باڭكوك بومبا ھۇجۇمىغا ئالاقىدار پەرقلىق كۆز قاراشلار: بۇنى زادى ئۇيغۇرلار قىلدىمۇ؟ (2)

0:00 / 0:00

باڭكوكتا يۈز بەرگەن 17-ئاۋغۇست بومبا ۋەقەسىگە مانا بۈگۈن بىر يېرىم ئاي بولاي دېدى. گەرچە تايلاند دائىرىلىرى 28-سېنتەبىر بايانات بېرىپ دېلونىڭ پاش بولغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئۇلار ھازىرغىچە ھۇجۇم ھەققىدە ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ئادەمنى قايمۇقتۇرۇشتىن خالىي بولالمىدى.

ساقچى باياناتلىرىدىكى مۈجمەللىك ھۇجۇم يۈز بېرىپ ئەتىسىدىن باشلاپ تا بۈگۈنگىچە داۋام قىلىپ كەلدى. بۇلارنى ھازىرغىچە مەتبۇئاتلاردا بېرىلىپ كەلگەن باياناتلارغا چېسلا تەرتىپى بويىچە قاراپ چىققاندىلا بىر قەدەر روشەن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

ھۇجۇم ھەققىدىكى ساقچى باياناتلىرى مۈجمەللىكتىن خالىي بولالمىدى

تايلاند دۆلەتلىك ساقچى ئىدارىسى باشلىقى سوميوت پۇمپانمۇئاڭ 19-ئاۋغۇستتىكى باياناتىدا «بۇ ھۇجۇمغا ئالاقىدار ئامىللار ئىچىدە تايلاندنىڭ ئىچكى سىياسىيسى ۋە يېقىندا تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار توقۇنۇشىنىمۇ چەتكە قاقمايمىز» دېگەن.

تايلاند ساقچىلىرى 29-ئاۋغۇست، 2-سېنتەبىر ئادام كاراداگ ۋە مىرئەلى يۈسۈپ ئىسىملىك ئىككى گۇماندارنى ئارقا-ئارقىدىن قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان.

دائىرىلەر بۇ ئىككىيلەننىڭ كىملىكىنى دەسلەپتە ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىڭ قولىدا «شىنجاڭدىن تارقىتىلغان خىتاي پاسپورتى بار» لىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۇجۇمنىڭ بۇ يىل ئۇيۇلدا خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان 109 ئۇيغۇر مۇساپىر بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرنىڭ تايلاند ۋە بىر قىسىم غەرب مەتبۇئاتلىرىدا تازا قاينىشىغا سەۋەب بولغان.

ئامېرىكىدىن چىقىدىغان «دەۋەر ژۇرنىلى» دا نەقىل قىلىشىچە، تاي ھۆكۈمەت خادىملىرى 9-سېنتەبىردىكى باياناتىدا باڭكوك ھۇجۇمىدىكى باش پىلانلىغۇچىنىڭ قولىدىمۇ خىتاي پاسپورتى بار كىشى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ 16-ئاۋغۇست تايلاندتىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«ئىشان» نەگە كەتتى؟

خەۋەردە يەنە گۇماندار مىرئەلى يۈسۈپنىڭ جىنايەت گۇرۇھى باشلىقىنىڭ «ئىشان» ئىسىملىك بىرى ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بېنگال ساقچىلىرى11-سېنتەبىردىكى باياناتىدا 17-ئاۋغۇست باڭكوك ھۇجۇمىدىكى باش پىلانلىغۇچى «ئىشان» يەنى ئابدۇساتتار ئابدۇراخماننىڭ 16-ئاۋغۇست بېنگالغا كېلىپ 30-ئاۋغۇست بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىدا خىتايغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، تايلاند ساقچىلىرى 14-سېنتەبىر بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، باش گۇماندار ئابدۇراخمان ئابدۇساتتارنىڭ خىتايغا ئەمەس تۈركىيەگە قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

ساقچى باياناتچىسى پراۋۇت تاۋورنسىرى «ئىشان» نىڭ بېنگالدىن ئايرىلغاندىن كېيىن 30-ئاۋغۇست دېھلى شەھىرىگە كېلىپ، ئابۇدابى شەھىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

لېكىن تۈركىيە ياكى خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەقتە بىر ئېنىقلىما بەرمىگەن. شۇنىڭ بىلەن تايلاند باش ساقى ئىدارىسى باشلىقى ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان تايلاند ئىچكى سىياسىيسى ئېلېمېنتى ھۇجۇمغا سەۋەب بولغان ئامىللار قاتارىدىن ئۈنۈملۈك چىقىرىپ تاشلانغان.

«گۇماندار» لار ساقچىغا تونۇشمۇ؟

تايلاند دائىرىلىرى 9-سېنتەبىر گۇماندار مىرئەلى يۈسۈپنى سېرىق مايا كەيگۈزۈپ، تايلاند كوچىلىرىدا سازايى قىلدۇرۇپ، ئۇنى بومبىنى باشقا گۇماندارلارغا يەتكۈزۈپ بەرگەن جەرياننى ئەسلەشكە سالغان.

ئەينى چاغدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى سۈرەتلەردە مىرئەلى يۈسۈپنىڭ تاي ساقچىلىرى بىلەن خۇددى كونا تونۇشلاردەك راھەت پاراڭلىشىپ تۇرغانلىقى، ھەتتا چاقچاقلىشىپ كۈلۈشكەنلىكى ئاشكارا بولغاندىن كېيىن بۇ خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىدىن قېچىپ قۇتۇلمىغان، ھەتتا بەزى مەتبۇئاتلار بۇنىڭدىن ئەجەبلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىشقان.

بۇ ھەقتە ئۆز گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغان «دىپلومات» گېزىتىنىڭ سەھىپە يازغۇچىسى شاھ كرسپىن بەلكىم بۇ ئاتالمىش گۇماندارلارنىڭ تايلان ساقچىلىرىغا ئەزەلدىن تونۇش بولغان كىشىلەر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە سوراشقا تېگىشلىك بولغان بىر نەچچە سوئال بولسا، ساقچىلار بۇ گۇماندارلار بومبا ۋەقەسىگە چېتىلىپ قېلىنىشتىن بۇرۇن بۇلارغا قارشى جىنايى پاكىتلارغا ئىگىمىتى ئەمەسمۇ؟ بۇلار ھەرقانداق شەكىلدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكى دېلوسىغا چېتىلغانمۇ يوق؟ بۇلار ساقچىلارنىڭ جازالاش تىزىملىكىگە چۈشۈرۈلگەنمۇ؟ ساقچىلار بۇلار بىلەن «سەن بىزگە بۇ رولنى ئېلىپ بەر، بىزنى سېنى قويۇۋېتىمىز» دەپ پۈتۈشكەنمۇ يوق؟ بۇلارنى بىز ھازىرچە سورىيالمايمىز، چۈنكى گۇماندارلار تېخى ئاخباراتقا ئوچۇق ئەمەس.

ئەمما بۇ ھەقتە چىقىۋاتقان بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ گۇماندارلارنىڭ چېرىك تاي ساقچىلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇقلۇقى ئېنىق. بۇ ساقچىلار ئۇلارنىڭ جىگىرىدىن پاسپورتلۇق ياكى پاسپورتسىز ئۆتۈشىگە يول قۇيۇپ كەلگەن. بەلكىم بۇ كىشىلەر تايلاندنىڭ ئىچكى سىياسىي غەرەزلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن تۇزاققا دەسسىتىلگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن.

ۋاننا سۇئانسان: مەن تېررورچى ئەمەس!

تايلاند دائىرىلىرىنىڭ بومبا ھۇجۇمى گۇماندارلىرى ھەققىدىكى يەنە بىر مۈجمەل بايانلىرىدىن بىرى ھۇجۇمغا چېتىلىپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ۋاننا سۇئانسان ئىسىملىك تايلاندلىق ئايال ۋە ئۇنىڭ تۈرك پۇقراسى ئېرى-ئەمراھ داۋۇتئوغلۇ.

ۋاننا خانىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: مېنى، ئېرىمنى، تۈرك ياكى ئۇيغۇرنى بۇ تېررورىزم تورىغا چېتىپ شەنىمىزگە داغ چۈشۈرمەڭلار. بىز بۇ ھۇجۇم ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيمىز ۋە بىزنىڭ بۇنىڭ بىلەن چېتىشلىقىمىز يوق. مەن شۇنى كەسكىن ئېيتىمەنكى مەن تېررورچى ئەمەس!

ۋاننا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 1-ئىيۇلدا تايلاندتىن ئايرىلىپ تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەملەشكەن.

ھۇجۇمنىڭ ئۇيغۇرلارغا چېتىلىشى گەۋدىلەندۈرۈلگەندە، خىتاي مەيدانىنى ئۆزگەرتكەن

ھۇجۇمنىڭ ئۇيغۇرلارغا چېتىلىشى بىر قەدەر گەۋدىلەندۈرۈلگەن پەيتلەردە، ئىلگىرى تايلاند ھۆكۈمىتىنى بومبا ھۇجۇمنى ئۇيغۇرلارغا چېتىپ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلماسلىققا چاقىرغان خىتاي دائىرىلىرىمۇ مەيدانىنى دەرھال ئۆزگەرتىپ ۋەقەدە ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتنى ئەيىبلەشكە ئۆتكەن.

9-سېنتەبىر BBC دا خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ھۇجۇمنى «شىنجاڭ ئىچىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر» قىلغانلىقى، بۇلارنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

تايلاند دۆلەتلىك ساقچى باشلىقى 15-سېنتەبىر باڭكوك بومبا ۋەقەسى ھەققىدە بەرگەن يەنە بىر باياناتىدا ھۇجۇمنى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى رادىكال جەڭگەرلەرنىڭ تايلاندنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋەقەنى ئۇيغۇرلارغا تۇنجى قېتىم ئوچۇق ئاشكارا چاتقان.

كرسپىن ئەپەندىم: باڭكوك بومبا ھۇجۇمىغا ئۇيغۇرلارنى چېتىش ھۆكۈمەتكە ئىنتايىن قۇلاي كەلگەن

ئۇنداقتا، دائىرىلەر نېمە ئۇيغۇرلارنى بۇ ھۇجۇمغا چاتتى ۋە بۇنى ئاتالمىش بۇ ھۇجۇمغا ئالاقىدارلىقىنى «بوينىغا ئالغان» لىقى خەۋەر قىلىنغان گۇماندارلار ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا ئۇرۇندى؟

كرسپىن ئەپەندىمنىڭ قارىشىچە، بومبا ھۇجۇمىغا ئۇيغۇرلارنى چېتىش ھۆكۈمەتكە ئىنتايىن قۇلاي كەلگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر بۇ ھۇجۇمنى باشقىلار قىلغان، ياكى بۇ ھۇجۇم سىرتقى كۈچلەردىن ئەمەس، بەلكى تايلاندنىڭ ئىچكى سىياسىي سەۋەبلىك كېلىپ چىققان بولسا، ھۆكۈمەت بۇنىڭ خەۋەر بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇنى ئەلۋەتتە سۇسلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلارنى چېتىش ئەلۋەتتە بۇ ھەقتە ئوچۇق بىر شەرھلەش يولىنى ئىزدەپ يۈرگەن ئاخبارات ساھەسىگىلا ئەمەس، بەلكى تاي ھۆكۈمىتىگىمۇ ئىنتايىن ئەپ كېلىدۇ. بەلكىم، ئۇلار ئۇيغۇرلارنى ۋەقەگە ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىچكى سىياسىتىدىكى نىزالارنى يوشۇرغان ۋە شۇ ئارقىلىق خەۋەر تېمىسىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن.

ھۇجۇمنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىرىگە چېتىلىشىمۇ گۇمانلىق

28-سېنتەبىر تايلاند ساقچى دائىرىلىرى باڭكوك ھۇجۇمى دېلوسىنىڭ پاش قىلىنغانلىقىنى تېلېۋىزوردا جاكارلاپ ھۇجۇمنىڭ ئەمەلىيەتتە ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە بېرىلگەن زەربىلەردىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇلار باياناتىدا باشتا قولغا چۈشكەن ئادام كاراداگنىڭ ئەمەلىيەتتە بومبا ھۇجۇمىغا ياردەم بەرگۈچى ئەمەس، بەلكى بومبىنى ئىبادەتخانىسىغا قويغان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە دېلونىڭ يېپىلغانلىقىنى ئېيتقان.

ھالبۇكى، كرسپىن ئەپەندىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھۇجۇمنى ئاش تاۋىقىدىن ئايرىلىپ قالغان ئادەم ئەتكەسچىلىرى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن قىلغان، دەپ قاراشمۇ كۈچلۈك ئاساسى يوق پەرەز ئىكەن. چۈنكى ئادەم ئەتكەسچىلىكى تايلاندتا ئەزەلدىن مەۋجۇت يەر ئاستى سودا قاناللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەتكەسچىلەر بومبا پارتلىتىپ ئۆزىنى ئاشكارىلاپ ئەمەس، بەلكى ئامال بار بېشىنى توۋەن تۇتۇش ئارقىلىق سودىسىنى خۇپىيانە داۋام قىلىشنى خالايدىكەن.

ئەگەر ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئۇنداقتا بۇ بومبا ھۇجۇمىنى زادى كىم قىلدى؟ بۇنىڭ جاۋابى نۇرغۇن كىشىلەرگە بىر سىر. شان كرسپىن ئەپەندىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھېچ بولمىغاندا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قولغا ئالدۇق دەپ سازايى قىلىپ يۈرگەن ئىككى گۇماندار ئاخباراتقا بىۋاسىتە بايانات بېرەلىگەندە، ئۇلاردىن مۇخبىرلار ئوچۇق-يورۇق سوئاللارنى سورىيالىغاندا ئاندىن بۇنىڭدىكى بەزى گۇمانىي نۇقتىلار قىسمەن جاۋابلىشى مۇمكىن ئىكەن.