كېڭەش پالاتا ئەزاسى: ئامېرىكا تور سىستېمىمىزغا ھۇجۇم قىلغانلار بەدەل تۆلىشى كېرەك

0:00 / 0:00

ئامېرىكا «مەندىيانت» تور بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى كەۋىن مەندىيا سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ زور مىقداردا پۇل ۋە ئادەم كۈچى ئاجرىتىپ تور جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى خىتاينىڭ تور ھۇجۇمى ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە جىددىي تەھدىت سېلىپ، پرېزىدېنت ئوباما، تام دونېيلون قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار خىتاينى مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن.

كەۋىن مەندىيانىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتايدىن كەلگەن تور ھۇجۇمى ئامېرىكىنىڭ ئەقلىي مۈلكىنى ئوغرىلاشنى نىشان قىلغان ۋە كۆپلەپ خىراجەت ئاجرىتىلغان زور كۆلەملىك ھەرىكەت.

كەۋىن مەندىيا مەسئۇللۇقىدىكى «مەندىيانت» تور بىخەتەرلىك شىركىتى بۇ يىل1‏-ئايدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ تور جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

مەندىيا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا خىتاي تور جاسۇسلۇق پائالىيىتىنىڭ كۆلىمى ھەققىدە توختىلىپ: بۇ ئامېرىكا ئەقلىي مۈلكىنى ئوغرىلاشقا قارىتىلغان زور كۆلەملىك ھەرىكەت. ئۇ پۇل بىلەن تەمىنلەشكە ئېرىشكەن بۇ قۇرۇلمىنىڭ ئۆزىگە، نەچچە مىڭ ئادەم ۋە نەچچە مىڭ سىستېما سەپەرۋەر قىلىنغان. سىزنىڭ يەنە كومپيۇتېر ۋە توربۇزارلىرىڭىز بولۇشى شەرت. بۇ ئوغرىلىقتىن نۇرغۇن كىشى مەنپەئەت ئالىدۇ. بىزنىڭ مەخپىيەتلىكىمىزنى ئوغرىلاشقا سەرپ قىلىنغان ۋاقىت، جەريان ۋە كۆلەمگە قاراپ، ئۇنىڭغا ناھايىتى كۆپلەپ مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. مەبلەغنىڭ كۆپلۈكىگە قاراپ، بۇنىڭدىن ئۇلارنى زور پايدىغا ئېرىشمەيۋاتىدۇ، دەپ قاراش بەسى مۈشكۈل، دەپ كۆرسەتتى.

سەيشەنبە كۈنكى يىغىندا يەنە، «مەندىيانت» شىركىتىنىڭ باش بىخەتەرلىك خادىمى رىچارد بېيتلىك گۇۋاھلىق بېرىپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ بۇ يىل 1‏-ئايدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنغان خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىگە قاراشلىق قىسىم، خىتاينىڭ پۈتكۈل تور جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنىڭ قىسمەن پارچىسىدىن ئىبارەت خالاس، دەپ كۆرسەتتى.

«مەندىيانت» شىركىتى دوكلاتىدا خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق 61398‏-قىسمىنىڭ تور جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى، بۇ قىسىمنىڭ تور ھۇجۇمى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

بىراق رېچارد بېيتلىكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تور ھۇجۇمىنى خىتاي گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، بىراق قانداق كىشىلەرنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقى مەجھۇل.

ئۇ: بىز ئۇلارنىڭ خىتاي گۇرۇپپىلار ئىكەنلىكىنى كېسىپ ئېيتالىساقمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ھەربىيلەر ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرەلمەيمىز. مەن بۇنىڭدا ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتى بارلىقىنى ئېيتالايمەن. بىراق ئۇلارنىڭ رەسمىي ھەربىي فورما كىيىپ يۈرىدىغان ئەسكەرلەر ياكى توختام بىلەن ئىشلەيدىغان ياللانمىلار ۋە ياكى ھەربىيلەر قوللىنىۋاتقان جەمئىيەتتىكى كۈچلەر ئىكەنلىكىنى كېسىپ ئېيتالمايمەن. خىتاينىڭ تور ھۇجۇمى ئۈچ خىل. بىرىنچى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تور بۇزغۇنچىلىقى. ئىككىنچى، دۆلەت قوللىغان تور بۇزغۇنچىلىقى، بۇ خىل تور ھۇجۇمى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئۈچىنچى، ھەربىيلەر ياكى ھەربىيلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تور ھۇجۇمى، دەپ كۆرسەتتى.

سەيشەنبە كۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلىشتىن بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال، خىتاينىڭ يېڭى باش مىنىستىرى لى كېچياڭ ئامېرىكىنىڭ تور ھۇجۇمى ھەققىدىكى تەنقىدىنى رەت قىلغان. ئۇ خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا « بىز بىر-بىرىمىزنى ئاساسسىز تەنقىد قىلماسلىقىمىز كېرەك. بىز كۆپرەك ۋاقتىمىزنى ئەمەلىي ئىشلارغا ئاجرىتىپ، تور بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشۇشىمىز لازىم» دېگەن.

لېكىن، گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا كېڭەش پالاتا ئەزاسى دەب فىشېر ئامېرىكا تور سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلغان كۈچلەرگە چوقۇم بەدەل تۆلىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: مەن بىزنىڭ تور سىستېمىمىزغا ئەسەبىيلىك بىلەن ھۇجۇم قىلغان شۇ كۈچلەر جاۋابكارلىققا تارتىلىشىى، بەدەل تۆلىتىشىمىز كېرەك، دەپ قارايمەن. تورنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، بىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادىمىزغا تەھدىت سېلىشقا ئۇرۇنغان مىللىي دۆلەتلەر، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە جىنايەتچىلەرگە يول قويماسلىق كېرەك. مەسىلە تېخنىكا ۋە ئىلمىي جەھەتلەردىن ناھايىتى مۇرەككەپ بولسىمۇ، بىراق شۇنىسى ھەقىقەتكى، بۇنىڭ بىزگە ئېلىپ كېلىدىغان بەدىلى زور. بۇنىڭ بەدىلى بارغانسېرى زور بولۇشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.