باڭكوك بومبا ھۇجۇمىغا ئالاقىدار پەرقلىق كۆز قاراشلار: بۇنى زادى ئۇيغۇرلار قىلدىمۇ؟ (1)

0:00 / 0:00

17-ئاۋغۇست تايلاندنىڭ ئېراۋان ئىبادەتخانىسى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 20 ئادەم قازا قىلدى. تايلاند ساقچى دائىرىلىرى ھۇجۇمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بۇ ھەقتە پىكىر يۈگۈرگۈچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر بومبا ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تايلاند ئىچىدىكى سىياسىي رىقابەتنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ پىكرىنى قوللىغۇچىلارنىڭ بىرى، نۆۋەتتە باڭكوكتا ياشاۋاتقان ژۇرنالىست شان كرسپىن. ئۇ ئالدىنقى كۈنى رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ يۇقىرىقى قاراشلارنى قايتا تەكىتلىدى. باڭكوك بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىن، تاي ساقچىلىرى ئادام كاراداغ ۋە مىرئەلى يۈسۈپ ئىسىملىك ئىككى گۇماندارنى قولغا ئېلىپ، باشقا بىر نەچچىسى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئۇلار يەنە مەزكۇر ھۇجۇمدا ئادەم ئەتكەسچىلىكى گۇرۇھىنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى، تېررورلۇق ھۇجۇمى قاتارلىق نۇرغۇن ئېھتىماللىقلارنىڭ بارلىقىنى تىلغان ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىكى ھۇجۇمچىلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە تۈرك بولۇش مۇمكىنچىلىكىنىمۇ چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ھالبۇكى، دىپلومات گېزىتىنىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى شان كرسپىن 4-سېنتەبىر دىپلومات گېزىتىدە تايلاند ئېراۋان ئىبادەتخانىسى بومبا ھۇجۇم ھەققىدە بىر مۇلاھىزە ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچنىڭ دائىرىلەر ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى، بۇ ھۇجۇمنى پىلانلىغۇچىلارنىڭ سىرتقى كۈچلەر بولماستىن، بەلكى تايلاند ئىچىدىكى رىقابەتچى گۇرۇھلار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

شان كرسپىننىڭ مۇلاھىزىسىگە قارىغاندا، تاي ساقچى دائىرىلىرى ھۇجۇمغا ئالاقىدار چەتئەللىك گۇماندارلارنى قولغا ئېلىپ دېلودا بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىنى تەنتەنە قىلىۋاتقان مەزگىلدە، دۆلەتلىك ئىستىخبارات ۋە رازۋېدكا ئورگانلىرى ھۇجۇمنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى رولچىلىرىنى تېپىشقا دىققىتىنى ئاغدۇرغان.

شان كرسپىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ نۆۋەتتىكى دېلو ۋەزىيىتىنىڭ بىر نەچچە ھەپتە ئاۋۋالقى بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: مەنچە دېلونىڭ تەرەققىياتى مەن بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى بۇ مۇلاھىزە ماقالىسىنى ئېلان قىلغاندىكى ۋاقىت بىلەن پەرقسىز. چۈنكى ھازىرغىچە، بۇ بومبا ھۇجۇمىنىڭ ئارقىسىدا كىم بارلىقى ۋە ھۇجۇمنىڭ سەۋەبى ئېنىق شەرھلەنمىدى. ئۇلار پەقەت قارىماققا ئەڭ مۇۋاپىقتەك كۆرۈنىدىغان بىر نەچچە گۇماندارنى تەۋسىيە قىلالىدى خالاس.

ماقالىدە تايلاندتىكى ئۆزىنى مەخپىي تۇتقان چەتئەل ئەلچىلىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىلىرى، سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەربابلىرى ۋە مۇستەقىل رازۋېدچىكلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ پىلانلانغان بۇ پارتلىتىش ۋەقەسىدە رول ئالغۇچىلارنىڭ تايلاند ئىچىدىكى مۇشتۇمزور بىخەتەرلىك كۈچلىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىشكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋەقەنىڭ ئەسلى ماھىيىتى قاتلاممۇ ‏-قاتلام تېنىۋېلىش مۇمكىنچىلىكى، ھۆكۈمەتنىڭ قالايمىقانلاشتۇرۇشى ۋە چولتا ساقچى تەكشۈرۈشى ئاستىغا يوشۇرۇنغان.

ئاپتور ماقالىسىدە يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىئىنەزەرنى يورۇتۇشقا تىرىشقان ھەمدە ۋەقەگە ئالاقىدارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىككى گۇماندارنىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە شۇنىڭغا ئەگىشىپ مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان گۇمانلارنى بايان قىلغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇ بومبا ھۇجۇمىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىدىن ۋە ياكى تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىدىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان قاراشلاردا، 20 ئادەمنىڭ جېنىنى ئالغان بۇ بومبا خىتاي ساياھەتچىلەرنى ئولتۇرۇش ئۈچۈن قويۇلغان دېيىش بەكرەك گەۋدىلەندۈرۈلۈۋاتىدۇ. مەن سۆزلەشكەن دىپلوماتلارمۇ بۇنىڭ پۇت تەرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بۇ ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا يەنە 5 مالايشىيالىقمۇ بار، ھېچكىم بۇلارنىڭ گېپىنى قىلىشمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەتىسى توسۇپ قېلىنغان ئىككىنچى بومبا بايقالغان جايدا ھېچ خىتاي پۇقراسى يوق ئىدى.

بۇنى يەنە ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى ئەتكەس قىلىش گۇرۇھىنى بىتچىت قىلىشتىن ئېلىنغان ئۆچ دەپ شەرھلىنىۋاتقان ئاساسىي پىكىر ئېقىمىمۇ مېنى قايمۇقتۇرۇپ قويدى. چۈنكى بۇنى دەلىللەيدىغان ئىسپاتلار ھازىرچە تولۇق ئەمەس.

باڭكوك بومبا ھۇجۇمىغا ئالاقىدارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئادەم كاراداگ ئىسىملىك بىر گۇماندار 29-ئاۋغۇست باڭكوكنىڭ نوڭ چوك رايونىدىكى بىر بىنا ئۆيدىن قولغا ئېلىنغان. ساقچىلار ئەينى چاغدا ئۇ تۇرۇۋاتقان ئۆيدىن كۆپلىگەن بومبا ياساش ماتېرىياللىرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ھالبۇكى شان كرسپىننىڭ كۆرسىتىشىچە، بومبا ياساش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئۇ ئۆيدە تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قېلىشى گۇمانلىق.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئادام كاراداگنىڭ ئادۋوكاتى ئارقىلىق بىلدۈرگەنلىرىگە دىققەت قىلسىڭىز، بومبا پارتلىغاندا ئۇنىڭ مالايشىياغا خىزمەت ئىزدەپ بارغانلىقىنى بىلىسىز. ئۇ ئۆيدە ئولتۇرۇۋاتقاندا قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ساقچىلار ئۆيگە بېسىپ كىرىشتىن ئىلگىرى ئۆيدە يوق بولغان تۇرۇبا، شار قازانلىرى، ۋە بومبا بەلگىلىرىنىڭ ساقچىلار باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىنلا سىرلىق ھالدا ئۆيدە پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ئادەم كاراداگ تۇتۇلغاندا ئۇ ئۆيدىن تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش جىلىتكىسىنىڭ سۈرىتى ھېچقانداق چۈشەنچە بېرەلمەيلا تور ۋە باشقا نەشر بۇيۇملىرىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى، دائىرىلەرنىڭ ۋەقەنىڭ ماھىيىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ شۇنى روشەن كۆرسىتىدۇكى، بۇ يەردە ساقچىلارغا مۇناسىۋەتلىك گۇمانلىق ھەرىكەتلەر بار. باشتا ئۇلار ئادەم بومبا جىلىتكىسىنى كۆرسەتتى، كېيىن ئۇنى بېسىپ كىرگەندە يوق ئىدى، دەپ ئېلىۋەتتى. بەلكىم ئادەم كاراداگ باياناتىدا ئېيتقاندەك، ھېلىقى بومبا ياساش ماتېرىياللىرىمۇ ئىلگىرى ئۇ ئۆيدە بولمىسا كېرەك.

ئۇنداقتا، بۇ بومبا ھۇجۇمىنىڭ ئارقىسىدا كىم بولۇشى مۇمكىن؟ دائىرىلەر نېمە ئۈچۈن بۇ ھۇجۇمنى ئۇيغۇرلارغا چاتتى؟ ھۇجۇمغا چېتىلىپ، ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ۋاننا سۇئانسان نېمىلەرنى دەيدۇ؟ بۇنىڭ داۋامى كېلەر قېتىملىق پروگراممىمىزدا بولىدۇ.