دۆلەت باغچەلى زەيتىنبۇرنۇدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشتى

0:00 / 0:00

تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى رەئىسى دۆلەت باغچەلى، 2014-يىلى 19-يانۋار يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ناھىيىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە زەيتىنبۇرنۇدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشتى.

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى دۆلەت باغچەلىنى، زەيتىنبۇرنۇدا ياۋروئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدىراسىيونى، شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، قازاق تۈركلىرى ۋەقپى، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى قاتارلىق ئۇيغۇر ۋە قازاق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى كۈتۈۋالدى.

دۆلەت باغچەلى قازاق تۈركلىرى ۋەقپىنىڭ ئالدىغا كېلىش بىلەن كۈتۈۋېلىشقا چىققانلار ئىچىدىن 10 ياش ئەتراپىدىكى مىللىيچە كىيىنگەن بىر ئۇيغۇر بالا ۋە بىر قازاق قىزى گۈل چېچەك تەقدىم قىلىپ كۈتۈۋالدى.

رەئىس دۆلەت باغچەلى 2014-يىللىق يەرلىك سايلام مۇناسىۋىتى بىلەن، پارتىيىسىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىدە يەرلىك سايلام پائالىيىتى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ۋە سايلام تەييارلىقىنى كۈزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن زەيتىنبۇرنۇغا كەلگەن.

3-ئايدا تۈركىيەدە ئومۇميۈزلۈك يەرلىك سايلام ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ سايلامدا ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ باشلىقلىرى يېڭىدىن سايلىنىدۇ، بۇ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى سىياسىي پارتىيىلىرى بەس-بەستە تەييارلىق قىلماقتا.

زەيتىنبۇرنۇنى زىيارەت قىلغان دۆلەت باغچەلى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى مارال ئاقشەنەر، جالال ئادان ۋە مۇرات بەشئەسكىئوغلى قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا كەلدى.

دۆلەت باغچەلى قازاق تۈركلىرى ۋەقپىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ يەردە ئۇيغۇر، قازاق ۋە تۈركمەن قاتارلىق خەلقلەرنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشتى.

قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە پىكىر-ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇچرىشىشتا 30 دىن ئارتۇق ئاممىۋى تەشكىلات ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇھىم شەخسلىرى قاتناشتى. ئۇچرىشىشتا دۆلەت باغچەلى مۇنداق دېدى: پارلاق بىر كەلگۈسى ئۈچۈن بىزنىڭ ئانا ۋەتىنىمىز بولغان تۈرك دۇنياسىغا يۈزلىنىشىمىز، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن چارە-تەدبىر ئىزدىشىمىز كېرەك، دېدى.

تۈرك ۋە قازاقىستان بايرىقى شۇنداقلا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ لەپىلدىشى ئاستىدا ئۇچراشقان بۇ زىيارەتتە رەئىس دۆلەت باغچەلىگە ئۇيغۇر ۋەكىللەر دوپپا ھەدىيە قىلدى. دوپپىنى شۇ ھامان بېشىغا كىيگەن رەئىس دۆلەت باغچەلى ئۇيغۇر ۋە قازاقلار بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشتى. كېيىن قازاق ۋەكىللەرمۇ ئۇنىڭغا قازاقلارنىڭ مىللىي كىيىمى بولغان ئۇزۇن چاپان ۋە قالپاقنى كىيدۈردى. رەئىس دۆلەت باغچەلى مىللىي كىيىمنى كىيگەندىن كېيىن «تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر قانداق كىيىملىرى بىزگە يارىشىدۇ» دېدى.

ياۋروئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل چىنگىز، دۆلەت باغچەلىدىن تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈن، تۈرك دۇنياسى مىنىستىرلىقى قۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.

رەئىس دۆلەت باغچەلى بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن، زەيتىنبۇرنۇ مەركەز مەيدانىدا ئېچىلغان يىغىنغا قاتنىشىپ زەيتىنبۇرنۇ خەلقىگە خىتاب قىلىپ مۇھىم سۆز قىلدى ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ زەيتىنۇبۇرنۇ شەھەر باشلىقى نامزاتلىقىغا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبە رەئىسى فەتھى ئەھمەت ئالپئارسلاننىڭ نامزات بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، دۆلەت باغچەلىنى كۈتۈۋېلىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىي مەمەتتورسۇن ئۇيغۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.