تايلاند مۇساپىرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىكى 20 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر قېچىپ كەتكەن

0:00 / 0:00

تايلاندنىڭ مالايشىياغا چېگرىداش سوڭكىلا ئۆلكىسىدىكى چېگرا بازىرى - ساداۋدىكى مۇساپىرلارنى تۇتۇپ مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 25 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر دۈشەنبە كۈنى يېرىم كېچىدە مۇساپىرلار مەركىزىدىن قاچقان. تايلاند دائىرىلىرىنىڭ يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بىلدۈرۈشىچە، 25 نەپەر ئۇيغۇر 2014‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇردىن بۇ مەركەزدە قېلىپ قالغان ئاخىرقى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئىكەن.

تايلاند دائىرىلىرى 2015‏-يىلى تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىپ ماڭغان يۈزلىگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلاردىن بىر قىسمىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، بىر قىسمىنى تۈركىيەگە يولغا سالغان. تايلاندنىڭ بىر قىسىم مۇساپىرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان. تولۇقسىز مەلۇماتلاردا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن قېلىپ قالغان 50-60 دەك كىشىنىڭ سوڭكىلا، باڭكوك قاتارلىق جايلاردىكى مۇساپىرلار تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلگەن ئىدى.

ساداۋ مۇساپىرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنىڭ ساقچى ئوفىتسېرى كاپىتان پاراسىت تېماكارىننىڭ دۈشەنبە كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئەسكەرتىشىچە، قېچىپ كەتكەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن 5 كىشى تۇتۇلۇپ قالغان. ئۇ، قالغان 20 نەپەر مۇساپىرنىڭ «داۋاملىق قېچىپ يۈرۈۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

تايلاند «خەلقلەرنى ھوقۇقلاندۇرۇش جەمئىيىتى» نىڭ دىرېكتورى شالىدا تاجاروئېنسۇك ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان تايلاندلىق ئايال كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى. ئۇ، دۈشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قېچىپ كەتكەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرى يوقلۇقى، بىراق «تۇتۇلۇپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈردى.

شالىدا تاجاروئېنسۇك مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ چېگرادىن سالامەت ئۆتۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، ساداۋ بازىرى مالايشىيا چېگرىسىغا ناھايىتى يېقىن. ئۇلارنىڭ چېگرادىن سالامەت ئۆتۈپ كېتىشىگە تىلەكداشمەن. بىراق مېنىڭ ئەندىشەم مۇساپىرلار تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە قېلىپ قالغان ئۇيغۇرلاردا قالدى. مەن ئەتە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ي يەردە قانچە ئادەم قالغانلىقى، ئۇلارغا نېمە بولغانلىقىنى سوراپ كۆرىمەن. چۈنكى، ئۇ يەردىكى بەزى كىشىلەرنىڭ بىتاب بولۇپ قالغان، شۇڭا ئۇلار قاچالمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەتە سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسەم ئۇلارغا نېمە بولغانلىقىنى بىلىمەن. بۈگۈن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالالمىدىم، چۈنكى بىزنىڭ بۇ يەردە بەك كەچ بولۇپ كەتتى.»

بىز دۈشەنبە كۈنى تايلاندنىڭ ساداۋ ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلىپ، تۇتۇلۇپ قالغان 5 نەپەر مۇساپىرنىڭ ئەھۋالىنى سورىغان بولساقمۇ، بىراق ساقچى پونكىتىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى. قېچىپ يۈرگەن 20 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ ئەھۋالى ھازىرغا قەدەر مەلۇم ئەمەس. تايلاند ساقچى ئوفىتسېرى پاراسىت تېماكارىن، دائىرىلەرنىڭ چېگرا بويىدىكى رايونلاردا تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تايلاند ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تارقاتقان خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇساپىرلار تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنىڭ پىششىق خىشلىق تېمىدىن 30 سانتىمېتىر چوڭلۇقتىكى ئىككى تۆشۈك ئېچىپ، شۇ تۆشۈكتىن قاچقان. بۇ جەرياندا يوتقان-كۆرپىلىرىنى ئارقان ئورنىدا ئىشلەتكەن. دائىرىلەر قاچقۇنلارنىڭ كېچە سائەت 2:00 دە قاچقانلىقى، ئۇلار قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقاندا قاچقان ئاۋازىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شالىدا تاجاروئېنسۇك، ساداۋ بازىرىنىڭ مالايشىيا چېگرىسىغا بىر قانچە كىلومېتىر كېلىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ مالايشىياغا قېچىپ ئۆتۈشىگە «دۇئا» قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن ھېچقانداق ئۇچۇرۇم يوق. لېكىن مەن ئۇلارنىڭ سالامەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن. ساداۋ چېگراغا ناھايىتى يېقىن. ئۇ چېگرانىڭ يېنىدا، چېگرا بىلەن بولغان ئارىلىقى ناھايىتى قىسقا، پەقەت بىر قانچە كىلومېتىرلا كېلىدۇ. مېنىڭچە ئۇلار مۇساپىرلار تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىن قېچىشتىن بۇرۇن پىلاننى ياخشى تۈزۈپ، قېچىش يۆلۈنىشىنى توغرا بېكىتكەن بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى قېيۇم مەسىموف ئىلگىرى تايلاندنىڭ سوڭكىلا ئۆلكىسىگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ياردەم قىلىشقا قاتناشقان شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇ، دۈشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ قېچىپ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن دەسلەپكى 72 سائەتنىڭ ھالقىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

قېيۇم مەسىموف: «مېنىڭ ئويلىغىنىمچە، بۇ ئىش مۇشۇ 72 سائەت ئىچىدە ھەل بولىدۇ. يا 72 سائەتنىڭ ئىچىدە تۇتۇلىدۇ، يا باشقا بىر يەرگە چىقىپ كېتىدۇ. چۈنكى، 72 سائەت ئىتنىڭ ئەستە تۇتۇش تېخنىكىلىرى ئىشقا يارايدىغان ۋاقىت. بىر ئادەم 72 سائەت ئىچىدە قېچىپ بولسا قېچىپ كېتىدۇ، قاچالمىسا 3 سوتكىنىڭ ئىچىدە تۇتۇلۇش ئېھتىمالى يامان يۇقىرى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئەمدى ئاشلىققا بەرداشلىق بېرىش تېخنىكىلىرىنى بىلەمدۇ، پۇلى بارمۇ، يەرلىك خەلقلەر يوشۇرىدىغان يەر بارمۇ، ئۇلارنىڭ مەنزىلى قەيەر، نەگە بارىدۇ، بۇلار ھەققىدە بىز ھېچنېمە بىلمەيمىز. بىز پەقەت تەخمىن قىلىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە تايلاندنىڭ ئۆزىدىمۇ مۇسۇلمانلار بىلەن ئىچكى مەسىلە بار.»

لېكىن، قېيۇم مەسىموفنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ قېچىپ كېتىشى پايدىلىقكەن. قېيۇم مەسىموف مۇنداق دەيدۇ: «بۇ تايلاند ھۆكۈمىتى ئۈچۈنمۇ ياخشى ئەمەس. بۇ بىر باش ئاغرىقى. چۈنكى، ئۇيغۇرنى قوغدايدىغان غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى بار. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كانادا ھۆكۈمىتىمۇ بار. مەسىلەن، كانادا ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۇيغۇرلار يېتىۋاتقان تۈرمىلەرگە كونسۇلخانا خادىملىرىنى ئەۋەتىپ، دورا-دەرمەك بەرگەن. ئۇلارنى زىيارەت قىلغان. تاماقلىرىنى ياخشىلاپ بېرىشكە مۇراجىئەت قىلغان. بولمىسا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. بىر تەرەپتىن، كانادادەك دۆلەتلەر بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي بېسىم ئىشلىتىدۇ، ئۇيغۇرلارنى قايتۇرساڭ ئىقتىسادى ياردەم قىلىمىز، دەپ. شۇڭا، بۇ تايلاند ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر باش ئاغرىقى راست گەپنى قىلغاندا.»

تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بىلدۈرۈشىچە، ساقچى ۋە ھەربىيلەر ئاپشاركىلار بىلەن ئىز قوغلىغان بولسىمۇ، بىراق قاتتىق يامغۇر ئۇلارنىڭ ئىزىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغان. ساداۋ مۇساپىرلار تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كاپىتان سۇراساك سىرىپان «بېنار خەۋەرلەر تورى» غا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇن بىر قېتىم قېچىپ تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىراق «ئۇلار بۇ قېتىم غەلىبە قىلغاندەك قىلىدۇ. ئۇلار كاۋچۇكزارلىقنى كېسىپ ئۆتۈپ مالايشىيا تەرەپكە كېتىپتۇ» دېگەن.