تايلاندتىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي ياردەمگە موھتاجلىقى مەلۇم

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رۇقىيە
2014.11.14
tayland-uyghur-musapir.jpg تايلاندىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار تۇرۇۋاتقان لاگېردىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى ئىيۇن.
gokbayrak.com


تايلاندتىكى بىر مۇساپىرلار لاگېرىدىن قېچىپ مۆكۈنۈپ يۈرۈۋاتقان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار لاگېردىكى ئاچارچىلىق، ناچار تۇرمۇش شارائىتى ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن لاگېرنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، لاگېردىن قاچقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ، ئۇلار جاڭگاللاردا ئاچ - زېرىن قېلىشقا رازى بولسىمۇ، خىتاينىڭ قولىغا تېرىك چۈشۈپ قېلىشىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان.

نۆۋەتتە لاگېردىن قاچقان كىشىلەرنىڭ سانى 100 گە يېتىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.