5 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن باشلاپ تەيۋەننىڭ تەيبىي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «دۆلىتىمىز تەيۋەننى يوقىتىپ قويمايلى!» ناملىق خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ، يىغىن ئېچىلىشتىن ئاۋۋالقى تۈرلۈك پائالىيەتلىرى، 5 - ئاينىڭ7 - كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي باشلانغان.
بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى تەيۋەن - تىبەت دوستلۇق جەمئىيىتى، تەيۋەن مۇستەقىللىق بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېچىلغان. مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان. يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە 7 - ماي تەيپىيدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن يىغىنغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى سىياسى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا ئەتراپلىق جاۋاب بەرگەن. يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە 11 - مايغا قەدەر يىغىنغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋەكىللىرى تەيۋەندىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە دوكلات بېرىدىكەن. دوكلاتتا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئۆز تۇپراقلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قول ئاستىدا قانداق شەكىلدە ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىنىۋاتقانلىقى، ئۆزلىرىگە خاس مىللىي مەدەنىيىتى بولغان بۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئېلىنىڭ مۇستەقىللىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن، بارلىق مەدەنىيىتىنىڭمۇ يوقىلىش گىرداپىغا كېلىپ قالغانلىقى توغرىسىدا دوكلات سۆزلەيدىكەن. بىز مەزكۇر يىغىن ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، يىغىنغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00