سۈرىيەدە ئېقىۋاتقان قانلار ۋە ئىراننىڭ ئىتتىپاقداشلىرى

0:00 / 0:00

سۈرىيەدىكى خەلق ئىنقىلابىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگىچە غەلىبە قىلالماسلىقىغا سەۋەبچى بولغانلارنىڭ ئىران بىلەن رۇسىيە ئىكەنلىكىنى ھەممە سۆزلىمەكتە.

ئەرەب يازغۇچىسى ياسر زەئاتىر يېقىندا، ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى رولىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى يورۇتقان ھالدا «ئەل جەزىرە» گېزىتىدە يازغان ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان:«ئىران ئۇزۇندىن بىرى سۆزلەپ كەلگىنىمىزدەك، سۈرىيە ئىنقىلابىنى باستۇرۇش يولىدا ئەتراپتىكىلەر، ھىزبۇللاھچىلار ۋە ئىراقلىقلار بىلەن ئىتتىپاقداش مەيدان تەشكىللەپ بەشار ئەسەدنىڭ ئۆز خەلقىنى قىرىپ تاشلاپ، دۆلەتنى ۋەيران قىلىپ، مىليونلارچە سۈرىيەلىكنى خانىۋەيران قىلىشتەك جىنايىتىگە ھەسسە قوشۇپ، زالىمغا يانتاياق بولغان جىنايىتى ئۈچۈن ھامان بىركۈن قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ، پۇرسەت كەتكەندە پۇشايمان پايدا بەرمەيدۇ دەپ كەلگەنىدۇق. ئىراننىڭ بۇ قارارى ئىران ئىنقىلابىدىن كېيىن ئالغان ئەڭ يامان قارار بولۇشى مۇمكىن. بۇ مۇلاھىزىنىڭ ھەقىقەتكە ئايلىنىدىغانلىقى قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا تۇرۇۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئىراننىڭ بۇ قىلمىشى ئۈچۈن زەھەر يۇتۇشتىن باشقا ئامالى بولمىسا كېرەك. ئاخىرىدا سۈرىيە خەلقى ئۆزى رازى بولىدىغان چىقىش يولى ئىزدىمەي ئامال يوق. ئەمما ئىراندىن، ئۇنىڭ ئىراق ۋە ھىزبۇللاھچىلاردىن ئىبارەت ئىتتىپاقداشلىرىدىن بۇرۇن ئەڭ ئېغىر زىيان تارتىدىغان تەرەپ يەنىلا سۈرىيە خەلقى ئىكەنلىكىدىمۇ شەك يوق. سۈرىيە ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەر، خەلقنىڭ ۋەيرانچىلىقى، تائىپىۋازلىق جىنايەتلىرى ئورنىنى تولدۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان زىيانلار بولۇپ، بۇ پەقەتلا سۈرىيە خەلقىنىڭ ئورتاق زىيىنى، مەزكۇر زىيانلارنىڭ جىنايەتچىلىرى بولسا، بەشار ئەسەد ۋە ئۇنىڭ رىجىمى، بەشارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ جىنايەتكە شېىرىك ئىكەنلىكىدە ھېچكىمنىڭ شۈبھىسى بولمىسا كېرەك.»

ماقالە ئاپتورى ياسىر زەئاتىر سۈرىيە كرىزىسىدا ئەڭ چوڭ پايدا ئالغانلار سۈرىيە خەلقىنىڭ دۈشمەنلىرى ۋە ئۇنىڭ بېشىدا ئىسرائىلىيە دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىنساننى ئەڭ ئېچىندۇرىدىغان يېرى، بەشار رىجىمى، ئىران ۋە ھىزبۇللاھچىلاردىن ئىبارەت ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىلىيەگە قارشى كۈرەشچى ئىتتىپاقداشلار دەپ دەۋا قىلىپ تۇرۇپ ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى ئىكەن. بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە، ماقالە ئاپتورى ياسىر زەئاتىر مۇنداق دەيدۇ:«لىۋاندىكى ھىزبۇللاھچىلار ئۆزلىرىنى پەلەستىننى ئازاد قىلىش دەۋاسىنى قىلىدىغان بىر تەشكىلات دەپ دەۋا قىلىپ تۇرۇپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە زىت، ئومۇمىي مۇسۇلمانلارنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە زىت مەيداندا تۇرۇپ دۈشمەن بىلەن بىر سەپتە بولۇپ كەلدى. بۇھال، مۇندىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۆزلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ قوغدىغۇچىلىرى دەپ سانىغان ھىزبۇللاھچىلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ۋە ئىچكى يۈزىنى ئېچىپ تاشلىدى. سۈرىيەدە يالغۇز ئىسرائىلىيە پايدا ئېلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، ئۆزىنىڭ رايوندىكى دۈشمەنلىرىنىڭ كۈچىنى خورىتىشتا ھاياتىدا ئويلاپ باقمىغان پايدا-مەنپەئەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. نېمىلا بولسۇن ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى خەلقلەر ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر تۇتقان سىياسەتلەردىن رازى ئەمەس. سۈرىيە كرىزىسىدا غەرب ۋە ئىسرائىلىيەگە قارشى كۈرەش ئىتتىپاقداشلىرى زىيان تارتقاندەك، ئەرەب ۋە مۇسۇلمانلاردىن مۆتىدىل پىكىردىكىلەرمۇ زىيان تارتقانلىقى ھەممىگە ئايان. سۈرىيە سۈركىلىشىنىڭ بۇ دەرىجىدە ئۇزىرىپ كېتىشىدىن پايدا ئالىدىغان بىرلا تەرەپ يەنىلا ئىسرائىلىيە ئىكەنلىكى ئېنىق. سۈرىيە ئۇرۇشىدا مەيلى ھىزبۇللاھچىلار بولسۇن، مەيلى ئىران بولسۇن، ھەممە تەرەپ بەشار رىجىمىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە خەلقنى قىرىش جەھەتتە بەشار ھاكىمىيىتىگە خىزمەت كۆرسەتتى. شۇلارنىڭ ياردىمى بولمىسا ئاللىبۇرۇن يىقىلىپ بولىدىغانلىقى، بەشارنىڭ ئۆمرىنى ئىران ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ئۇزارتىشتا بىر قەدەر غەلىبە قىلغانلىقى ئېنىق. ئەمما بەشار رىجىمى يىقىلغان تەقدىردە ھىزبۇللاھچىلارنىڭ ۋە ئىراقتىكى مالىكى رىجىملىرىنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن خەتەرلىك بولىدۇ. بۇنىڭ بىر دەلىلى ھىزبۇللاھچىلارنىڭ ئېتىراپىدۇر. چۈنكى ھىزبۇللاھچىلارنىڭ رەھبىرى ھەسەن نەسرۇللا: "سۈرىيەدىكى ئۇرۇش بىزگە نىسبەتەن ھايات ‏- ماماتلىق ئۇرۇشى" دەپ ئوچۇق بايان قىلدى ۋە ئاقىۋىتىنىڭ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى يۇشۇرالمىدى.»

ماقالە ئاپتورى ياسىر زەئاتىر ئىراننىڭ ياردىمى ئاستىدا ھازىرغىچە يىقىلماي تۇرغان بەشار ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ ئىنقىلابنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىپ سۈرىيەدە يەنىلا رەئىس بولۇپ، دىكتاتور تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىنمۇ؟ دېگەن سوئالنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە ئۆزى جاۋابلاندۇرغان ھالدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇ سوئالغا بەشار ۋە ئۇنىڭ رىجىمى، ئىران ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن شۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ. سۈرىيەنىڭ بەزى رايونلىرىدىكى ئۇرۇشلاردا بەزى رايونلارنى بەشار قوشۇنلىرى ئىنقىلابچىلار قولىدىن قايتۇرۇۋالغاندەك كۆرۈنۈشلەر ئۇلارغا بىر قەدەر ئۈمىد بېغىشلىسىمۇ، سۈرىيەدىكى ئۇرۇش رېتىمىنىڭ تەرەققىياتى، ئىنقىلابچىلارنىڭ مۇستەھكەم تۇرۇشى، كۆپ ۋاقىتلاردا غەلىبە قىلىشى ئىران ئىتتىپاقداشلىرىنى ئاچچىق يۇتۇشقا مەجبۇرلىماقتا. ھازىرقى سۈرىيە ئۇرۇشىنىڭ رېتىمىغا قارايدىغان بولساق، پەقەتلا ئىران بىلەن ھىزبۇللاھچىلارنىڭ كۈچىنى خورىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەستەك قىلىدۇ. ئەگەر ئەكسىچە بولغان تەقدىردە، ئىتتىپاقداشلار ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى خىتاي، رۇسىيەدىن ئىبارەت سۈرىيە خەلقىنىڭ دۈشمىنى بولغان دۆلەتلەرنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرى ئۇرۇشنى ئۆز مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرۇپ زەپەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان بولاتتى. ئىنقىلابچىلار سۈرىيەنىڭ تەڭ يېرىمىنى ئىشغال قىلغان ھالدا تۇرماقتا، قارىغاندا ئىنقىلابچىلارمۇ قارشى تەرەپنىڭ خورىتىش ئىستراتېگىيىسىنى قوللىنىشقا باشلىغاندەك. ئەمەلىيەتتە سۈرىيەدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان كۈچلەر بەشار رىجىمى بولماستىن، ھىزبۇللاھچىلار، ئىراقنىڭ ئەبۇلفەزلى ئابباس گۇرۇھى، باش ئاپپاراتى بولسا ئىران ئىنقىلابى مۇداپىئە قوشۇنلىرى قاتارلىقلاردۇر. بەشار رىجىمى بولسا ھاۋا مۇداپىئە ھۇجۇمىغىلا مەسئۇل. سۈرىيە ئۇرۇشى ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش بولۇپ، غالىب ‏- مەغلۇپ مەسىلىسى ئەمەس، كۈچ سىناش ۋە خورىتىش مەسىلىسى بولۇپ قالغاندەك. يەنە بىر تەرەپتىن سۈرىيە يەرلىك، رايونلۇق، ھەمدە خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ ھېسابات مەيدانى بولۇپ قالغانلىقى ھەممىگە ئايان.»

ماقالە ئاپتورى ياسىر زەرئاتىرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەھۋالدا ئىراننىڭ زەھەر قاچىسىدىن ئۇسسۇلۇق ئىچمىگۈچە توختىمايدىغانلىقى ئېنىق. ئۇرۇشتا بەشار رىجىمى غەلىبە قىلالماسلىقى ئېنىق، بىراق ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈچ خورىتىش ئارقىلىق قايسى تەرەپ ھارغىنلىق ھېس قىلسا يېڭىلىدۇ. دېمەك سۈرىيە ئۇرۇشى ئۇزۇن نەپەس ئۇرۇشىدۇر. پۈتۈن دۇنيا، ئىنقىلابنى قوللىغۇچى، ياردەم قىلغۇچىلارمۇ ئۇرۇشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يىتىپ شۇنىڭغا قارىتا ھېساباتىنى كۆرگەندەك قىلىدۇ. سۈرىيە ئۇرۇشى ئىراننىڭ كېڭەيمىچىلىك پىلانىنى بىت‏-چىت قىلىپ ئۇنى كۆپ چىقىمدار بولماستىنلا ئۆزىنىڭ ئەسلى ھەجمى ۋە ماھىيىتىگە كەلتۈرۈشكە قاراپ كېتىپ بارغاندەك. ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتىقاندا، ئىران ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى باشتا بەشار رىجىمىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىنلا قوللاپ كەلگەن بولسىمۇ، كېيىن ھەربىي جەھەتتىن قوللاشقا ئۆتتى. ئەمدى بولسا سىياسىي مەيدانلاردا بەدەل تۆلەشكە باشلىدى. ھىزبۇللاھچىلار كۆپ ساندا ئادەم چىقىمىغا دۇچ كەلدى. ئىراننىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇرۇشقا تەييارلانغان كۈچى سۈرىيەدە چىقىمدار بولۇپ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراشقا باشلىدى. سۈرىيەدە ئۇرۇشتا ئۆلەۋاتقانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەلەۋى تائىپىسى، ھىزبۇللاھچىلار ۋە ئىراق كۈچلىرىدۇر. مەزكۇر تەرەپلەرنىڭ تارتىۋاتقان زىيىنى نەدىن قارىساق ئىنتايىن ئېغىر تۇرماقتا. سۈرىيە ئۇرۇشى ئۇزۇنغا سوزۇلغان تەقدىردىمۇ ئون يىلدىن ئېشىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىنىدۇ. ئىران ھەرتەرەپتىن سىقىلىشقا چۈشۈپ قالغان. ئىچكى جەھەتتىن بولسا ئاتوم پروگراممىسى بېسىمى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي ئىمبارگولار. ئىراق بولسا بىر تەرەپتىن بەشارغا ياردەم بېرىشكە تىرىشسا، ئىچكى جەھەتتىن ئېغىر خەتەرگە يولۇقۇپ يەرلىك ئۇرۇش تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە. ئىراقتا مالىكىنىڭ دىكتاتۇرلىقى ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرگەن بولسا، ھىزبۇللاھچىلار لىۋاندا ئۆزىنى تار كوچىغا تىقىپ سىياسىي جەھەتتىن سىقىلىشقا دۇچ كەلمەكتە. ھەممىنى يىغىپ كەلسەك، ئىراق، ھىزبۇللاھچىلار ۋە ئىران ئىسلام ئۈممىتى بىلەن بىۋاسىتە ئاداۋەتكە كىرىپ قالدى. بورۇنلا تەكىتلەپ كەلگىنىمىزدەك، ئۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىپ كېتىشى ھېچقاچان بەشار ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە بولمايتتى، ھازىرقى كۈچ خورىتىش ئۇرۇشىدا باش زىيان تارتقۇچى ئىران ئىتتىپاقداشلىرى بولۇشىدا شۈبھە يوق. ئىراننىڭ ئالدىدا يەنىلا ئاز بىر پۇرسەت بار. سۈرىيەدە ھاكىمىيەتنى قالدۇرۇپ بەشار ئەسەدسىز سىياسىي چارە ئىزدەش ئىراننى زەھەر ئىچىشكە مەجبۇر بولۇشتىن قۇتقۇزۇۋالالايدۇ. ئىنقىلابچىلار شۇ پرىنسىپ بويىچە جەنۋەدە ئىككى تەرەپ سۆھبىتىگە ئولتۇرۇشقا قوشۇلغانىدى. ئىرانمۇ شۇنداق قىلغاندا ئاق بايراق چىقارماستىن كرىزىستىن ئۆزىنى سۇغۇرۇپ چىقالايدۇ.