3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى توكيو شەھىرى پورت رايونىدىكى ئاممىۋىي يىغىلىش زالىدا ياپونىيە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنى، ياپونىيە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخى تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن « ئىسلام ۋە ئۇيغۇرلار» دېگەن تىمىدا دوكلات بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى دوكلات سۆزلەش پائالىيىتىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ «ئىسلام ۋە ئۇيغۇرلار» دېگەن تىمىدا مەخسۇس ئىككى سائەت دوكلات سۆزلىگەن.
ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان ۋە بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىشقا كۈچ قوشۇشنى خالايدىغان كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ئەتراپلىق چۈشىنىشى، ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسانلارغا بولغان مەدەنىي يىتەكلەش رولىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىشى ۋە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ دىنغا بولغان ئۆچمەنلىكى ئاساسىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىنى تەدىرىجى سېقىپ چىقىرىش مەقسىتىنىڭ بارلىقىنى ياپون خەلقىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
دوكلات ئۈچ قىسىمدىن ئىبارەت بولۇپ، بىرىنچى قىسمىدا ئىسلام دىنىنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققى قىلىش جەريانى ئىخچام ھالدا تونۇشتۇرۇلۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىغا قوشقان تۆھپىلىرى، ئىسلام دىنىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى رولى چۈشەندۈرۈلگەن. ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلىرى تەپسىلىي سۆزلەنگەن. دوكلاتنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا، ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تارقىلىش تارىخى تونۇشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى قۇرغان قاراخانىلار دۆلىتى دەۋرىدىكى ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە شۇنداقلا بۇ دەۋرىنىڭ نامايەندىلىرىدىن بولغان مەھمۇد قەشقەرى، يۇسۇپ ھاس ھاجىپتەك ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىملرىنىڭ تۆھپىلىرى ھەققىدىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىلگەن. دوكلاتنىڭ ئۈچىنچى قىسمىدا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ئېتىقادىنى بوغۇپ تاشلاپ، ئۈزلۈكسىز دىنسىزلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكى، بولۇپمۇ 1996 - يىلى3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خىتاي كومپارتىيسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمى مەخپى ئېلان قىلغان «7 - نومۇرلۇق ھۆججەت» نى ئاساس قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق دىنىي پائالىيەتلىرىنى «قانۇنسىز» دەپ بېكىتىپ، دىنىي ئۆلىمالارنى تۇتۇپ قاماش، مەدىرىسلەرنى تاقاش، تالىپلارنى ھەر - خىل باھانىلەر بىلەن جازالاش، ياش ئۆسمۈرلەرگە ئاتىزم تەربىيىسىنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە دىنىي تۈس ئالغان قىياپەت ۋە كىيىنىشلەرنى كەڭ كۆلەمدە چەكلەۋاتقانلىقى پاكىتلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ قېتىمقى دوكلات بېرىش يىغىنىغا توكيودىكى ھەر ساھە كىشىلرىدىن بولۇپ،جەمىي 80 گە يېقىن كىشى قاتناشقان. دوكلات كەچ سائەت يەتتە يېرىمدىن باشلاپ توققۇز يېرىمغا قەدەر داۋاملاشقان.
بىز مەزكۇر دوكلات ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن،نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00
