«تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-03-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئىشلىگەن پىلاكات. 2011-يىلى 26-ئىيۇل، ميۇنخېن.

RFA/Ekrem

گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ خىتاي مىللەتچىلىكىنى تەرغىب قىلغانلىقى، تىبەت، ئۇيغۇر ۋە تەيۋەننىڭ كېلەچىكىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە ھېچقانداق ئىجابىي پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

باياناتتا ئاگاھلاندۇرۇشىچە، شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا دائىر بىرەر ئىجابىي پىكىر ئوتتۇرىغا قويمايلا قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش تەلەپلىرىنى باستۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىشى كەلگۈسى 5 يىلدا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچرايدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدىكەن.
شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلىنىپ يەنە 5 يىل ھوقۇق تۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، خىتاي ئاساسى قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، «مەڭگۈلۈك رەئىسلىك» ھوقۇقىدا ئولتۇرۇشنىڭ يولىنى ئاچقان ئىدى.
«تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى ئۇلرىخ دېلىئۇس پەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ شى جىنپىڭغا چوڭ ئۈمىد باغلىمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھېچ بولمىسا بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى يۇمشىتىشقا دائىر بەزى ئىجابىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى كۈتكەنلىكى، لېكىن ئۇنىڭ ئەكسىچە خىتاي مىللەتچىلىكىنى تېخىمۇ قاتتىق تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇلرىخ دېلىئۇس مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ مىللەتچىلىك خىتابى، ئۇيغۇر، تىبەت، تەيۋەنلىكلەر ۋە ھەرقانداق شەكىلدىكى بۆلگۈنچىلىككە قاراتقان ئېنىق ئاگاھلاندۇرۇشى، ئۇنىڭ بىخەتەرلىك سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ باستۇرۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىشى بىزنى ھەيران قالدۇردى. بىز ھەقىقەتەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پىكىرىنى ئۆزگەرتىشىنى كۈتمەيتتۇق. چۈنكى بىز يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەن بىخەتەرلىك كرىزىسىنى كۆردۇق. بىراق ھېچ بولمىسا بىز ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا خىتايدىكى ئوخشىمىغان ئېتنىك گۇرۇپپىلار ۋە مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا ئالاقە قانىلى قۇرۇپ، سىياسىي مۇرەسسە يولىنى ئىزدىشىگە ئۈمىد باغلىغان ئىدۇق. لېكىن بىز ئۇنىڭ ھەربىي سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشتەك دەۋ ئېقىمىغا مۇخالىپ بىر يول تۇتقانلىقىنى كۆردۇق.»
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئۆزىنىڭ يىللىق ھەربىي خام چوتىنى 173 مىليارد دوللار، ئىچكى بىخەتەرلىك خام چوتىنى 190 نەچچە مىليارد دوللارغا چىقارغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ئىچكى بىخەتەرلىك خام چوتى ئالدىنقى يىلقىدىن92 پىرسەنت كۆپەيتىلىپ، 10 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.
«تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» باياناتىدا، «ھەر يىلى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى بىخەتەرلىك ۋە تەقىب كۈچەيتىلىپ ماڭغان بولسىمۇ، بىراق بۇ تەدبىرلەرنىڭ بۇ رايونلارغا بىخەتەرلىك ئېلىپ كېلەلمىگەنلىكى» نى تەكىتلىگەن.
ئۇلرىخ دېلىئۇس، خىتاينىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادى كۈچىگە بولغان كۈچلۈك تەمەنناسى ئۇنىڭ يەرلىك مىللەتلەر بىلەن دىئالوگ قۇرۇپ، ئۇلار بىلەن سىياسىي مۇرەسسەگە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇلرىخ دېلىئۇس يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇلاردا بىزنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىمىز كۈچلۈك دەيدىغان بىر تەمەننا بار. بۇ تەمەننا ئۇلاردا كرىزىسىدىكى بۇ رايونلاردا يەرلىك خەلقلەر بىلەن ھەرقانداق سىياسىي مۇرەسسە قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دېگەن تۇيغۇنى پەيدا قىلغان. مانا بۇ ئۇلاردا ئۆز كۈچىدىن مەغرۇرلىنىشتەك بۇ كىبىرلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. لېكىن بۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆز كۈچىگە ئىشىنىپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ تەلەپلىرىنى ئويلىشىشقا ئەرزىمەيدۇ دېگەن پىكىردە بولۇشى ئەمەس. دېمەك، بۇ ئۇلارنىڭ تارىختىن ھېچقانداق ساۋاق ئالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ،» دېدى.
بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، مەدەنىيەت توقۇنۇشى ئۇيغۇر رايونىدىكى بارلىق ئىختىلاپلارنىڭ تۈگۈنىدۇر. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە, شى جىنپىڭنىڭ قۇرۇلتايدىكى نۇتۇقى بۇ توقۇنۇشنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
ئىلشات ھەسەن مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ ھازىرقى بۇ قۇرۇلتايدىكى ئاخىرقى نۇتۇقىدا خىتاينىڭ گۈللىنىشىنى قايتا ئەمەلگە ئاشۇرىمىز، دېدى. نامدا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى تىلغا ئالدى. لېكىن ئۇنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى، دېگىنى خىتاي مەدەنىيىتى ۋە خىتايلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. بۇ مىللەتچىلىك بىزنىڭ ۋەتىنىمىزگە نېمە ئېلىپ كېلىدۇ دېگەندە، بىزنىڭ ۋەتەندىكى زۇلۇم پەسەيمەيدۇ. چۈنكى خىتاي، خىتاي مىللەتچىلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن، ئۇنىڭغا يات كۆرۈنگەن ھەرقانداق بىر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشى كېرەك. بۇنى قەدەممۇ قەدەم تېزلىتىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ھېچقانداق بىر ئۆزگىرىشنىڭ بارلىقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.»
خىتاي ھۆكۈمىتى 1980‏-يىللاردا ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن  كەڭرەك سىياسەت يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مىللىي سىياسىتى 1990‏-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆزگىرىشكە باشلاپ، ئۇيغۇرلارنى ئومۇمىيييۈزلۈك قاتتىق باستۇرۇشقا ئۆتكەن.
ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ 1980‏-يىللاردىكى سىياسىتى خەلقئارا جەمئىيەتنى مايىل قىلىش ئۈچۈن قوللانغان ۋاقىتلىق تاكتىكىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىرقى سىياسىتى خىتاينىڭ خاندانلىق دەۋرلىرىدىكى يات مىللەتلەرنى يەكلەش ياكى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش ئەنئەنىسىگە قايتقان ئىكەن. لېكىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاينىڭ مىللەتچىلىكى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر، تىبەتلەرگە قاراتقان سىياسىتى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەندىشىگە سېلىشقا باشلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئىلشات ھەسەن يەنە مۇنداق دېدى: «خەلقئارادا ھازىر خىتاينىڭ مىللەتچىلىكىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش، ئۇنىڭغا پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە تەتقىق قىلىش، خىتاينى قانداق قىلىپ بۇنىڭدىن قايتۇرۇش ياكى پارچىلاش، بۇ ھازىر ئويلىنىش دەۋرىگە كەلدى. چۈنكى خىتاينىڭ مىللەتچىلىك ئىدېئولوگىيەسى كېڭىيىپ، ئۇنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىپ قالسا، بىزنىڭ تەقدىرىمىز ئەتە-ئۆگۈن خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ. بىزنىڭ تەقدىرىمىز، ھازىرقى كۈنىمىز دۇنيانى ھەيران قالدۇردى.  دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنى ئەندىشىگە سېلىشقا باشلىدى.»
«تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» دىكى ئۇلرىخ دېلىئۇسنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن مىللەتلەرنىڭ « ئىناقلىقى» ۋە «ئىتتىپاقلىقى» نى تەكىتلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، دىنىي ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى چەكلىشىنى چۈشىنىشتە قىينالماقتا ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايونلاردىكى خەلقلەرنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىتىگە نېمىشقا بۇنداق قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ، دېگەن مەسىلىگە ئىزچىل كۆز يۇمۇپ كەلدى. بۇ خىل بىپەرۋالىقنى ئۇلاردىكى مەغرۇرلۇق كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. يەنى ئۇلار بىزنىڭ كۈچىمىز بار، ئۇلارنىڭ نارازىلىقىغا باش قاتۇرۇشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق، ئۇلارنىڭ قانداق قىلىشىنى بىز بەلگىلەيمىز، دەپ قاراۋاتىدۇ. بۇ خىل خاھىش خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ خەلقئارادا ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش تەشۋىقاتى بىلەن سىغىشمايدۇ. قىسقىسى، ئۇلاردىكى بۇ تەكەببۇرلۇق بۇ رايونلاردا تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ.»
«تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» باياناتىدا يەنە شى جىنپىڭنىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدىكى سۆزىدە ماۋ زېدوڭ دەۋرىنى مەدھىيەلىگەنلىكىنى تەنقىدلەپ، «ئۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىكى سۆزىدە "خىتاينى پەقەت سوتسىيالىزملا قۇتقۇزالايدۇ" دېگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ 50 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىدى،» دېگەن.

«تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەتلىك يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خىتاينى پارچىلاشقا قارىتىلغان ھەرقانداق ھەرىكەتكە قارشى «قانلىق ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق قىلىپ قويغانلىقى» نى تەكىتلەپ، «خىتاي زېمىنىدىن بىر سانتىمېتىر يەرنىمۇ ئايرىپ چىقىشقا يول قويۇلمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت