ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۇنيادا ئەڭ كۆپ مۇساپىر قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت بولسىمۇ، 2011-يىلى سۈرىيەدە كرىزىس پارتلىغاندىن بۇيان، ئۇرۇش ئوتىدىن قاچقان پەقەت 1500 سۈرىيەلىك مۇساپىرنى قوبۇل قىلغان، ئوباما ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە خەلقئارانىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، بۇ يىل ئۆكتەبىردىن باشلاپ كېلەر يىلى ئىچىدە 10 مىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرنى ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈشنى ۋەدە قىلدى. ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرگە قاراتقان سىياسىتىدە بۇ 10 مىڭ كىشى سانىنى بېكىتىشى، ئامېرىكىنىڭ مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش دائىملىق سانىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا بۇ، ئامېرىكىدا سىياسىي پاناھلىق ئىشلىرىغا رىقابەت تۇغدۇرامدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق رەسمىيەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟ بۇ توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئادۋوكات ئالىم سېيىتوف ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
ئامېرىكا ئاقساراي ئاخبارات باياناتچىسى جوش ئېرنىست 10-سېنتەبىر كۈنىدىكى باياناتىدا، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن 2016-مالىيە يىلى 10 مىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرنى قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پاناھلىق رەسمىيىتىنى تېزلىتىدىغان بولۇپ، مۇساپىرلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش، رەسمىيەتنى تېزلىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن خادىم كېتىدىكەن، ئوباما ئامېرىكا فېدىراتسىيەسى تارماقلىرىغا مەمۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، كېلەر يىللىق خامچوتتا سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارنى 10 مىڭغا يەتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا دۇنيادا ئەڭ كۆپ مۇساپىر قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت بولۇپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدىن باشلاپلا ئۇ ھەر يىلى ئۆز دۆلىتىدە مىللىي ۋە ئىرقىي كەمسىتىشكە ئۇچرىغان، سىياسىي كۆز قارىشى، دىنىي ئېتىقادى تۈپەيلىدىن بېسىم ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان، ۋە باشقا سىياسىي، ئىقتىسادىي كرىزىسلار تۈپەيلى ھاياتى خەۋپكە ۋە بېسىمغا ئۇچرىغانلىقتىن ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن 70 مىڭدىن 75 مىڭ ئەتراپىدا مۇساپىرنى قوبۇل قىلىپ پاناھلاندۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى.
گەرچە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار، باشقا كۆچمەن مىللەتلەرگە قارىغاندا تولىمۇ ئاز ساننى ئىگىلىسدىمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بولۇپمۇ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئامېرىكىغا كېلىپ پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئەمما ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسىي، ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەر، چېگرا مەسىلىلىرىمۇ كۆچمەنلەر رەسمىيەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بولغاچقا، بۇئارىدا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق تىلەشتە رەسمىيەتلىرى مۇرەككەپلىشىپ، پاناھلىق ئىشلىرىنىڭ ھەل بولۇش قەدىمىنىڭ بىر قەدەر ئاستىلاپ قالغانلىقى مەلۇم ئىدى.
ئەمدى 2016-يىللىق مالىيە يىلىدا ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەلىك 10 مۇساپىر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتەك پىلانى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىدىن پاناھلىق تىلەش ئىشلىرىغا تېخىمۇ رىقابەت يارىتامدۇ؟ ئۇيغۇرلار پاناھلىق رەسمىيەتلىرىدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى رەئىسى، ئادۋوكات ئالىم سېيىتوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق مەلۇمات بەردى: «ئامېرىكا بىر كۆچمەنلەر دۆلىتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ دۆلىتىدىكى زوراۋانلىقتىن قېچىپ كەلگەن مۇساپىرلار قاتارىدا ئۇيغۇرلارغىمۇ سىياسىي پاناھلىق بېرىپ كەلدى، ئاز دېگەندە يىلىغا 100 مۇساپىر كېلىپ پاناھلىق تىلەۋاتىدۇ. گەرچە ئامېرىكا ئۇرۇشتىن قاچقان سۈرىيەلىكلەرگە جىددىي قاراپ، ئايرىم يەنە 10 مىڭ سۈرىيەلىكنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت بۇ سىياسەتنى چىقارغان بولسىمۇ، كۆچمەن قوبۇل قىلىش مەسىلىسى بىلەن سىياسىي پاناھلىق رەسمىيىتى ئىككىسى ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل كاتېگورىيەگە تەۋە. چۈنكى سۈرىيەلىك مۇساپىرلار مەسىلىسى سىرتتىن كېلىدىغان كۆچمەنلەرنىڭ مەسىلىسى، ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر بولسا ئامېرىكا چېگراسى ئىچىدە تۇرۇپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر بولغاچقا، بىر بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى ناتايىن، ئەمما خادىملارنىڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەبلىك سىياسىي پاناھلىق ئىشلىرىنىڭ قەدىمى ئاستىلاپ قېلىشى مۇمكىن.»
ئالىم سېيىتوف ئەپەندى يەنە، يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىدا سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ رەسمىيەت ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئاستىلاپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنى مۇنداق 3 خىل سەۋەبكە يىغىنچاقلىدى: «5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادا يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، سىياسىي پاناھلانغۇچى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرى تېز بىر تەرەپ قىلىنىپ ھەل بولغان بولسىمۇ، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان پاناھلىق تىلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىنىڭ ھەل بولۇش سۈرئىتى بىر ئاز ئاستىلاپ قالدى، بىر يىل، ھەتتا ئىككى يىلغىچە جاۋابىنى كۈتۈۋاتقانلار بار، بۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، ئىككى يىل ئالدىدا ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيىنىڭ تالاش تارتىشى بىلەن فېدېرال ھۆكۈمىتى مالىيەسىنىڭ تاقىلىپ قېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ كۆچمەنلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل فېدرال خىزمەتچىلىرى ھەپتىدە بىر كۈن دەم ئالىدىغان بولۇپ ئۆزگەرتكەنلىكى ئۈچۈن ئىش سۈرئىتى ئاستىلىدى.
ئىككىنچىسى، مېكسىكىدىكى زەھەر ۋە باشقا ئۇرۇش كرىزىسلىرى سەۋەبلىك نۇرغۇن مېكسىكىلىق ئامېرىكا چېگراسىدا تۇرۇپ ئامېرىكىدىن پاناھلىق تىلىدى، ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئىدارىسى نۇرغۇن خادىملىرىنى مېكسىكا چېگرىسىغا بۇلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاجراتتى، بۇ باشقا پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ رەسمىيەتلىرىنىڭ ئاستىلىشىغىمۇ بىر سەۋەب بولدى.
يەنە بىرى، بەزى ئۇيغۇرلار ئامېرىكا ھۆكۆمىتىدىن پاناھلىق تىلىگەندە ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە خاتا ياكى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدىغان ساختا مەلۇمات بەرگەچكە، پاناھلىق تىلىگەندىن كېيىنكى رەسمىيەتلىرى مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىقى دەسلەپ رەت قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى دۇنياغا تونۇلۇشى بىلەن، ئۇنىڭدىن سىرت چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىنىڭ، پائالىيەتلىرىنىڭ تەسىرىدە بۇ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرمىدى، يەنىلا پاناھلىقىنى ئاستا-ئاستا قوبۇل قىلماقتا. ئەمما، يەنە پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىجا تەلىپى قوبۇل بولغاندىن كېيىنكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە ئىنكاسى، ھەقىقىي سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىگە ماس كەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ پاناھلىق تىلەپ بولۇپلا خىتايغا بېرىپ-كېلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ "مەن خىتايغا قايتسام، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ ياكى تۈرمىگە سولايدۇ" دېگەندەك پاناھلىق تىلىگەندە كۆرسەتكەن سەۋەبلىرىنىڭ يالغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدە يامان تەسىر پەيدا قىلىپ، ھەقىقىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ رەسمىيەتلىرىنىڭ ھەل بولۇشىغا توسالغۇ ۋە قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلمەكتە. بۇ بىر رېئاللىق.»