يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدە بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى مەلۇم. ھەر خىل شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ خىلدىكى نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى رۇسىيەدىمۇ يۈز بەرمەكتە.
15-دېكابىردا رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا ئۈچ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇنىڭغا ئىككى ئۆزبېك ۋە بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى قاتناشقان ئىدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن 26-دېكابىر كۈنى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تەركىبىدىكى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قازان شەھىرىدە 12 كىشىلىك نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلغان. بۇ قازاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق نامايىش بولۇپ، 21-نويابىردا يالغۇز كىشىلىك نامايىشقا چىققان ياش پائالىيەتچى رافىق كەرىمۇللىن خىتاينىڭ قازاندىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا قولىغا تاختاي كۆتۈرۈپ، نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.
رۇسىيەدىكى بۇ بىر قاتار نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنى ئاتالمىش يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارغا مەجبۇرىي يوسۇندا مېڭە يۇيۇش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن. بۇ ھەقتە رۇسىيەنىڭ «كوممېرسانت»، «ئىسلام خەۋەرلىرى»، «رېئالنويې ۋرېميا»، «ناستوياشېيې ۋرېميا: ئازىيا» قاتارلىق ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى ۋە تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى خەۋەر تارقاتقان ئىدى.
بىز قازان شەھىرىدىكى نامايىش قاتناشقۇچىلىرىنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق.
قازاندىكى پۈتۈن تاتار جەمئىيەتلىرى مەركىزىنىڭ رەئىسى فەرىت زاكىيېف ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ نامايىشقا چىقىش سەۋەبىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «بىز دۇنيا جامائەتچىلىكىنى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق خەلقلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قىرغىنچىلىقلارغا دىققەت قىلىشقا چاقىردۇق. بۇ جەھەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتايدىكى ‹تەربىيىلەش› لاگېرلىرى مەسىلىسىگە سۇس قارىماقتا. ئەمەلىيەتتە بۇ لاگېرلارنى ستالىن دەۋرىدىكى گۇلاگ لاگېرلىرى ۋە گىتلېرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. مۇسۇلمان دۆلەتلەر بولسا خىتاي سىياسىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ئاستىدا بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرەلمەيۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار بىزگە پەقەت تىل جەھەتتىنلا تۇغقان بولۇپ قالماستىن، بەلكى بىزنىڭ قانداش قېرىنداشلىرىمىزدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر مۇشۇنداق پەيتلەردە بىرلىشىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈركىيە، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق تۈركىي مەملىكەتلىرى بۇ مەسىلىدە خىتايغا نىسبەتەن قاتتىق سىياسەت تۇتۇشى لازىم دەپ ئويلايمەن.»
فەرىت زاكىيېف يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە رەئىسلىك قىلغۇچى مەملىكەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىردى. ئۇ خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن پاكىتلارنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ۋەكىللىرىنى ئۇيغۇر دىياردىكى لاگېرلارنى تەكشۈرۈشكە رۇخسەت قىلىشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى. فەرىت زاكىيېف قازاندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا 22-دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈش بەلگىلەنگەن چوڭ كۆلەمدىكى نامايىشنىڭ بەزى سەۋەبلەر بىلەن مۇشۇ يىلنىڭ يانۋار ئېيىغا قالدۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ نامايىشقا تاتارىستاندا ياشاۋاتقان قازاق، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرمۇ جەلپ قىلىنىپ، ھەرىكەت يەنە داۋاملاشماقچىكەن.
21-نويابىردا قازاندىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن يالغۇز كىشىلىك نامايىش قاتناشقۇچىسى، تاتار ياشلىرىنىڭ «ئازادلىق» ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى رافىك كارىمۇللىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز توردىكى يېڭىلىقلاردىن خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىي-مۇسۇلمان خەلقلەرگە نىسبەتەن يۈرگۈزۈۋاتقان ھەرىكەتلىرىنى بىلدۇق. بىرىنچى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قاتتىق ئازاب چېكىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ ئۇ يەردىكى تاتار، قازاق ۋە باشقا قېرىنداش خەلقلىرىمىزمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئىكەن. خىتايلار بىزنىڭ بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى لاگېرلارغا قاماپ، ئىسلام دىنىدىن ۋاز كېچىشكە، خىتاي مەدەنىيىتى ۋە قائىدە-يوسۇنلىرى بويىچە ياشاشقا مەجبۇرلىماقتا. بۇ، ئەلۋەتتە، ئىنسان ھوقۇقلىرىغا زىت كېلىدۇ. بۇ توغرا ئەمەس. مېنىڭ يالغۇز كىشىلىك نامايىشقا چىققانلىقىم ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ تورلاردا تېز سۈرئەتتە تارقالغانلىقى مېنى ھەيران قالدۇردى. مەن بۇ نامايىشقا يالغۇز چىققىنىم بىلەن، مېنى قوللىغان ياشلارمۇ بولدى. ئۇلار چەتتە تۇرۇپ، ماڭا يار-يۆلەك بولدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ئۇيغۇر كىشىمۇ بولدى. ئۇ مېنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ، ئاندىن فېيسبۇكتا بۇ نامايىش توغرىلىق مەلۇمات بەردى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مېنى قوللىغۇچىلار، ماڭا مىننەتدارلىق بىلدۈرگۈچىلەر كۆپ بولدى.»
رافىك كارىمۇللىن بۇ ھەرىكەتنى توختاتمايدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاينىڭ مۇنداق سىياسىتى بىلەن كېلىشىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل خىتايدىكى باشقا مىللەتلەرنى خىتاي مىللىتىنىڭ گەۋدىسىگە قوشۇۋېتىش سىياسىتىنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق سىياسەتكە قارشى كۈرەشنى داۋام قىلىش زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رافىك كارىمۇللىن سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا تۆۋەندىكى تىلەكلىرىنى ئېيتتى: «ئۆز دىنىنى ساقلاشنى، ئۆز مىللىتىگە، خەلقىگە، ئانا تىلىغا سادىق بولۇشىنى، كېلەچەكتە بۇنىڭ بارلىقىنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇشنى تىلەيمەن. مۇشۇنداق بولغاندىلا خىتاي بىزگە ھېچ نەرسە قىلالمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشىغۇچى ئاساسلىق خەلق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ سانىنىڭ نەچچە ئون مىليون ئىكەنلىكىدىن خەۋىرىم بار. ئۇلارنىڭ تىلى بىزنىڭ تاتار تىلىغا ئىنتايىن يېقىن. ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرى كۆپ ئىدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ سانى رۇسىيەدىكى تاتار قاناللىرىدىن بىر نەچچە ھەسسە كۆپ دېگەن مەلۇماتلارمۇ بار.»
ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن يىلنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا رۇسىيەنىڭ مۇپتىلار كېڭىشى باشلىقى راۋىل غەينۇددىن قازاقىستان پايتەختى ئاستانا شەھىرىدە بولۇپ ئۆتكەن دۇنيا ۋە ئەنئەنىۋى دىنلار رەھبەرلىرىنىڭ 6-قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلىپ، خىتايدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ۋە ئۇ يەردە دىنىي كەمسىتىشلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. تاتار مىللىتىدىن كېلىپ چىققان رۇسىيەنىڭ باش مۇپتىسىنىڭ بۇ بىلدۈرۈشى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. لېكىن ئارىلىقتا بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن تاتارىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي باشقارمىسى رەئىسى كامىل سامىگۇللىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەملىكەتتە ياشايدىغان مۇسۇلمانلارغا قارشى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى خىتايدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن سەمىمىي دۇئا قىلىشقا چاقىرغان ئىدى. كامىل سامىگۇللىننىڭ بۇ پوزىتسىيىسى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەۋرەندۈردى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن رۇسىيەدىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي-مەدەنىيەت بىرلەشمىسى» نامىدىن كامىل سامىگۇللىنغا مىننەتدارلىق خېتى تاپشۇرۇلغان ئىدى. خەتتە پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرلىرى ھەمدە لاگېرلاردا ئازاب چېكىۋاتقان مىليونلىغان كىشىلەر نامىدىن ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئېغىر بىر پەيتتە كۆرسەتكەن ھەق سۆزىگە مىننەتدارلىق ئىزھار قىلىنغان ئىدى.