نيۇيوركتا ئېچىلغان «تەيۋەن دېموكراتىك سايلىمىنىڭ تەسىرى» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

0:00 / 0:00


16 - يانۋار كۈنى تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن پرېزېدېنت سايلىمىدا، تەيۋەندىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيىسى نامزاتى سەي يىڭۋېن خانىم تەيۋەننىڭ 14 - نۆۋەتلىك پرېزېدېنتى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تەيۋەن سايلىمى ھەققىدە مۇنازىرىلەرنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە بوشۈن تورى ۋە نيۇيورك خەۋەرلىرى قاتارلىق خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ئورگانلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېچىلغان«تەيۋەن دېوكراتىك سايلىمىنىڭ تەسىرى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر ۋە تىبەت كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىنىنى ئورۇنلاشتۇرغان بوشۈن تورى 1 - فېۋرال كۈنىدىكى سانىدا تەيۋەن دېموكراتىك سايلىمىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى خىتاي، تىبەت، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدىكى دوكلات ۋە مۇنازىرىلەرنىڭ تەپسىلاتىنى ئېلان قىلدى.

بوشۈن تورىدا ئېلان قىلىنغان يىغىن ھەققىدىكى مەخسۇس خەۋەردە، يىغىن قاتناشچىلىرىدىن «نيۇيورك، نيۇجېرسى تىبەت ئۇيۇشمىسى»نىڭ رەئىسى سولاڭ راشىنىڭ ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ھەسەننىڭ 15 مىنۇتلۇق دوكلاتىنىڭ تەپسىلاتى ئەينەن بېرىلگەن بولۇپ، بوشۈننىڭ خەۋىرىدە، تەيۋەننىڭ دېموكراتىك سايلىمىنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى قاتارلىقلارنىڭ يىغىننىڭ ئاساسلىق مۇنازىرە تېمىلىرىغا ئايلانغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

يىغىن قاتناشچىلىرىدىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، 1 - فېۋرال دۈشەنبە كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يىغىنغا تەييارلىغان دوكلاتىدا ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى ئاڭلاتتى.

بوشۈن تورىدا ئېلان قىلىنغان يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەردە يەنە، دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلغىنى ئۈچۈن، ئۆتكەن يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلۇقىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئامېرىكىغا كېلىپ تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىقتىساد پەنلىرى مۇتەخەسسىسى شا مىڭنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئېلشات ئەپەندىنىڭ دوكلاتىغا قايتۇرغان ئىنكاسىنىڭ سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى ئەينەن بېرىلگەن.

شامىڭ ئەپەندى بايانىدا چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز - تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش قاتارلىق تاللىشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى ئارىسىدا يېقىنقى يىللاردا بىر خىل كەيپىيات كۆرۈلىۋاتىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتا باشقا مىللەتلەر بىلەن قاراشتا بىردەكلىككە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما خىتاي چوڭ دۆلىتىنىڭ پۈتۈنلىكىنى ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئەھۋال ئېغىر. مېنىڭچە، سەن ئەركىنلىككە ئېرىشكەندىن كېيىن، باشقىلارنىڭ مۇستەقىل تاللىشىغا يول قويۇشۇڭ كېرەك. ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بار. شۇڭا كېيىنكى چاغلاردا 2008 - يىلدىكى دېموكراتىيە خىتابنامىسىغىمۇ بۇ مەزمۇنلار كىرگۈزۈلدى، يەنى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، ئۆز مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش، باشقا مىللەتلەرنىڭ تارىخى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى توغرا تونۇش ئىنتايىن مۇھىم. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مېڭە يۇيۇش تەشۋىقاتىنىڭ تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىغان نۇرغۇنلىغان خىتاي زىيالىيلىرى ھازىرغىچە بۇ نۇقتىنى تېخى تونۇپ يېتەلمىدى.»

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇر تىبەت ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتلارنىڭ يىغىننىڭ قىزغىن مۇنازىرە تېمىلىرىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تىبەت ۋەكىللىرىدىن نيۇيورك، نيۇجېرسى تىبەت ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى سولاڭ راشىنىڭ تىبەتلەرنىڭ ئەھۋالى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ تاللىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدىكى دوكلاتى ۋە خىتاي دېموكراتلىرىدىن ۋاڭ چېڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنى ئېتىراپ قىلىش» قاتارلىق دوكلاتلارنىڭ يىغىندا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ئەپەندى بايانىدا يەنە، نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى ۋاڭ چېڭنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قوللاش تەشەببۇسى ھەققىدە توختىلىپ، چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەش تارىخى، نۆۋەتتىكى نارازىلىق، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللار يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇش ۋە ئېزىلىشكە ئۇچراۋاتقان ئەمەلىي ئەھۋالىنى تېخىمۇ كۆپ خىتاي دېموكراتلىرى ھەتتا پۈتكۈل خىتاي مىللىتىگە ئاڭلىتىشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكى ۋە مۇھىم ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.