تايلاند ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر باڭكوك پارتلاش ۋەقەسىگە چېتىشلىق 13 گۇماندارغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى. ئۇلارنىڭ بىرى پاكىستانلىق، بىرى تايلاندلىق ئايال، ئەمما قالغان 11 نەپىرى خىتاي ياكى تۈرك پاسپورتلۇق كىشىلەر بولسىمۇ، بىراق ئۇ پارتلاشنىڭ ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلدى.
تايلاند باش ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سوميوت پۇمپانموڭ سەيشەنبە كۈنى 17-ئاۋغۇست پارتلاش ۋەقەسىنى ئادەم قاچاقچىلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى، دەپ چۈشەندۈرگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، پارتلاشنى ئۇيغۇرلارنى يۆتكەيدىغان بىر قاچاقچىلىق تورى ئېلىپ بارغان.
بىراق تايلاند دائىرىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشى خەلقئارا ئاخبارات، تايلاند مەتبۇئاتى، ئۇيغۇر ۋە چەتئەل كۆزەتكۈچىلىرىنى قايىل قىلالمىدى. كانادالىق مۇستەقىل پائالىيەتچى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىسى مەمەت توختى ئەپەندى، «تايلاند دائىرىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشى رېئاللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ» دېدى.
مەمەت توختى مۇنداق دېدى: «تايلاند ئەھۋالنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى يوشۇرۇش ياكى ئۇنىڭغا يوپۇق ياپقاندەك قىلىدۇ. ئەسلى تايلاند ھۆكۈمىتى بۇنى بىلسە كېرەك. ئۆزلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگىنىگە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىلا ئەمەس، نۇرغۇن دۆلەتلەر نارازىلىق بىلدۈرگەن.
بۇ ئۇنىڭ، ئۆزى ئىمزا قويغان خەلقئارا توختامنامىلارغا خىلاپ ئىدى. شۇنداق بولغاچقا ئۆزلىرىنىڭ گۇناھى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۆزلىرىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن قاچاقچىلىق دېگەن نەرسىگە ئېسىلدى. بۇ ئارقىلىق ئۇ ئىشىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى يوشۇرۇۋاتىدۇ، دېسەك بولىدۇ.»
چەتئەل ئانالىزچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي 17-ئاۋغۇست پارتلاش ۋەقەسىنى ئۇيغۇرلارغا چاتماسلىق ھەققىدە تايلاند دائىرىلىرىگە قاتتىق بېسىم ئىشلەتكەن.
خوڭكوڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسور بارىي سائۇتمان فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن بايانىدا، تايلاندنىڭ ئىستەكسىز پوزىتسىيىسى «خىتاينىڭ بۇ مەسىلىگە ئاللىبۇرۇن ئارىلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، خىتاي ئۆزىنىڭ ئىچكى سىياسىتى سەۋەبلىك جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر رادىكال ئىسلامچىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندى، دېگەن پىكىرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا كەسكىن قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەمەت توختى ئەپەندى، خىتاينىڭ چېگرا ئىچىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قارا-قويۇق تېررورلۇققا باغلاپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بىراق «ئۇنىڭ باڭكوكتىكى پارتلاشنى ئۇيغۇرلارغا باغلاشقا رايى بارماسلىقىدىكى سەۋەب، ئۇ، ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ بۇنچىلىك ئىلغار سەۋىيىگە چىققانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدۇ» دېدى.
مەمەت توختى: «ئەمدى تايلاند ھۆكۈمىتى بۇ باياناتنى بەرگەندە بەلكىم چوقۇم خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچرىدى. لېكىن خىتاينىڭ بۇ بېسىمنى قېلىشىدا ) ئۇ ( ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ مۇنچىۋالا سەۋىيىگە چىقىپ كېتىشىنى، خەلقئارانىڭ نەزىرىدە ئۇنچىۋالا چوڭىيىپ كېتىشىنى ئەلۋەتتە خالىمايدۇ. ئىككىنچى نۇقتىدىن، خىتاينىڭ تايلاندقا بېسىم قىلىشىدا، بۇ ۋەقە ئىمكان بار ئۇيغۇر مەسىلىسىنى، خەلقئارادا يۇقىرى سەۋىيەدە كۈنتەرتىپكە كەلگەن مەسىلە قىلىپ كۆرسىتىشكە رول ئوينىمىسۇن، دەپ، خىتاي بۇنى تۆۋەن كۆرسىتىش نۇقتىسىدىنمۇ شۇنداق قىلغان بولۇشى مۇمكىن.»
بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر خىتاي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە، ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتى ھامان بىر كۈنى خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئىلغار ۋاسىتىلىرىنى تاپىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ھۇجۇمى خىتاي چېگراسى ئىچىدە پىچاق، توقماقلار بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن.
بەزى ئانالىزچىلار، ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ چېگرا ھالقىپ ئىلغار تېررورلۇق ۋاسىتىلىرى بىلەن چەتئەلدىكى خىتاي ساياھەتچىلىرىنى، خىتاي ئىقتىسادى ئەسلىھەلىرىنى نىشانغا ئېلىشى ۋاقىت مەسىلىسى، دەپ كۆرسەتكەن.
ئامېرىكا خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور خەن ليەنچاۋ ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، باڭكوكتىكى پارتلاشنى ئۇيغۇر تېررورلۇق ھەرىكىتى، دەپ خۇلاسە چىقىرىشقا بالدۇرلۇق قىلسىمۇ، بىراق جۇڭگونىڭ مۆتىدىل پىكىرلىك ئۇيغۇرلارنى قارا-قويۇق باستۇرۇشى، ئۇيغۇرلارنى زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىگە باش ئۇرۇشقا مەجبۇرلايدىغانلىقى تەبىئىي ئەھۋال ئىدى.
خەن لۇيەنچاۋ: «مېنىڭچە، ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالى ئەڭ تىپىك مىسال. ئەسلى ئۇلار ئىلھامغا ئوخشاش ئۇنداق زىيالىينى ئىنتايىن قەدىرلىشى كېرەك ئىدى. ئۇلار مۆتىدىل زىيالىيلار ئارقىلىق خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى يارىشىشنى ئالغا سۈرەلەيتتى. بولمىسا ئۇ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى تاغ-تۇراغا چىقىشقا مەجبۇرلاپ، ئۇلارنى تېخىمۇ رادىكال قارشىلىق يولىغا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ خىل يول قانچىلىك ماڭغانسېرى ئادەملەر شۇنچىلىك رادىكاللىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرىسەن، سەن تېخىمۇ قاتتىق باستۇرغانسېرى ئۇ تېخىمۇ كەسكىن رادىكاللىشىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار خەلقئارا تېررورلۇق بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇۋالسا، ئۇ كىشىلەرنىڭ مەيلى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مال-مۈلكىگە بولسۇن، مەيلى خەنزۇلارغا بولسۇن، ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوق. شۇڭا (جۇڭگونىڭ) قىلغىنى ئىنتايىن خەتەرلىك ھەرىكەت.»
دوكتور خەن ليەنچاۋ يەنە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا ھازىرقى ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ ئىنتايىن سەلبىي رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇرۇن ئۇيغۇر كادىرلار ھېچ بولمىسا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى نارازىلىقنى جۇڭگو مەركىزى ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈپ تۇراتتى. بىراق ھازىرقى كادىرلار ھېچقانداق پىكرى يوق كىشىلەر. خەن ليەنچاۋ، «ئۇلار تامامەن كومپارتىيە مەنپەئەتىنىڭ باياناتچىلىرىغا ئايلاندى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى زورايتىۋاتىدۇ» دەيدۇ.
خەن ليەنچاۋنىڭ قارىشىچە، مىللىي زىددىيەتنى يۇمشىتىشنىڭ چارىسى بۇ كادىرلارنى ئېلىپ تاشلاپ، كەنت، يېزا ۋە ناھىيەلەردە ئەركىن سايلاپ ئېلىپ بېرىش، ھوقۇققا ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي ۋەكىللىك قىلىدىغان زاتلارنى قويۇشتۇر.
خەن ليەنچاۋ: «جۇڭگو كومپارتىيەسى تۈزۈلمە جەھەتتە بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. بۇنى قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك؟ بۇنىڭ چارىسى ھەقىقىي يەرلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇشتۇر. يەرلىك ئاپتونومىيىنى قانداق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇنى كەنت دەرىجىلىك، يېزا دەرىجىلىك ۋە ھەتتا ناھىيە دەرىجىلىك سايلام ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. سايلام ئارقىلىق خەلقنىڭ شۇ يەرلىك ئىناۋىتى بار ئۇيغۇر زاتلارنى سايلاپ چىقىپ، ھوقۇقنى شۇلارغا تاپشۇرۇش، شۇلار ئارقىلىق شۇ جايدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش لازىم» دەپ كۆرسەتتى.
تايلاند دائىرىلىرىنىڭ پارتلاشنى قاچاقچىلارغا ئارتىشى يەنە، تايلاند ئاخباراتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. تايلاند «مىللەت»گېزىتى بۈگۈن ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە، تايلاند ساقچىلىرىنىڭ ئادەم قاچاقچىلىرىغا مەركەزلىشىپ قېلىشى ئۇلارنىڭ كۆزىنى توسۇۋالدى، دېگەن.
ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تايلاند بۇ دېلودا خىتاينىڭ قورچىقىغا ئايلىنىپ قېلىش خەۋپىگە تەۋەككۈل قىلغان. ماقالىدە، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ بۇ دېلودا پەقەت قاچاقچىلىق مەسىلىسىگە مەركەزلىشىپ قېلىپ، شىنجاڭدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىدەك رېئاللىققا سەل قارىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.