ئامېرىكا-خىتاي تور بىخەتەرلىك سۆھبىتى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا-خىتاي تور بىخەتەرلىك دىئالوگى 2‏-دېكابىر، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلدى. دىئالوگدا، ئامېرىكا بىلەن خىتاي تور ھۇجۇمىغا قارشى ئورتاق ھەمكارلىق مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئۆز ‏- ئارا قىزىق تېلېفون لىنىيەسى قۇرۇش، تور جىنايەتلىرىگە، تور تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

دىئالوگدا يەنە، خىتاي تور بۇزارلىرىنىڭ ئامېرىكا تور سىستېمىسىغا قىلغان بەزى كونكرېت تور ھۇجۇملىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

بۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ تور ھۇجۇمىغا قارشى ئۆتكۈزگەن تۇنجى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر دىئالوگىدۇر.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرەپلەر ئەمەل قىلىدىغان بىر ئورتاق تور بىخەتەرلىك ھەرىكەت ئۆلچىمى بېكىتىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر سەيشەنبە كۈنكى ئاخبارات يىغىنىدا قارىشىنى يەنە تەكىتلىگەن.

باياناتچى مارك تورنېر: «سەمىمىي ئېيتقاندا، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ياكى ھەر قانداق بىر يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئۆز دۆلىتىدە بىخەتەر تور سىستېمىسى بەرپا قىلىشى، ئۇنىڭغا مەبلەغ سېلىشنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، ئۇزۇن مۇددەتلىك گۈللىنىشنى ئالغا سۈرىدۇ. ئەگەر سىز خەلقئارا سودا قىلىدىغان بىر شىركەت بولسىڭىز، تور بىخەتەرلىكى بولمىغان ھەر قانداق يەرگە مەبلەغ سېلىشتا ئىككى قېتىم ئويلىشىسىز. شۇڭا، تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەممە ئادەمنىڭ مەنپەئەتى. ئەلۋەتتە بىزنىڭ نىشانىمىز قانداق تور بىخەتەرلىك مەشغۇلاتى قۇرۇش مەسىلىسىدە ئېنىق بىر ئۆلچەم بولۇشىنى قوغلىشىش» دېگەن.

بىراق بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئورتاق بىر ئۆلچەم بېكىتىپ چىققان بولسىمۇ، خىتاينىڭ بۇ ئۆلچەمگە تولۇق ئەمەل قىلىشى گۇمانلىق. ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، تور ئەركىنلىك پائالىيەتچىسى لى خۇڭكۈەن ئەپەندى بۇ قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ بىرى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي تور بۇزارلىرىنى تولۇق كونترول قىلىپ كېتەلىشى چاغلىق.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىدە خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئادەم ئەۋەتىپ سۆھبەت قىلىشقا دەرىجىسى توشمايدۇ. بۇ ئىشنى خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بىلەن سۆزلىشىش كېرەك. ئەگەر ئامېرىكا بۇ ئىشنى ھەل قىلىمەن دېسە، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىس دەرىجىلىك بىر ئادىمى بىلەن سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلىشى لازىم. بۇ ئىشنى ھەربىي ئىستراتېگىيە نۇقتىسىدا تۇرۇپ ھەل قىلىش زۆرۈر. شۇنداق قىلغاندىلا بۇ مەسىلە بىلەن ھەقىقىي يۈزلەشكىلى بولىدۇ. خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى بىلەن بۇ ئىش ھەل بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئىشنىڭ تېرەنلىكى ج خ مىنىستىرلىقىدىن ھالقىغان.»

سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتكە ئامېرىكا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جېي جونسون بىلەن ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى لورېتتا لىنچ قاتناشقان. خىتاي سۆھبەت ئۆمىكىگە بولسا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى گۇ شىڭكۇن يېتەكچىلىك قىلغان.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر تور بىخەتەرلىك دىئالوگى خىتاي تور بۇزارلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا كونترول قىلىشتىكى زۆرۈر مېخانىزم، دەپ قارىسىمۇ، بىراق ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقىنى، ئۇنىڭ باشقا جەھەتلەردىكى تەدبىرىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكىدىكى كومپيۇتېر بىئو ستاتىستىكا مۇتەخەسسىسى تۇغلۇق ئابدۇرازاق ئەپەندى ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تور بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرىنىڭ كومپيۇتېر تەرەققىياتىغا يېتىشىپ ماڭالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇغلۇق ئابدۇرازاق: «ئۇ ھازىر بەك زۆرۈر مەسىلىغۇ، ھەممە شىركەتلەر ئۇنى باش ۋەزىپىسىنىڭ بىرى قىلىۋالدى. بۇ بىر چوڭ مەسىلە بولۇپ قالدى. مەلۇماتلار شۇنداق كۆپىيىپ، ئەمدى بۇنىڭغا ئاساسى ئەسلىھەلەر ئەگىشەلمەي قالدى. كومپيۇتېرنىڭ تەرەققىياتى بەك ئىلگىرىلەپ كېتىپ، ئاساسى ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىش يېتىشەلمىدى.

شۇنىڭ بىلەن بۇ چوڭ مەسىلە بولۇپ، ھەممە شىركەتلەر كېيىنرەك نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ، بۇنى كۈچەيتكىلى باشلىدى. لېكىن ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بۇنىڭ كەينىدە قالدى. چۈنكى، ئۇلار تېخنىكا خادىم قاتارلىق جەھەتلەردە يېتىشەلمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىقتىسادقا باغلىق. شۇڭا، ئۇلا ركېچىكىپ قالدى. ھۆكۈمەت ئورگانلىرى 2-3 يىل بولۇپ قالدى، بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلاۋاتىدۇ.»

لېكىن تۇغلۇق ئابدۇرازاق ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تور بىخەتەرلىك مەسىلىسى دۆلەت، كارخانا ۋە شەخسلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ھېس قىلىۋاتقان ھەممىگە ئورتاق مەسىلە. ھېچقانداق بىر كومپيۇتېر ياكى تور بىخەتەرلىك تەدبىرى مۇتلەق بىخەتەر ئەمەس.

ئۇ، ھەرقانداق بىخەتەرلىك پراگراممىنى ئاخىرىدا بۇزۇۋېتەلەيدىغان بىرى چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ ئەھۋالدا دۆلەتلەر ئورتاق خەلقئارا تور بىخەتەرلىك ئۆلچىمى ئۈستىدە پىكىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا مەجبۇر» دېدى.

تۇغلۇق ئابدۇرازاق: « بۇ مەسىلە ھەممە ئادەم دۇچ كېلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى. مەسىلەن، شەخسى سىز باشقىلار بىلمىسۇن دېگەن ئۇچۇرلىرىڭىزنى بىلىپ كېتەلەيدۇ. شىركەتنىڭكى ئۆزىنىڭ پايدا يېتىدىغان مەلۇماتى كېتىپ قالىدۇ. ھۆكۈمەت بولسا ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن مۇداپىئە جەھەتتىكى نەرسىلىرىنى ئوغرىلاپ كېتىدۇ.

بۇ بارغانسېرى كەمبەغەل دۆلەت بولامدۇ، باي بولامدۇ، ھەممە ئادەمگە چېتىلىدىغان ئورتاق مەسىلە بولۇپ قالدى.

شۇڭا، دۆلەتلەر بىر يەردە ئولتۇرۇپ، ئورتاق پايدا يەتكۈزىدىغان بىر نۇقتىنى تاپسا بىر يەرگە كېلىپ، ماۋۇنى چەكلەيلى، ماۋۇنى مۇنداق قىلايلى، دېگەن ئورتاق قارارلارنى چىقىرىدۇ. شۇنداق قىلمىسا بولمايدۇ، قىلمايمۇ ئامال يوق.»

لېكىن تۇغلۇق ئابدۇرازاق بۇنداق خەلقئارا تور بىخەتەرلىك ئۆلچەملىرىنىڭ چوقۇم ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

سەيشەنبە كۈنكى يىغىندا ئامېرىكا تەرەپ خىتاينى ئۆز ‏- ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشكە چاقىرىپ، ئورتاق ھەمكارلىق مېخانىزمى، تور جىنايەتلىرىگە، تور تېررورلۇق ھەرىكىتى، سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ئۈنۈملۈك نەتىجە قازىنىشىنى ئۈمىد قىلغان.

بىراق لى خۇڭكۈەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش نىيىتى يوق. ئۇ، خىتاينىڭ شەكىلۋازلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

لى خۇڭكۈەن مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ شەكىلۋازلىق قىلىشىدىكى مەقسىتى خىتاي خەلقىنى كولدۇرلىتىش ئەمەس، ئاساسلىقى ئامېرىكا خەلقىنى كولدۇرلىتىش. چۈنكى، بۇ دىئالوگنى ئامېرىكا ئاخباراتى خەۋەر قىلىدۇ، بەلكىم خىتاي ئاخباراتى بۇنى خەۋەر قىلماسلىقىمۇ مۇمكىن. چۈنكى خىتايغا نىسبەتەن بۇ دىئالوگنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. ئىشقىلىپ ئۇ بۇ ئىشنى ھەل قىلىشنى خالىمايدۇ.
خىتاينىڭ تاكتىكىسى چوڭ ئىشنى كىچىكلىتىش، كىچىك ئىشنى يوق قىلىش. ئەگەر بۇ ئىش چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىپ كەتسە، ئۇ بۇ ئىشقا كىچىك ئىشتەك مۇئامىلە قىلىدۇ. ئەسلى ئۇ ناھايىتى چوڭ بىر ئىش، ئەمما ئۇ بۇ ئىشنىڭ دەرىجىسىنى چۈشۈرۈپ، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ياكى مۇئاۋىن مىنىستىرىغا ئوخشاش بىرەرسىنى ئەۋەتىپ قويۇپ، بۇنى ئادەتتىكى جىنايى ھەرىكەتتەك كۆرسىتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنداق ئەمەس، ئۇ ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن، پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغان ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتى. خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتىنى قانداق توختىتىدۇ، ئۇنىڭ بۇنداق ھوقۇقى بولمىسا؟!»

لېكىن خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى چارشەنبە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي تور بۇزارلىرىنىڭ 2014‏- يىلى ئامېرىكا فېدىراتسىيە كادىرلار باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تورىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى «تور بۇزارلار شايكىسىنىڭ جىنايى ھەرىكىتى» دېگەن.

مەزكۇر مەسىلە بۇ قېتىم ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تور بىخەتەرلىك دىئالوگىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. لېكىن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ماقالىسىدە، «بۇ ۋەقە ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۇمان قىلغاندەك ھۆكۈمەتنىڭ تور ھۇجۇمى ئەمەس» دېيىلگەن.