رۇسيە بومباردىمانىدىن قاچقان تۈركمەنلەر تۈركىيەگە كۆچۈشكە باشلىدى

0:00 / 0:00

رۇسيەنىڭ سۇرىيەدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇۋاتقان رايونلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بومبىلاش ھەرىكىتى بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى. سۈرىيە بايىر - بۇجاق تۈركمەنلىرى جەمئىيىتى رەئىسى سائادەتتىن موللا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركمەنلەر تۈركىيەگە قاراپ قېچىشقا باشلىغان. 30 - 31 يانۋار كۈنلىرى ئىككى كۈن ئىچىدە كۆپ ساندا تۈركمەن ئائىلىلىرى سۈرىيە بىلەن چېگراداش بولغان تۈركىيە خاتاي، گازىئانتەپ ۋە ئۇرفا ۋىلايەتلىرىدىكى مۇساپىرلار لاگىرلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، كۆپ ساندا تۈركمەن ياش ئاتا - ئانىلىرىنى، بالا - چاقىلىرىنى تۈركىيەدىكى مۇساپىرلار لاگىرلىرىغا ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، ئۇرۇشقا قاتنىشىش ئۈچۈن قايتا سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تۈركمەن رايونلىرىغا قايتىپ كەتمەكتە ئىكەن.

رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى 30 - يانۋار كۈنىدىن بېرى سۈرىيەنىڭ شىمالىي رايونىدىكى تۈركمەن رايونىنى بومبىلاشنى كۈچەيتكەندىن كېيىن، تۈركىيە تۈركمەنلەر ئۈچۈن قۇرۇپ بەرگەن تۈركىيە چېگرىسىغا يېقىن جايدىكى يامادا مۇساپىرلار لاگىرى بىلەن تۈركمەن رايونى ئارىسىدىكى يول ئۈزۈلۈپ كەتكەن. سۈرىيە تۈركمەن قۇرۇلتىيى رەئىسى ئابدۇراخمان مۇستافا ئەپەندى تۈركىيە ئىنتېرنېتخابەر گېزىتىگە 31 - يانۋار كۈنى بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ خاتاي ۋىلايىتىنىڭ يايلا تېغىنىڭ ئۇدۇلىغا قۇرۇلغان يامادى مۇساپىرلار لاگىرىنى بىكارلاشنى مۇۋاپىق تاپقانلىقىنى، چۈنكى يامادى تېغىنىڭ ئۈچ كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىدىكى ئوبىن مۇساپىرلار لاگىرىغىمۇ رۇسيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بومبا تاشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئابدۇراخمان ئەپەندى بۇ لاگىرلاردا 20 مىڭ تۈركمەن بارلىقىنى، بۇلار 5 - 6 يۈز كىشىلىك گۇرۇپپا شەكلىدە تۈركىيەگە كۆچۈشكە باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

سۈرىيە بايىر - بۇجاق تۈركمەنلىرى جەمئىيىتى رەئىسى سائادەتتىن موللا ئەپەندى سۈرىيە چېگرىسىدىكى تۈركمەنلەرنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈشى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «تۈركمەنلەر تۈركىيەگە كۆچۈۋاتقان بولسىمۇ، بىزنىڭ كۈرىشىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ. دۇنيادا بىر تۈركىيە بار بىزگە ياردەم قىلىۋاتقان. ئاللاھ تۈركىيەگە كۈچ - قۇۋۋەت بەرسۇن. تۈركىيە بىزگە ياردەم قىلىشقا سەپەرۋەر بولدى. يېرىم كېچە سائەت 1 - 2 ئەتراپىدا خاتاي ۋالىسى، ياراداغ ناھىيەسى ھاكىمى چېگراغا كېلىپ سۈرىيە خەلقىنى كۈتىۋېلىۋاتىدۇ.»



دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۈرىيە مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن رۇسيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بارغانسېرى جىددىيلىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ قوراللىق ئۇرۇش قىلمايدىغانلىقىنى، تۈركمەن مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرە يولى بىلەن ھەل قىلىشنى تاللايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەنىڭ خاتاي ۋىلايىتىدىكى يايلاداغ چېگرىسىغا كەلگەن تۈركمەنلەر قورال - ياراقلىرى تارتىۋېلىنغاندىن كېيىن، بەدەن تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلۈپ تىزىملاپ، قولىغا ۋاقىتلىق كىملىكلىرى بېرىلگەندىن كېيىن تۈركىيەدە ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بارلار تۇغقانلىرىنىڭ يېنىغا، قالغانلىرى بولسا خاتاي، گازىئانتەپ ۋە شانلىئۇرفا ۋىلايىتىدىكى مۇساپىرلار لاگىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا ئىكەن.

بۇندىن 5 يىل بۇرۇن سۈرىيەدىكى ئۇرۇشتىن قاچقان مۇساپىرلار تۈركىيەگە كۆچۈشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇ يىللاردا كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ كۆپى ئەرەبلەر ئىدى. يېقىندىن بېرى بولۇپمۇ رۇسيە ھاۋا ئارمىيەسى تۈركمەن رايونىنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن تۈركمەنلەرمۇ كۆچۈشكە باشلىدى.

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى دېدى: «مەن دۇنياغا شۇنى دېمەكچىمەنكى، دۇنيادا 23 ئەرەب دۆلىتى بار. ھازىرغىچە بۇ يەردىكى ئەرەبلەردىنمۇ ھال - ئەھۋال سورىمىدى. سۈرىيەدە قەتلىئاملار بولدى، ئاۋام خەلققە بومبا تاشلاندى. بۇلار ئالدى بىلەن مەكتەپ، دوختۇرخانا، مەسچىت ۋە ئاۋام خەلقنىڭ مەھەللىرىنى بومباردىمان قىلدى. بۇ يەرگە ھېچقانداق بىر ئەرەب دۆلىتىنىڭ رەھبىرى كېلىپ سۈرىيە خەلقىدىن ھال سورىمىدى. سۈرىيە خەلقىغە تۈركىيە كۆپ ياردەم قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ. مەن بىر تۈركمەن بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قانداق رەھمەت ئېيتىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن. تۈنۈگۈندىن بېرى تۈرك خەلقى ھەتتا كىچىك بالىلار تېلېفون قىلىپ، سىلەرگە نېمە لازىم، پۇل يىغىپ ئەۋەتەيلىمۇ، دەۋاتىدۇ. مەن سۈرىيە بايىر - بۇجاق تۈركمەنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۈركىيەگە، تۈرك خەلقىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.»

سۈرىيە بايىر - بۇجاق تۈركمەن جەمئىيىتى رەئىسى سائادەتتىن موللا ئەپەندى ياشلارنىڭ ئاتا - ئانا ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن جەڭگە قاتنىشىش ئۈچۈن كېتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر يامادى دېگەن جايدا تۈركىيەگە كېلىشنى كۈتۈۋاتقان 2500 - 3000 ئەتراپىدا تۈركمەن بار. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ياشلار ئۆز دەۋاسىغا ئىگە چىقىش ئۈچۈن ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى تۈركىيەدىكى ئىشەنچىلىق جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، جەڭ مەيدانىغا قايتىپ كېتىۋاتىدۇ. بەزىلىرى بولسا يايلاتاغ مەركەزدىن رۇخسەت كۈتىۋاتىدۇ. سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 140 ئەتراپىدا تۈركمەن يېزىسى بار، بىز مىڭ يىلدىن بېرى بۇ جايدا ياشاۋاتىمىز. ئۆز يۇرتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز.»

بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى بايان قىلغان تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۇتى مۇتەخەسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، رۇسيە فېدېراتسىيەسى ئۈچۈن سۈرىيە تۈركمەنلىرى ياشاۋاتقان رايوننىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئاق دېڭىزدىكى تارسۇستا رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى بازىسى بارلىقىنى، بۇنى قوغداش ئۈچۈن تۈركمەن رايونىغا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى، شۇڭا بۇ رايوننى بومباردىمان قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.