9 - يانۋار توكيودا باش شىتابى ۋاشىنگىتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دېموكتراتىيە فوندىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە شۇنداقلا توكيودا تۇرۇشلۇق تايلاند باش ئەلچىخانىسى بىلەن تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ھەققىدە بىر قاتار سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغان.
دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئەتىگەن سائەت ئون يېرىمدىن ئون بىر يېرىمغا قەدەر بىر سائەت ئەتراپىدا تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىپ، بۇ ھەقتە بەزى تەكلىپ ۋە تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇلار ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق، تايلاند ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىدە خەلقئارا نىزاملارغا رىئايە قىلغان ھالدا ئىش كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىشىنى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئامان - ئىسەن بېرىۋېلىشىغا ياردەمدە بولۇشىنى سورىغان.

دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم باشچىلىقىدىكى بۇ گۇرۇپپا ئەزالىرى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن باشلاپ توكيودىكى تايلاند ئەلچىخانىسىنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل دىپلوماتىيە خادىمى بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
دىققىتىڭلار،ياپونىيەدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ بۇ ھەقتە دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاھسىم بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە بولغاي.