11-ماي كۈنى تۈركىيەنىڭ خاتاي ۋىلايىتى رەيخانلى ناھىيىسىدە پارتلىغۇچى ماددىي قاچىلانغان بىر ماشىنا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا 50 كىشى ئۆلدى، يۈزدىن ئارتۇق كىشى يارىدار بولدى.
ناھىيە مەركىزىدىكى كۆپ ساندا ھۆكۈمەت بىناسى، ئۆيلەر ۋە دۇكانلار زىيانغا ئۇچراپ، ناھىيە مەركىزى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دوزاخقا ئايلاندى. بۇ، سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەنلەر ئەڭ كۆپ جايلاشقان جايلاردىن بىرى بولغان چېگرا رايون ئىدى.
بىر قانچە ئاي بۇرۇن بۇ يەردىكى جىلۋەگۆز چېگراسىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 17 كىشى ئۆلگەن ئىدى. 11-ماي كۈنى يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدە 50 كىشى ئۆلدى، كۆپ ساندا كىشى يارىدار بولدى، 169 دۇكان، 16 ئېگىز بىنا، 62 ماشىنا خاراب بولدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىنلا ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. ئۇ كۈندىن بۇيان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيىسىنى قوللاپ كەلمەكتە. بۈگۈنگىچە تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەن سۈرىيەلىكلەرنىڭ سانى 500 مىڭغا يەتكەن.
تۈركىيە سۈرىيە خەلقىگە ماددىي مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلىۋاتقان بۇنداق بىر پەيتتە سۈرىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇم ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇنىڭدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرى قانداق بولدى؟ سۈرىيەدە ئىچكى توقۇنۇش مەيدانغا كەلگەندە بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاغدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ 3 يىلغىچە ئاغدۇرۇلماسلىقىدىكى سەۋەب نېمە؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىل سۈرىيەدە ئوقۇغان مۇنەۋۋەر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.