توكيودا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات سۆزلەش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكچى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2014.11.21
yaponiye-tokyo-muqam-kitab.jpg ياپونىيە شۇكۇئوشا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» ناملىق كىتاب
RFA/Qutluq

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 27 - نويابىر كەچتە توكيودا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات سۆزلەش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدىن ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلغان رېئىكو ھاگىتا خانىم ئۇيغۇر مۇقاملىرى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات سۆزلەيدىكەن.

رېئىكو ھاگىتا خانىم 1983 - يىلى توكيو چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاماملىغان، 1988 - يىلىدىن 1989 - يىلىغىچە پاكىستاندىكى كاراچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا، 1994 - يىلىدىن 1995 - يىلىغىچە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئېلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان.

ئۇ تەرجىمە قىلغان «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» ناملىق كىتاب يېقىندا ياپونىيە شۇكۇئوشا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى» ناملىق كىتابنىڭ نەشر قىلىنىش ئەھۋالى ۋە بۇ نۆۋەتلىك مۇقام مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.