ئورۇننى بومباردىمان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
تۈركىيە ئارمىيىسى سۈرىيە چېگراسى ئىچىگە قۇرۇقلۇقتىن تانكىلار بىلەن كىرگەن بولۇپ ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ 4 رايوننى دائىش دېگەن تەشكىلاتنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان ھەم 100 دىن ئارتۇق دائىش ئەزالىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
دائىش (ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى) تەشكىلاتى بىلەن ي پ گ دېگەن كۇرد تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان تۈركىيە بۇ تەھدىتلەرنى چېگرا ئەتراپىدىن تازىلاش ھەم ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسىگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە چېگرا ھالقىپ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى. چارشەنبە كۈنى سەھەر ۋاقتى سائەت 4:00 لەردە باشلانغان ھەربىي ھۇجۇمدا ئالدى بىلەن توپ زەمبىرەكلەر ئىشقا سېلىندى. كېيىن ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى. نەتىجىدە تۈركىيە بىلەن سۈرىيە چېگراسىغا جايلاشقان جېرابلۇس رايونىدىكى دائىش تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى چۈش ۋاقتى بىلەن تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىدا مۇھاسىرىگە ئېلىندى.
يېقىندىن بۇيان دائىش (ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى) تەشكىلاتى تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان يەرلىرىدە، بولۇپمۇ شەرق ۋە جەنۇبىي شەرق رايونلىرىدا ئۆزىنى قوشۇپ پارلىتىش ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشى ۋە ئۆتكەن ھەپتە قارقامىش رايونىغا ھاۋادىن بومبا ئېتىشى سەۋەبىدىن تۈركىيە ئارمىيىسى سۈرىيە چېگراسى ئىچىگە بېسىپ كىردى ھەم دائىش ۋە ي پ گ كۇرد تەشكىلاتىغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ باردى.
نەتىجىدە تۈركىيە چېگراسىغا 4 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى تۆت يېزا ۋە جېرابلۇس شەھىرى دائىش (ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى) تەشكىلاتىنىڭ قولىدىن ئېلىنىپ ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىغا ئۆتتى.
ھەرىكەتنىڭ 2-كۈنى يەنى پەيشەنبە ئەتىگەندە تۈركىيە تەرەپتىن قوشۇمچە 10 تانكا سۈرىيە چېگراسىدىن ئۆتۈپ جېرابلۇس تەرەپكە يۈرۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. تۈركىيە ئارمىيىسى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.
بۇ ھەقتە تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنئالى يىلدىرىم تېلېۋىزىيە پروگراممىدا سۆز قىلىپ، نېمە ئۈچۈن تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ سۈرىيەگە كىرگەنلىكىنىڭ سەۋەبى ۋە ھەربىي ھەرىكەتنىڭ قاچانغىچە داۋام قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە چېگرا سىرتىدىن خەۋپكە دۇچ كەلدى. تۈركىيە بىر قانچە قېتىم دائىش ۋە پ ك ك نىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن چېگرا سىرتىدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشتىن باشقا چارە قالمىدى. دائىش ۋە ي پ گ قوراللىق تەشكىلاتلار تۈركىيە چېگرالىرىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلغانغا قەدەر بۇ ھەربىي ھەرىكەت داۋام قىلىدۇ.»
ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ سۈرىيە چېگراسى ئىچىدە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدىننىڭ ئەنقەرە زىيارىتىگە توغرا كەلدى. 24-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن ئەنقەرەگە كەلدى ۋە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان ۋە باش مىنىستىر بىنئالى يىلدىرىم بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچراشتى.
24-ئاۋغۇست ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن بىلەن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان ئۇچراشقاندىن كېيىن ئىككى تەرەپ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ سۈرىيەگە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى بىلەن جېرابلۇس شەھىرىنىڭ قايتىدىن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكىنى ۋە دائىش قوراللىق كوچىلىرىنىڭ جېرابلۇسنى تەرك ئېتىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە ئەردوغان، جوۋ بايدىندىن 15-ئىيۇل تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ھەربىي ئىسياننىڭ باش رولچىسى دەپ قارىلىۋاتقان فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلغان. جوۋ بايدىن بۇنىڭغا جاۋابەن ئامېرىكىنىڭ قانۇن دۆلىتى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر قانداق ئىش ۋە كىشى قانۇنغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلىگە قانۇن ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى جىنايەتكە ئالاقىدار دەلىل-ئىسپات ئېنىقلانغاندا قىدىرىل سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇخبىرنىڭ تۈركىيەنىڭ سۈرىيەگە يۈرۈش قىلغان ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ جېرابلۇستا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللايمىز. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، تۈركىيە چېگرالىرى تۈركلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولۇشى كېرەك ۋە ھېچ بىر گۇرۇپپا تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنماسلىقى كېرەك. كىچىك پارچىلارغا بۆلۈنمەسلىكى كېرەك. بىز تۈركىيە بىلەن تېخىمۇ زىچ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى خالايمىز. بىز تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللايمىز.»
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ چېگراسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتتىن نېمىنى مەقسەت قىلىدۇ؟ قانداق بىر نەتىجىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى كۈتىدۇ.
مەلۇم بولغىنىدەك سۈرىيەدە ھەر قايسى گۇرۇپپىلارنىڭ ئارىسىدا ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان خېلى كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەممىمىز بىلىمىز، بۇ ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركىيە ئارمىيىسى قارشىلىشىپ قالسا قانداق بولىدۇ؟ سىزچە مۇشۇنداق بىر ئېھتىماللىق ئوتتۇرىغا چىقارمۇ؟
بۇ قېتىم ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن ئەنقەرە زىيارىتىدە تۈركىيەنىڭ جېرابلۇس ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سۈرىيە مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئورتاق ھەرىكەت قىلىش ئېھتىمال بارمۇ؟ يەنى ئامېرىكا سۈرىيەدىكى كۇرد قوراللىق كۈچلىرىنى قوللاشتىن ۋاز كېچىپ دائىش ۋە كۇرد قوراللىق كۈچلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى ئوچۇق قوللاش ئېھتىماللىقى بارمۇ؟ دېگەندەك سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىز تۈركىيە چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. يۇقىرىدىكى ئاۋازلىق پروگراممىدىن بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.