تەيۋەننىڭ چېن شۈيبيەن دەۋرىدىكى سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سەي مىڭشىيەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي تەيۋەننىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى، دېدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان ئەركىنلىك ۋە ياكى مۇستەقىللىققا بالدۇرراق ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۆتكەن ئايدا تەيۋەندىكى سابىق ئامېرىكا دىپلوماتى ۋىليام ستانتون دۇنيا تەيۋەنلىكلەر قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلىپ، تەيۋەننىڭ خىتايغا قارشى ھەربىي مۇداپىئەگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.
ئەجەبا، تەيۋەن راستىنىلا خىتايدىن تەھدىت ھېس قىلمايۋاتامدۇ؟ ئۇنداقتا بۇ، تەيۋەننىڭ كەلگۈسىدە خىتاي بىلەن قانداق مۇناسىۋەت قۇرۇشىغا يول ئېچىشى مۇمكىن ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تەسىرى بار؟ تەيۋەننىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىگە سەرپ قىلغان خىراجىتى نېمە ئۈچۈن تۆۋەنلەپ كېتىدۇ؟ بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەيۋەننىڭ ما يىڭجۇ ھۆكۈمىتىدىن بۇرۇنقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، ھازىرقى تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە ۋە ئىستراتېگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى مايكىل سەي (سەي مىڭشىيەن ) ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
سوئال: ۋىليام ستانتون ئەپەندى، دۇنيا تەيۋەنلىكلەر قۇرۇلتىيىدا قىلغان سۆزىدە تەيۋەننىڭ خىتايدىن تەھدىت ھېس قىلمايۋاتقانلىقىنى ئارمىيە سەرپ قىلغان خىراجىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، گەرچە ئۇ بۇ سۆزلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسى كۆز قارىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما «ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى ئىپادىلەيدۇ» دەپ قارالماقتا، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ ئەگەر تەيۋەن راستىنىلا ئەندىشە قىلمايۋاتقان بولسا، بۇ تەيۋەننىڭ ئامېرىكىغا ئويۇن ئويناپ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىۋاتقىنىنى كۆرسىتەمدۇ؟
جاۋاب: تەيۋەننىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى خىتاي، خىتاينىڭ 1500 باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى تەيۋەنگە قارىتا تىكلەكلىك. تەيۋەن خىتايدىن تەھدىت ھېس قىلماي كىمدىن قىلسۇن؟ خىتاي بىر دىكتاتور دۆلەت، ھەممىنى بىر پارتىيە كونترول قىلىدۇ، تەيۋەن بۇنداق بىر مەملىكەت بىلەن يېقىنلىشىپ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ قېتىلىپ كېتەلمەيدۇ. ھۆكۈمەت ستاتىستىكىسى بويىچە ئېيتقاندىمۇ 75% تىن ئارتۇق تەيۋەنلىك خىتاينىڭ بىر قىسمى بولۇشنى خالىمايدۇ. كىممۇ باشقىلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ قېلىشنى خالايدۇ؟ كىممۇ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنى سۆيمەيدۇ. بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. بىز تەيۋەننىڭلا مەڭگۈ مۇستەقىل تۇرۇشىنى ئەمەس ئۇيغۇر دوستلىرىمىزنىڭمۇ بالدۇرراق ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان ئەركىنلىك دېموكراتىيە ۋە ياكى مۇستەقىللىققا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىمىز.
سوئال: ئەمما، تەيۋەننىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئاجراتقان مەبلىغى 1994 - يىلى 3.8 % ئىكەن، كېيىنكى 13 يىلدا بارغانسېرى تۆۋەنلەپ 2012 - يىلغا كەلگەندە 2.2% گە چۈشۈپ قالغان. ھەتتا تەيۋەنگە ئوخشاش خىتاي تەرىپىدىن 1500 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىگە توغرا كەلمىگەن بىر كىچىك دۆلەتنىڭمۇ، دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئاجراتقان مەبلىغى 3.6% بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟
جاۋاب: شۇنداق تەيۋەننىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئاجراتقان مەبلىغى بۇرۇنقىدىن تۆۋەنلەپ كەتتى بۇ دېگەنلىك تەيۋەن مەبلەغ ئاجرىتىشنى خالىمىدى دېگەنلىك ئەمەس، مەيلى بۇرۇنقى ھۆكۈمەت بولسۇن ياكى ھازىرقى ھۆكۈمەت بولسۇن دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئاجرىتىدىغان مەبلەغ بار، ئەمما ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان مەنپەئەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ بىزگە ئەڭ يېڭى ھەربىي تېخنىكىنى سېتىپ بېرىشنى كەينىگە سوزۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ مەبلەغ خەجلەنمىدى، بىزنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك دوستىمىز ھېسابلانغان ياپونىيىمۇ ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش پوزىتسىيىدە بولدى.
سوئال: دېمەك سىز، تەيۋەن خىتاينى ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قارايدۇ، ئارمىيىگە سەرپ قىلىدىغان مەبلىغى ئاجرىتىلغان بولسىمۇ ئامېرىكا ئەڭ يېڭى قورال تېخنىكىسىنى سېتىپ بەرمىگەنلىكتىن ئامالسىز قېلىۋاتىدۇ دېدىڭىز، سىزنىڭچە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى قوراللارنى سېتىپ بەرمەسلىكىدىكى سەۋەبى تەيۋەن ئالىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن قېتىم ھەربىي ئۇچۇرلارنى خىتايغا سېتىۋەتكەنلىكىدىن ئەمەسمۇ؟
جاۋاب: خىتاي بۇرۇندىن تارتىپ تەيۋەننىڭ ھەممە ساھەسىگە ئىشپىيونلارنى قاتمۇ - قات كىرگۈزۈپ سىڭدۈرۈپ كەلدى. ئەلۋەتتە خىتايغا سېتىلغان بەزى ئىشپىيونلارنىڭ يېڭى قورال تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى خىتايغا بېرىۋېتىشىدىن ساقلىنىش تەس بولۇۋاتىدۇ. ئەمما، بۇ ئامېرىكا ئۈچۈن ئاساسىي سەۋەب بولالمايدۇ. چۈنكى ئامېرىكا بۇرۇنمۇ بىزگە نۇرغۇن قېتىم قورال ساتقان. ئەجەبا ئامېرىكا ئۇ چاغلاردا ئىشپىيونلاردىن ئەندىشە قىلمىغانمىكىن؟ مەسىلە پۈتۈنلەي بۇ سەۋەبتىن ئەمەس، بۇ پەقەت مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى. ئامېرىكا شىمالىي كورىيە، ئافغانىستان قاتارلىق خەلقئارالىق مەسىلىلەردە خىتايغا بەزى جەھەتلەردە ئېھتىياجلىق، چۈنكى خىتاي ھازىر كۈچىيىپ كەتتى، بۇرۇنقىدەك ئەمەس. شۇڭا ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋەتلىرى سەۋەبىدىن بەزىدە تەيۋەنگە قورال بەرمەسلىككە مەجبۇر.
سوئال: سىز بىر سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، تەيۋەن بۇ مەسىلىدە قانداق قىلىشى كېرەك دەپ قارايسىز؟
جاۋاب: مېنىڭچە تەيۋەن بۇندىن كېيىن خۇددى ئىسرائىل غا ئوخشاش ئوز كۈچىگە تايىنىپ ھەربىي قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. باشقىلارنىڭ قورال سېتىپ بېرىشىدىن ئۈمىد كۈتمەي مەبلەغنى يېڭى ھەربىي تېخنىكا ئىشلەپچىقىرىشقا سەرپ قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى بىز ھەممە ئىشىككە ئۇسۇپ باقتۇق. يەنىلا ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىشىمىز ئەڭ مۇھىم دەپ قارايمەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ باش رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سەي مىڭشىيەن ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىگە قارىتا ئوز كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ تەيۋەننىڭ، خىتاينىڭ بىر قىسمى بولۇپ قېلىشتىن قەتئىي ساقلىنىشى ۋە خىتايغا قارشى تۇرۇشىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى رولى ۋە مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00