توكيودا «خىتايدىكى ئاتوم تەھدىتى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00


16 - ئۆكتەبىر ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە شەرقىي تۈركسىتان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىشى بىلەن «خىتايدىكى ئاتوم تەھدىتى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ پرېزىدىنتى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى سۈرگۈن ھۆكۈمىتى نامىدىن ئۈچ تۈرلۈك قارار ئېلان قىلغان.

يىغىنغا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى، ئاسىيا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ھەمكارلىق كېڭىشى ۋە ياپون قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئاتوم مەسىلىلىرىگە قىزىقىدىغان ھەر ساھەدىكى پاپونلار قاتناشقان.

يىغىن ئىشتىراكچىلىرى شۇ يەر ۋاقتى 11 دىن 15 كىچە داۋام قىلغان بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا، 1964 - يىلى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سائەت 3 تە خىتاينىڭ تۇنجى قىتىم ئاتوم سېنىقى ئېلىپ بارغان ۋاقتىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، ئاتوم زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ روھىغا ئاتاپ، بىر مېنوت سۈكۈتتە تۇرغان. ئاندىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان دوكلات سۇنغۇچىلاردىن قىرغىزىستاندىن كەلگەن مىجىت ھۈسەيىنوف ئەپەندى، ئەنگلىيەدىن كەلگەن ئەنىۋەر توختى ئەپەندى ۋە ئامېرىكىلىق ئېتان گېتمان ئەپەندىلەرنىڭ تەقدىم قىلىشىدا خىتايدىكى ئاتوم سېنىقىنىڭ زىيانكەشلىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن ۋاقىپ بولغان.

يىغىندا يەنە، مەزكۇر يىغىننى پىلانلىغان شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى ھۆكۈمەت نامىدىن «10 - ئاينىڭ 16 - كۈنىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇسىبەت كۈنلىرىدىن بىرى دەپ بېلىش، 1964 - يىلى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو بومبىسى خاتىرە كۈنى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىش، ئاتومنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارغا خىتاينىڭ تۆلەم تۆلىشىنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك قارار ئېلان قىلغان ۋە تۇنجى قەدەمدە «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو بومبىسى خاتىرە كۈنى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېمزا توپلاش سەپەرۋەرلىكى باشلاتقان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستاندىكى يادرو بۇلغىنىش مۇتەخەسسسى مىجىت ھۈسەيىنوف ئەپەندى ئۆزىنىڭ ياپونىيەدە ئېچىلغان بۇ يىغىندا كۆرگەنلىرىنى، سۆزلىگەنلىرىنى ۋە ئوي - خىياللىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

يادرو بۇلغىنىش مۇتەخەسسىسى مىجىت ھۈسەيىنۇف ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدىكى ئاتوم زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارالىق قانۇنلارغا كۆرە نۇرغۇن ھەقلىرى بولۇپ، بۇ ھەقلەرگە ئاساسەن نۇرغۇن تۆلەم ئالالايدىغانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇن ساھەلەردە جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىگە كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىنىشى لازىم ئىكەن.

يادرو بۇلغىنىش مۇتەخەسسىسى مىجىت ھۈسەيىنۇف ئەپەندى دوكلات بەرمەكتە
يادرو بۇلغىنىش مۇتەخەسسىسى مىجىت ھۈسەيىنۇف ئەپەندى دوكلات بەرمەكتە (RFA/Pidaiy)


دوكتور مۇقەددەس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قىتىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىندا، خىتاينىڭ خەلقئارادىن يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان ئاتوم تەھدىتلىرى ۋە ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق مەلۇمات بېرىلگەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ قىتىملىق ياپونىيەدە ئېچىلغان «خىتايدىكى ئاتوم تەھدىتى» ناملىق يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى زور بولغان.

يىغىنغا قاتناشقان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ئەپەندىمۇ بۇ قىتىملىق يىغىننىڭ غەلىبىلىك ئۆتكەنلىكىنى؛ يىغىندا قىممەتلىك پىكىر - تەكلىپلەر ۋە مۇھىم مەلۇماتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.