تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى ب د ت گە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خەت تاپشۇردى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان كادىرلار ئۇيۇشمىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىش مەقسىتىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئىشخانىسىغا خەت تاپشۇردى ۋە ب د ت بىناسىنىڭ ئالدىدا مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلدى.

19-دېكابىر كۈنى چۈشتە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە 450 مىڭ ئەزاسى بار، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتىدىن بىرى بولغان كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئۆندەر كاھۋەچى ئەپەندى ۋە مەزكۇر ئۇيۇشمىنىڭ شۆبە باشلىقلىرى، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى. تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئۆندەر كاھۋەچى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئالدى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باشلىقىغا يازغان بىر پارچە خەتنى ب د ت نىڭ ئەنقەرەدىكى ۋەكىلىگە تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ب د ت بىناسىنىڭ ئالدىدا مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

ئۇ باياناتىنى مۇنداق باشلىدى: «ھۆرمەتلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ مەسئۇللىرى، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرىمىز، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، خانىملار، ئەپەندىلەر، ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ قىممەتلىك مۇخبىرلىرى، ھەممىڭىزلەر خۇش كېلىپسىلەر. بۈگۈن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى جامائەتچىلىككە ئاڭلىتىش شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇملاردىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق.»

ئۇ باياناتىدا ئالدى بىلەن ب د ت نى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى: «يۇرتىدىكى ئۆي-مۈلكىدىن ئايرىلىپ قالغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا، ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ھېچكىمنىڭ قاراپ تۇرۇش ھەققى يوق. نۇرغۇنلىغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز "جازا لاگېرلىرىغا تاشلانغان. ئۇ يەردە تەن جازاسىغا ئۇچرىماقتا. ئەپسۇسكى، بۇلار ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتمايۋاتىدۇ. بەزى ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن بۇلار خەۋەر قىممىتى يوق دەپ قارالماقتا. تۈركىيەمۇ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بۇ پەريادىغا قۇلاق سالمايۋاتىدۇ.»

ئۇ باياناتىدا ب د ت نى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسى ئۇلارنى كۆزىتىش ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى توسۇش. شۇڭا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توسۇش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىدېئولوگىيەلىك مەقسىتىگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئادىل بولۇشىنى، بىخەتەرلىكىنى ۋە ئىجتىمائىي تەڭپۇڭلۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان. شۇڭا بىز كادىرلار ئۇيۇشمىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ب د ت نى شەرقىي تۈركىستاندا ئېقىۋاتقان قاننى توختىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا چاقىرىمىز.»

تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئۆندەر كاھۋەچى ئەپەندى باياناتىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئاتا يۇرتىمىزدا بىز بىلەن بىر مىللەت. يۈز يىللاردىن بۇيان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇۋاتقان، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى چىقىۋاتقان، مىللىي كىملىكىنى قوغداشقا تىرىشىۋاتقان، ئىسلامنىڭ بايرىقىنى لەپىلدىتىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلارنى ئەيىبلەيمىز. بىز كادىرلار ئۇيۇشمىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈرك ھۆكۈمىتىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىمىز. ئۇنداق قىلمىغان دۆلەت ۋە ئورگانلار خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىگە شېرىك بولغان بولىدۇ.»

ئۆندەر كاھۋەچى ئەپەندى باياناتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، مىكروفونىمىزنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز كادىرلار ئۇيۇشمىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز توغرىسىدا يازغان خېتىمىزنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەنقەرە ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلىغا تاپشۇرۇپ بەردۇق. بۇ ئىلتىماسنى ب د ت باش كاتىپىغا يەتكۈزۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدۇق. بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بۇ زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ پائالىيەتنىڭ تەسىرىنىڭ زور بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.