تۇران قۇرۇلتىيى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ۋەكىللىرى 6 - نۆۋەتلىك دۇنيا تۇران قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن زور نەتىجىلەر ياراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتتا 12 - ئاۋغۇست باشلىنىپ 14 - ئاۋغۇست ئاخىرلاشقان 6 - نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيىغا د ئۇ ق رەھبەرلىرى ۋە قازاقىستانلىق ئۇيغۇر سەنئەتكارلاردىن سىرت، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان ئىدى.

13 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ، يۈزمىڭلارچە ئىنسان توپلانغان تۇران قۇرۇلتىيى مەيدانىدا ھەممە مىللەت ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى تۈرلۈك سەنئەت ۋە جەڭ ماھارەتلىرى ئارقىلىق تونۇتۇشقا باشلىدى. قەدىمىي جەڭ كىيىملىرى بىلەن جابدۇنغان ھونلار، ساكلار قاتارلىقلارنىڭ كەڭرى سەينادا كۆرسەتكەن ئاتلىق جەڭ ماھارەتلىرى، قىلىچۋازلىق، ئوقياچىلىق، قامچىۋازلىق قاتارلىقلار بۇ يەرگە توپلانغان تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ مىللەتلەرنىڭ كۈچلۈك ئالقىشلىرىغا سازاۋەر بولدى.

تۇران قۇرۇلتىيىغا تۈرك - ھون ئىرقىغا مەنسۇپ 30 دىن ئارتۇق مىللەتنىڭ يۈزمىڭلارچە ۋەكىللىرى توپلانغان ئىدى. نەسلى بىر بولغان بۇ مىللەتلەر ئارىسىدا بىرلىك، قېرىنداشلىق رىشتىنى باغلاش، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ تۈپ مەقسىتى قىلىنغان، كۆپلىگەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىل ۋەتىنى بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش دۆلىتى يوق مىللەتلەرمۇ بۇ يەرنىڭ ئەزىز مېھمانلىرىغا ئايلانغان ئىدى.

تەكلىپكە بىنائەن بۇ قۇرۇلتايغا قاتناشقان د ئۇ ق ۋەكىللىرى ئادەتتىكىدىن قىزغىن ئالقىش ۋە مېھرى - مۇھەببەت بىلەن قارشى ئېلىشلارغا ئېرىشتى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بۇ ھەقتىكى تەسىراتلىرىنى ھاياجان بىلەن بايان قىلىپ ئۆتتى. د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدىن ھاسىل بولغان نەتىجىلەرنى يۇقىرى باھالىدى.

تۇران قۇرۇلتىيى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان كۆز يەتكۈسىز بۇ مەيداننىڭ ئەتراپىغا مىڭلارچە چېدىر تىكىلگەن ئىدى. مەيدان ئوتتۇرىسىغا سەھنە ھازىرلانغان بولۇپ، ھەممە مىللەت ئۆزلىرىنىڭ ئويۇنلىرىنى كۆرسىتىۋاتاتتى.

13 - ئاۋغۇست بۇ سەھنىدە ئەنگلىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر قىزى رەھىمە خانىمنىڭ «چىرايلىق ھېكايە» ناملىق ناخشىسىدىن كېيىن، قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ئورۇنلىغان ئۇسۇل پۈتۈن مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياراتتى. مىڭلىغان ئىنسان ئۈزۈلدۈرمەي چاۋاكلار چالاتتى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مەنزىرىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ.

ماجار يىگىتى ئاتىللا نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا: «ئۇيغۇرچە بۇ گۈزەل سەنئەتنى كۆرۈپ ئۇيغۇرلاردىكى بۇ نامايەندىلەر، كىشىگە بۇ مىللەتنىڭ ئەسىر بىر مىللەت بولغانلىقىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن بۇندىن مىڭ يىل ئىلگىرىكى جاسارەتنى كۆرۈۋاتىمەن» دېدى.

ساك قىزى مېلىنامۇ ھاياجانلانغان ھالدا «نەقەدەر گۈزەل سەنئەت بۇ! ئۇيغۇرلارنىڭ روھى ھەممىدىن بەكرەك ھۆر ئىكەن. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھامان بىر كۈنى تارىختا يوقىتىپ قويغان سەلتەنەتنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى تىككەن چېدىر، بۇ يەردىكى قېنى بىر خەلقلەرنىڭ ئەڭ ئاۋات زىيارەتگاھىغا ئايلانغان ئىدى. چېدىر ئەتراپىغا ئورنىتىلغان سەنئەتلىك كۆرۈنۈشلەر، چېدىر ئىچىدىكى ئۇيغۇرچە كىيىم - كېچەك كۆرگەزمىلىرى، كىتابلار، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى ۋە ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار كىشىلەرنى ئۆزىگە ماگنىتتەك تارتىۋاتاتتى. كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بىر قىزغىن مۇئامىلە، بىر ھەۋەس، بىر يېقىنچىلىق بۇ يەردىكى باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا ئۇيغۇرلارغا بەكرەك تەقدىم قىلىنىۋاتاتتى. بۇنداق بۆلىشى، كۆپلىگەن ھون - تۈرك نەسىللىك مىللەتلەرنىڭ ئەسلى ئەجدادىنىڭ ئۇيغۇرلارغا باغلانغانلىقىدىن ئىدى.

مەزكۇر قۇرۇلتاينى ئورۇنلاشتۇرغان تۇران تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئاندىراس ئەپەندى قۇرۇلتاينىڭ 2 - كۈنى سۆزلىگەن نۇتقىدا بۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ: «ئۇيغۇر، بۇ ئۇلۇغ ئەجدادىمىزنىڭ ۋارىسلىرى بۈگۈن بىزنىڭ ياردىمىمىزگە موھتاج، ئۇيغۇرىستانغا ياردەم قىلايلى، ئۇيغۇرلارنى قوللايلى» دېگەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىككى چېدىر تىكىلدى. بىرىنى قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇرلار تىكتى. چېدىر ئالدىدا توختىماي ناغرا - سۇناي چېلىپ، ئۇيغۇرچە ئۇسۇللار ئويناپ ئۇيغۇر كىملىكىنى يەنىمۇ تونۇشقا زور ھەسسە قوشتى.

يەنە بىرى، د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئۈچۈن ھازىرلانغان خاس چېدىر. بۇ چېدىردا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەر قۇرۇش، كېلەچەكتىكى ئىش بىرلىكىنى مۇزاكىرە قىلىش، دوستلۇق، قېرىنداشلىق رىشتىنى باغلاش ۋە چىڭىتىشتەك تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر بولۇپ ئۆتتى. بۇ چېدىرلارغا تىكىلگەن ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقلار كىشىلەرنىڭ تاڭلار يورۇغۇچە زىيارەت ئوبيېكتىغا ئايلانغان ئىدى.

مەلۇمكى، 2006 - يىلىدىن بۇيان، ئۇيغۇر ۋەكىللىرى تۇران قۇرۇلتىيى ۋە ھونلار قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ كەلمەكتە.

14 - ئاۋغۇست تۇران قۇرۇلتىيى ئاخىرلىشىپلا، 15 - ئاۋغۇست كۈنى 7 - نۆۋەتلىك ھونلار قۇرۇلتىيى باشلاندى. ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قۇرۇلتايغا 980 نەپەردىن ئارتۇق تۈرك - ھون نەسىللىك مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.