ئەركىن ئەكرەم: تۆت تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىسى كەلگۈسىدە مەلۇم بولىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013.03.14
erkin-ekrem-doklat-305.jpg در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى دوكلات بەرمەكتە. 2011-يىلى دېكابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

«خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىكى: شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبى موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئازادلىققا قارىتىلىۋاتقان خىرىسلار» ناملىق خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.

بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرى خىتاي تۈزۈمىگە قارشى ئورتاق بىر كۈچ سۈپىتىدە رەسمىي ھەمكارلىق قارارى ماقۇللىدى.

ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ يىغىندا ئىلمىي دوكلات ئوقۇغان بولۇپ، ئۇ يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، جەنۋە يىغىنىنىڭ نەتىجىسى ۋە تۆت تەرەپ ھەمكارلىق مەسىلىلىرى ھەققىدە توختالدى. دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، تۆت تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى ناھايىتى مۇھىم, ئەمما ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە خاس نىشانى ۋە كۆزلىگەن مەقسىتى بار بولۇپ، مەزكۇر ھەمكارلىقنىڭ نەتىجىلىرى پەقەت كەلگۈسىدە مەلۇم بولىدۇ.

بۇ يىغىن د ئۇ ق بىلەن بىرگە دۇنيا خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق ساھىبخانىلىق قىلىشى ۋە ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ ماددىي قوللىشى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

ئەمدى، رابىيە قادىر خانىم باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى برىيۇسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئالدىدا تۇرماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.