ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى خىتاينىڭ ئامېرىكا تور سىستېمىسىغا قاراتقان ھۇجۇمىغا داۋاملىق ئىنكاس بىلدۈرمەكتە. بەزى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئاساسى ئەسلىھە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىغا قىلغان تور ھۇجۇمى مەلۇم مەنىدىن ئۇرۇش قىلمىشىدۇر. بۇ قاراشتىكى ئاۋام پالا ئەزالىرى ئوباما ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ تور ھۇجۇمىغا كەسكىن تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى يېقىندىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرىنى چاقىرىپ، خىتاينىڭ تور ھۇجۇمىغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلدى ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئالدى. 21-مارت جۈمە كۈنى ئاۋام پالاتاسىنىڭ بىر شۆبە كومىتېتى چاقىرغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا كومىتېت رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى دانا روراباكېر خىتاينىڭ تور ھۇجۇمى بەدەلسىز قالماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. دانا روراباكىرنىڭ قارىشىچە، ئوباما ھۆكۈمىتى خىتاي قاتارلىق ئامېرىكا تور سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلغان دۆلەتلەرنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپلا قالماسلىقى، ئۇلارغا قارشى كەسكىن چارە تەدبىر قوللىنىشى كېرەك.
دانا روراباكېر ئەسكەرتىپ: بىزنىڭ دۆلەتكە كەلگەن ئەڭ زور خەۋپ تېخنولوگىيىدىكى مەسىلە ئەمەس، بەلكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى مەسىلە. يەنى چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھازىر مەشغۇل بولۇۋاتقاندەك تور بۇزغۇنلىرىنى ئىشلىتىپ، باشقا دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىشى ياكى تور بۇزغۇنلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىشىغا يول قويۇش مەسىلىسىدۇر. بىز بىر ھۆكۈمەتنىڭ تور ھۇجۇمىدىن ئىبارەت بىر قىلمىشنى قوللىشىدەك دۈشمەنلىك ھەرىكىتى تېررورلۇقنى قوللىغانلىق دەپ قارىلىشى كېرەك، دېگەن مەسىلە ھەققىدە سۆزلىشىۋاتىمىز. بۇ خىل ھەرىكەت دۆلىتىمىزگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق سېلىۋاتىدۇ. بىز باشقا سىرتقى خەۋپكە قارشى قوللانغان بىخەتەرلىك ۋە دىپلوماتىك چارە-تەدبىرلەرنى بۇنىڭغا قارشى قوللىنىشىمىز لازىم، دەپ كۆرسەتتى.
دانا روراباكىرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئاساسى قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش ئۇرۇش قوزغىغانلىق بىلەن باراۋەر بولۇپ، ئامېرىكا چوقۇم قايتۇرما زەربە بېرىشى كېرەك. ئۇ : تور بۇزغۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمى كۆپ ھاللاردا ئىككى خىل نىشانغا قارىتىلغان. بىر خىلى ئىستراتېگىيىلىك نىشان. بۇ خىل نىشانغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى مەنىسى ئۇرۇش، دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن، قاتناش-ترانسپورت، ئېلېكتر سىستېمىسى، مۇداپىئە سانائىتى، ئالاقە سىستېمىسى ۋە ھۆكۈمەت كىرىم مەنبەلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇم. خىتاي، رۇسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورىيە توردىن پايدىلىنىپ، دائىم ئىستراتېگىيىلىك ئاساسى قۇرۇلۇشلارغا ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. بۇ قۇرۇلۇشلارغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ يەنە بىر خىل چۈشەندۈرۈلۈشى ئۇرۇشتۇر. ئىران بۇ يىل 1-ئايدا ئامېرىكا بانكىلىرىغا تور ھۇجۇمى قىلدى. ئامېرىكا بۇ ھۇجۇملارغا ھازىرقىدىن قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك. بىز تور ھۇجۇمىغا تور ھۇجۇمى بىلەن قايتۇرما زەربە بېرىشىمىز لازىم، دېدى.
بىراق، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى كرىستوفىر پېيىنتېر يىغىندا گۇۋاھلىق بېرىپ، تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن دىئالوگ قۇرۇش ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مۇھىم، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇ: دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى تور ھۇجۇمى توغرىسىدىكى ئەندىشىسىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئىزچىل بىلدۈرۈپ كەلدى ۋە يەنە داۋاملىق شۇنداق قىلىدۇ. بىز تور مەسىلىسى ھەققىدە خىتاي بىلەن ئەمەلىي ۋە ئىجابىي دىئالوگ ئېلىپ بېرىشنى قوغلىشىمىز. دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى تام دانېيلون دېگەندەك «بىز خىتاي بىلەن ئىجابىي دىئالوگ ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياجلىق.» مەن يېقىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىئالوگ ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئېلان قىلغان باياناتىنى قارشى ئالىمەن. بىز خىتاي بىلەن بۇ خىل سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بۇ مەسىلىنى چوقۇم بىرلىشىپ ھەل قىلىشى زۆرۈر، دېگەن.
بىراق، ئاۋام پالاتا ئەزاسى روراباكېرنىڭ قارىشىچە، نوقۇل دىئالوگ ئارقىلىق خىتاينىڭ تور ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش يېتەرلىك چارە-تەدبىر ئەمەس. ئۇ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تور ھۇجۇمىغا قارشى قانداق كەسكىن چارە -تەدبىرى بارلىقىنى سورىغان بولسىمۇ، بىراق كرىستپوفىر پېيىنتېر بۇ سوئالغا ئىنچىكىلەپ جاۋاب بەرمىگەن. پرېزىدېنت ئوباما يېقىندا خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تور ھۇجۇمى توغرىلىق قاتتىق سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بىراق، يىغىندا دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى كېتىڭ ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، خەلقئارا بىرلىككە كەلگەن تور بىخەتەرلىك نىزامى ۋە ئۆلچىمى تۈزۈپ چىقىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ : تور ئېچىۋېتىلگەن خەلقئارا ساھە. ھالبۇكى، تور ئارقىلىق جىنايى قىلمىش سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ھەرىكىتى ئەنئەنىۋى قانۇن-تۈزۈم كونتروللۇقىدىن ھالقىپ كەتتى. شۇ سەۋەبلىك، ئەگەر خەلقئارا تور بىخەتەرلىك ئۆلچىمى ۋە دوست دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ھەرىكەت نىزامى بولمىسا، يالغۇز بىر دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە تايىنىپ قېلىش يېتەرلىك ئەمەس. ئامېرىكىنىڭ دۇنيا تېلېفون ئالاقە يىغىنىدا ئوينىغان بۇ جەھەتتىكى ئىجابىي رولى كۆرۈنەرلىك بولدى، دېگەن.
يىغىندا ئامېرىكا ئىنتېرپېرايىز ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى مايكېژ ماززا گۇۋاھلىق بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ، خىتاينىڭ تور ھۇجۇمىغا قارشى كۈچلۈك قانۇنى ۋە دىپلوماتىك تەدبىر ئېلىش بىلەن بىرگە، ھەربىي ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئويلىشىپ كۆرۈشىنى تەكلىپ قىلغان. ئۇ: ھەربىي ساھەدە، ئامېرىكىنىڭ ئۆز تۇپرىقىدىكى ئىستراتېگىيىلىك تور قوراللىرىنى ئىشلىتىپ، تور ھۇجۇمغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش مەسىلىسىدىكى پىكرى روشەن بولۇشى كېرەك. خىتاي بۇ ئەھۋالدا ئىشەنچلىك بىلەن تور ھۇجۇمى ئېلىپ بارالمايدۇ. ئۇ ئامېرىكىنىڭ نازۇك ئاساسى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا تور ھۇجۇمى قىلسا، قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تور مانېۋىرى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىدارىنى مۇنتىزىم ھەربىي مانېۋىرلاردا نامايان قىلىپ تۇرغاندەك نامايان قىلىپ تۇرۇشى كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن.