تەيۋەندە مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى 51% نى ئىگىلىگەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.05.31
sey-yingwen-chen-chyenjen.jpg تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن خانىم ھوقۇق تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا مۇئاۋىن رەئىسى چېن چيەنجېن بىلەن. 2016-يىلى 20-ماي، تەيبېي.
AFP

تەيۋەن خەلق رايى فوندى جەمئىيىتى 27-ماي ئېلان قىلغان خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسى 51% تەيۋەنلىكنىڭ مۇستەقىللىقنى خالايدىغانلىقىنى، ئاران 15% تەيۋەنلىكنىڭ خىتاي بىلەن بىرلىشىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 28-مايدىكى تەيۋەن خەلق رايى فوندى جەمئىيىتى دوكلاتىدىن نەقىل ئالغان خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن 20-ماي كۈنى ھوقۇق تاپشۇرۇپ ئېلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بۇ دوكلات «تەيۋەن خەلقى مەڭگۈ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ ياشاشنى خالايدۇ، دەيدىغان ساختا قىياپەت ۋە ئەپسانىنى رەت قىلىپ تاشلىغان».

راي سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 51% تەيۋەنلىك مۇستەقىللىقنى خالايدىكەن، 15% تەيۋەنلىك خىتاي بىلەن بىرلەشكەن ياخشى دەپ قارايدىكەن، 25% تەيۋەنلىك بولسا، ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشنى مۇۋاپىق كۆرىدىكەن. مىللەت تەۋەلىكى توغرىسىدىكى راي سىناشقا قارىتا 81% كىشى ئۆزىنى «تەيۋەنلىك» دەپ قارايدىكەن، 8% كىشى ئۆزىنى «جۇڭگولۇق» دەپ قارايدىكەن، يەنە 8% كىشى بولسا ئۆزىنى ھەم تەيۋەنلىك ھەم جۇڭگولۇق دەپ قارايدىكەن.

«يېرىمدىن ئارتۇق تەيۋەنلىك مۇستەقىللىق ئىستەيدۇ» ناملىق بۇ خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى راي سىناش ئېلان قىلىنىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، تەيۋەن سودا-سانائەت ساھەسى ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلغان خىتاينىڭ تەيۋەن، خوڭكوڭ ساھەسىگە مەسئۇل ئەمەلدارى جاڭ جېجۈن بېيجىڭدا پىكىر بايان قىلىپ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى ئۆلۈم يولىدىنلا ئىبارەت» دېگەن تەھدىت ئىبارىسىنى تەكرارلىغان.

بىراق ھاكىمىيەت بېشىدىكى تەيۋەن دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ۋەكىلى ۋاڭ دىڭيۈ ئىنكاس قايتۇرۇپ: «تەيۋەنگە قارىتا ‹ئۆلۈم يولى› دېگەن بۇ گەپنى قىلغىلى ئۇزۇن بولدى، ئەمما تەيۋەن ھېلىمۇ ھايات تۇرۇپتۇ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا باردى-كەلدى داۋاملىشىۋاتىدۇ، نەدىمۇ ‹دېگىنىمدەك قىلمىساڭ، ساڭا ئۆلۈم يولى› دەيدىغان گەپ بار؟ بۇنداقمۇ ھەمكارلىق بولامدۇ؟» دېگەن.

تەيۋەن پارلامېنت ئەزاسى خۇاڭ گوچاڭمۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ: «بۇ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق تەھدىتى ئەمەس، بۇ خىل تەھدىت تەيۋەنلىكلەرنى بارغانسېرى ئۆزىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇشتىن باشقا نەتىجە يارىتالمايدۇ» دېگەن.

مەزكۇر خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، تەيۋەننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن ھوقۇق تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، تەيۋەن خەلقىنىڭ ئىرادىسى ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇندىن ئىلگىرىكى 8 يىلدا ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان گومىنداڭ پارتىيىسى خەلقنىڭ ھەقىقىي رايىنى پەردازلاپ كەلگەن.

تەيۋەن گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىلى ۋاڭ يۈمېي خىتاينىڭ تەيۋەن، خوڭكوڭ ساھەسىگە مەسئۇل ئەمەلدارى جاڭ جېجۈننىڭ بېيجىڭدا قىلغان سۆزى ھەققىدە توختىلىپ: «چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئەزەلدىن ئۆزگەرگەن ئەمەس، پەقەتلا ئىلگىرى بۇ قەدەر ئوچۇق ئىپادىلەنمىگەن، تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك تەرەققىي قىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن جاڭ جېجۈن بۇ قېتىم گەپنى ئوچۇق قىلدى» دېگەن.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا «تەيۋەن ۋە خوڭكوڭدا مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنىڭ كۆپىيىشى، خىتاينىڭ «بىر جۇڭگو سىياسىتى» نىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئىلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ تەيۋەن ۋە خوڭكوڭدا كىشىلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئىلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ تەيۋەن ۋە خوڭكوڭدا كىشىلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى

خىتاينىڭ خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن سىياسىتىنىڭ ئادىل ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مانيان ئەپەندىمۇ بۇ جەھەتتە دولقۇن ئەيسا بىلەن ئوخشاش قاراشتا بولۇپ، ئۇ شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان يۈرگۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ تەيۋەن ۋە خوڭكوڭدا مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنىڭ سانىنىڭ يۈكسىلىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ بىر تەرەپتىن بۇزۇق، پارىخور ئەمەلدارلارنى جازالاۋاتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ زادى نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى تەيۋەن ۋە خوڭكوڭدا مۇستەقىللىق سادالىرىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.»

تەيۋەننىڭ نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئامېرىكا، كارىب دېڭىزى، ئافرىقا ۋە جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى 22 دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان بۇ 22 دۆلەتنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش يولىدا تۈرلۈك شەكىللەردە بېسىم ئىشلىتىپ كەلگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 26-مايدىكى ئانالىزىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى بېسىم سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، سەي يىڭۋېن ھۆكۈمىتى خىتايغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن. ھالبۇكى، خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باياناتچىسى ما شاۋگۇاڭ 25-ماي كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، سەي يىڭۋېننىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدىكى پوزىتسىيىسىنىڭ مۈجمەل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ « ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچ، مۇقىم بولغان تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە كونكرېتنى چارە-تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويمىدى» دەپ ئەيىبلىگەن.

ب ب س نىڭ 28-مايدىكى خەۋىرىدە تەسۋىرلىنىشىچە، تەيۋەننىڭ گومىنداڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى دەۋرىدە خىتاي بىلەن قۇرغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ دائىرىسى كەڭ بولۇپ، سەي يىڭۋېن پرېزىدېنتلىق تەختىگە چىققاندىن كېيىن جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتەك يېڭى ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا تاشلىغان. بۇ ئىستراتېگىيەدە خىتاي بىلەن بولغان كونا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلار ساقلاپ قېلىنىش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتىكى ئاساسىي ئىقتىسادىي نىشاننى ئۆزلىرى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بولغان جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونلىرىغا قارىتىش ۋە ئۇ جايلارغا مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان. ئەلۋەتتىكى، بۇ يېڭى پىلان خىتاي دائىرىلىرىنى خېلىلا جىددىيلەشتۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.