مۇتەخەسسىسلەر تاتارلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان دوستلۇقى ھەققىدە توختالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016.03.16
Tatar-tarixchi-munir-yerzin-305.jpg تاتار تارىخچى مۇنىر يېرزىن
RFA/Oyghan


مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ تاتارلار ئۇيغۇر ئېلىدا ۋە يەتتىسۇدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا، تارىخىدا، مەدەنىيىتىدە تىگىشلىك رول ئوينىغان. بۇ ھەقتە تاتار مەتبۇئاتلىرىدا ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان. ئاساسەن رۇسىيە ۋە قازاقىستاندا ياشاۋاتقان تاتار زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىقىشى مۇشۇ ۋاقىتقىچە داۋاملاشماقتا.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تاتار تارىخچىسى مۇنىر ئېرزىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى، تۇرمۇش - تىرىكچىلىكى، ئۆرپ - ئادەتلىرى، مىللىي ئازادلىق كۈرىشى ھەققىدە تاتار مەتبۇئاتىدا كۆپلىگەن ئەمگەكلەرنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى ھەمدە تاتار مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ يۆنىلىشتە كۆپ ئىزدەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، بولۇپمۇ ئاتاقلىق تاتار زىيالىيسى نوشۇرۋان ياۋۇشېفنىڭ 1913 - ۋە 1914 - يىللىرى «شورا» ژۇرنىلى ۋە «ۋاقىت» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئېلىدا بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇ، ئالتىشەھەرنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ۋە مۇناسىۋىتى ھەققىدە مەلۇماتلارنى يېزىپ قالدۇرغان. ن. ياۋۇشېفنىڭ 450 بەت ھەجىمدىكى ماقالىلىرى «شورا» ۋە «ۋاقىت»تا ئېلان قىلىنغان. خىتاينىڭ يىراق شەرقىدىكى شەھەرلىرىدىكى، ياپونىيەدىكى تاتار مەتبۇئاتىمۇ ئۇيغۇرلار، شەرقىي تۈركىستان زېمىنى توغرىلىق، 1930 - يىللاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى يورۇتۇشتا خېلە كۆپ ئىشلارنى قىلدى. خىتاينىڭ مۇدەنجياڭ شەھىرىدە چىققان «يېڭى مىللىي يول» دېگەن ژۇرنالنى نەشر قىلغان تاتارلارنىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى غاياز ئىسقاقىنىڭ باشچىلىقىدا 1930 - يىللاردىكى شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى توغرىلىق نۇرغۇنلىغان ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. بۇ ژۇرنالنىڭ شۇ زېمىندا مەخسۇس مۇخبىرلىرى بولغان.»

م. ئېرزىننىڭ ئېيتىشىچە، 1935 - يىلى چىققان «مىللىي بايراق» ناملىق گېزىتىگىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلىگەن ماتېرىياللار بېسىلغان بولۇپ، بۇ ماقالىلەردە يوقنى بار دەپ، ئاشۇرۇپ ياكى كەمسىتىپ ئېيتىشلارغا يول قويۇلماي، يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئەينەن كۆرسىتىش باش مەقسەت قىلىپ قويۇلغان. م. ئېرزىن بۇ مەتبۇئاتتا ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلغان خوجانىياز رەھبەرلىكىدىكى ئازادلىق ھەرىكىتى، شۇنداقلا شىڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ياندىشىپ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەنلىكى ھەققىدە ماقالىلەر ئورۇن ئالغانلىقىنى تەكىتلەپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن بۇرۇنقى تاتارىستاندا، رۇسىيەدە چىققان تاتار ژۇرنال ۋە گېزىتلىرىدا كۆپ مەلۇماتلارنى تېپىشقا بولىدۇ. «يېڭى مىللىي يول» ۋە «مىللىي بايراق» ژۇرنىلى ۋە گېزىتى چەتئەللەرگە كەتكەن تاتار مۇھاجىرلىرىنىڭ مەتبۇئاتى. تاتار خەلقى ئۆزىنىڭ ھاياتى، كېلەچىكى، تەقدىرى توغرىلىق قانچىلىك ئويلانغان، كۆيۈنگەن بولسا، ئۇلار قېرىنداش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتى، تەقدىرى توغرىلىقمۇ كۆيۈمچانلىق بىلەن، غەمخورلۇق بىلەن قېرىنداشلىق بورچىنى ئادا قىلىپ كەلدى، دەپ ئېيتىشقا ھەققىمىز بار.»

تاتارلار تۈركىي خەلقلەرنىڭ، شۇ جۈملىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىدىيىسى ۋە مىللىي ھەرىكىتىنىڭ راۋاجلىنىشىدا. مۇئەييەن رول ئويناپ كەلگەن. تونۇلغان تارىخچى، سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى ئابلەھەت كامالوفنىڭ تەكىتلىشىچە، تاتارلار رۇسىيە ۋە چىن ئىمپېرىيىسىدىكى تۈركىي خەلقلەردىن بۇرۇن ئۆزلىرىنىڭ گېزىت ۋە ژۇرناللىرىنى راۋاجلاندۇرغان. ئەنە شۇ گېزىت ۋە ژۇرناللار ئارقىلىق يېڭى ئىدىيىلەر، شۇ جۈملىدىن مىللىي ئىدىيەمۇ تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇلارنى پەقەت تاتارلارلا ئەمەس، بەلكى باشقىمۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ زىيالىي ۋەكىللىرى قىزىقىپ ئوقۇغان. ئا. كامالوف مەزكۇر تاتار مەتبۇئاتىنىڭ بولۇپمۇ يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا كەڭ دائىرىدە تونۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مەلۇمكى، ئۇيغۇر يازغۇچىسى ۋە تارىخچىسى، جەمىيەت ئەربابى نەزەرغوجا ئابدۇسېمەتوف ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ئەمگەكلىرىنى «ۋاقىت» گېزىتىدا، «شورا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان. شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋە تاتار خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق، مەسىلەن، تاتار يازغۇچىسى ئابدۇلھېزىز مۇناسىپوفنىڭ 1918 - يىلى نەشر قىلىنغان «تارانچى قىزى ياكى خالىمنىڭ بىرىنچى مۇھەببىتى» ناملىق رومانىدا كۈيلەنگەن. بۇ روماندا ئۇيغۇر قىزى جىنەستە بىلەن تاتار يىگىتى خالىمنىڭ پاجىئەلىك مۇھەببىتى تەسۋىرلىنىدۇ. تاتارلار رۇسىيە ئىمپېرىيىسىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تەرەققىيپەرۋەر ئىدىيىلىرىنى، شۇ جۈملىدىن جەدىدىزمنى تاراتقۇچىلاردىن بولدى. ئۇلارنىڭ تەسىرى پەقەت مائارىپ ۋە مەتبەئەدىلا ئەمەس، بەلكى دىنىي ھاياتتىمۇ يارقىن كۆرۈندى. تاتار روھانىيلىرىنىڭ قاتتىق تەسىرى ئاساسەن يەتتىسۇ ۋە ئىلى ۋىلايىتىدە بايقالدى. مەسىلەن، غۇلجىنىڭ مۇتىۋەللى خەلپەت ئوخشاش ئىسلام ئەربابلىرى يەتتىسۇنىڭ تاتار دىنىي ئەربابلىرىنىڭ شاگىرتلىرى بولغان. غۇلجىنىڭ يېڭى ئۇسلۇبتىكى مەكتەپلىرىنىڭ دەسلەپكى مۇئەللىملىرى ئەنە شۇ ياركەند ۋە ئورېنبۇرگتىكى تاتار مەدرىسىلىرىدە تەييارلانغان ئىدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئىلى ۋىلايىتىنىڭ تاتارلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ راۋاجلىنىشىدىمۇ رول ئوينىدى. بولۇپمۇ تاتارلارنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە زور تۆھپە قوشقانلىقى مەلۇمدۇر. فاتىخ باتۇر، ئاكا - ئۇكا يۇنىچىيېفلار، مەرغۇپ ئىسقاقوف قاتارلىق تاتار ئەربابلىرى پەقەت تاتارلارنىڭلا ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قەھرىمانلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»

ئا. كامالوف ئۇيغۇرشۇناس سۈپىتىدە تاتار ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى رولىغا چوڭ باھا بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ئالدى بىلەن 19 - ئەسىردە قازان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈركىيشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ مۇھىم بىر مەركىزى بولغانلىقىنى ئېيتىش كېرەك. مەسىلەن، سېرگېي مالوف ۋە نىكولاي كاتانوف ئوخشاش كۆپلىگەن مەشھۇر رۇسىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئالىملارنىڭ پائالىيىتى مانا مۇشۇ مەركەز بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. سوۋېت دەۋرىدە، بولۇپمۇ 1920 - ۋە 1930 - يىللىرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىنىڭ راۋاجلىنىشىدا تاتار ئەدەبىياتچىلىرىنىڭ زور گۇرۇپپىسى ئاكتىپ رول ئوينىدى. ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلىمىدىمۇ كۆپلىگەن تاتار ئالىملىرىنىڭ ئىسىملىرى كۆپچىلىككە ياخشى تونۇش. شۇلار ئىچىدىن ئەمىر نەجىب چوڭ ھەجىملىك ئۇيغۇر - رۇس لۇغىتىنىڭ تۈزگۈچىسىدۇر. تۈركشۇناس ئالىم ئەدھەم تېنىشېف بولسا، شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر تىلى بويىچە كۆپ ماقالىلەرنى يازغان. تۈركىيەگە كېلىپ ئورۇنلاشقان قەدىمىي ئۇيغۇر تېكىستلىرى تەتقىقاتچىسى رەشىد ئاراتنىڭ مانجۇرىيەنىڭ تاتار جامائەسىدىن بولغانلىقىنى كۆپچىلىك بىلمەيدۇ. ھازىر سانكت - پېتېربۇرگ شەھىرىدە ياشاۋاتقان تاتار ئالىمەسى لىلىيا تۇگۇشېۋا رۇسىيەنىڭ قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقى ۋە يازما يادىكارلىقلىرى بويىچە ئەڭ چوڭ مۇتەخەسسىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»

ئۇ شۇنداقلا كۆپ يىللار مابەينىدە قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى يېنىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى، ئاندىن ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان پېشقەدەم تارىخچى مۇنىر ئېرزىن ئەمگەكلىرىنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىقىدا ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلەيدىغانلىقىنى، ئالىمنىڭ مۇشۇ ۋاقىتقىچە قولىدىن قەلىمىنى تاشلىماي كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.