«تۈرك دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار يىغىنى»دا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ ئورۇن ئالدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئەسكىشەھىردە چاقىرىلغان «تۈرك دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ئالىي يىغىنى»غا قاتناشماقتا. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 11-ماي كۈنى ئەسكىشەھىر ئوسمانگازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئەسكىشەھىر ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ئازمى چەلىك ئەپەندى، «گاۋ» ۋەخپىنىڭ مۇدىرى، ھەرقايسى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر، كاۋكازىيە، بالقان ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ھەم ياۋروپانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 39 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

ۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ئۆمەر قۇل ، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى تەبەت يۈجەتۈرك ۋە قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستانلىقلار تەشكىلاتى رەئىسى ئەركىنبەگ ئۇيغۇرتۈرك قاتارلىق كىشىلەر قاتناشماقتا.

يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى قىلغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى يۇنۇس سۆيلەت ئەپەندى بۇ يىغىننى چاقىرىشتىكى مەقسەت توغرىسىدا توختىلىپ، «كەڭ زېمىندا ياشاۋاتقان قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش، يېڭى خىزمەت پىلانى تۈزۈپ چىقىش ۋە كەلگۈسىمىزنى بىنا قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە ھەم بولدۇق، يىغىننىڭ تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيمەن» دەپ تەكىتلىدى

ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىندا 170 ماقالە ئوقۇپ ئۆتۈلىدىغان بولۇپ، يىغىندا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولى، تۈرك دۇنياسىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولى دېگەنگە ئوخشاش بىر قاتار مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

بۇ يىغىن توغرىسىدا يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.