تۈركىيەنىڭ كونىيە شەھىرىگە قاراشلىق مەرام ناھىيىسى تەرىپىدىن ياسالغان بىر باغچىغا «خىتاي يۈئېشىيۇ باغچىسى» دەپ خىتاي شەھىرىنىڭ نامىنى بەرگەن بولۇپ، مەرام ناھىيىلىك شەھەر باشلىقىنىڭ بۇ باغچىغا خىتاينىڭ نامىنى بېرىشى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ كونىيە-مەرام شۆبىسى بايانات ئېلان قىلىپ، مەرام ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنى قاتتىق تەنقىد قىلدى ۋە يېڭى ياسالغان ئۇ باغچىغا بېرىلگەن خىتاي نامىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى.
2013-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى مەرام ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مەزكۇر باغچىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى ۋە رەسمىي ئىشقا كىرىشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. مەرام ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ باغچىغا «خىتاي يۈئېشىيۇ باغچىسى» دەپ نام بەردى. مۇراسىمدا يەنە خىتاينىڭ يۈئېشىيۇ شەھىرى بىلەن مەرام شەھىرى ئوتتۇرىسىدا قېرىنداش شەھەر دەپ كېلىشىم تۈزۈپ ئىمزا قىلىشتى.
مەرام ناھىيىسىنىڭ كوزائاغاچ مەھەللىسىدە ياسالغان بۇ باغچىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا كونىيە شەھەرلىك مەجلىس باشلىقى ئېلى سەلۋى، خىتاينىڭ يۈئېشىيۇ شەھەر باشلىقى ۋاڭ خۇئاڭ كىڭ، مەرام شەھەر باشلىقى سەردار كالايجى، نەجمىدىن ئەرباكان ئۇنىۋېرسىتېتى ئىسلام دىنى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور ئەخمەت سائىم ئارىتان قاتارلىق كۆپ ساندا كىشىلەر قاتناشتى.
باغچىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مەرام شەھەر باشلىقى بىلەن خىتاينىڭ يۈئېشىيۇ شەھەر باشلىقى، ئىككى شەھەرنى قېرىنداش شەھەر دەپ كېلىشىم تۈزگەن.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان مەرام شەھەر باشلىقى سەردار كالايجى ئەپەندى، مەرام شەھىرىنىڭ ھازىرغىچە ئەزەربەيجاننىڭ شەكى شەھىرى، ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرى، بوسىنىيە ھەرسەكنىڭ ھادىزىجى شەھىرى بىلەن دوستلۇق ئورناتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ نامىدا باغچە ياساتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ قېتىم يەنە خىتاينىڭ يۈئېشىيۇ باغچىسى نامىدا بىر باغىچىنىڭ ئېچىلىشىنى قىلغانلىقىنى بۇ يۈئېشىيۇ شەھىرى بىلەن قېرىنداش شەھەر كېلىشىمى تۈزۈپ ئىمزا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە قېرىنداش شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدا، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت، ئىقتىساد ساھەلەردە خىزمەت-پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بۇنىڭ بىلەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىنىشىچە بۇ باغچىنى ياساش ئۈچۈن ئىككى مىليون تۈرك لىراسى سەرپ قىلىنغان.
مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ كونىيە-مەرام شۆبە باشلىقى مۇستافا ئۆزسان ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىلىپ مەرام شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە «خىتاي يۈئېشىيۇ باغچىسى» دەپ نام بېرىلگەن باغچىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ نامىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
كونيە پوستا گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇستافا ئۆز سان مۇنداق دېدى: ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمان تۈرك قېرىنداشلىرىمىزغا سېلىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇم يېقىندىن بۇيان تېخىمۇ چېكىدىن ئاشتى ۋە شەرقىي تۈركىستان پۈتۈنلەي ئاسارەتكە ئايلاندى. تۈركىيەنىڭ پۈتۈن ساھەلىرىدە خىتاي زۇلۇمى ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا يەنى ئۆتكەن ھەپتە زەپەر مەيدانىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. پۈتۈن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن مۇشۇنداق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، مىللىتىمىزنىڭ يۈرىكى ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا سېلىنىۋاتقان زۇلۇم ئۈچۈن كۆيۈۋاتقان بىر ۋاقىتتا مەرام شەھەرلىك ھۆكۈمەت خۇددى بۇنىڭغا قارشى چىقىۋاتقاندەك مەرامنىڭ كوزائاغاچ مەھەللىسىدە خىتاي يۈئېشىيۇ باغچىسى ئاچتى ۋە يۈئېشىيۇ شەھىرى بىلەن مەرام شەھىرىنى قېرىنداش شەھەر دەپ كېلىشىم تۈزدى. بىزگە نىسبەتەن بۇ خاتا بىر ئىش ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە خىيانەتتۇر. زۇلۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ روھىنى ئازابلاش ھايات قالغانلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىقتۇر. باغچىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى خۇشاللىق شەرقىي تۈركسىتاندىكى تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى ئاشۇردى. بىز باغچە ياساشقا قارشى ئەمەس، مەرام خەلقى ئەڭ ياخشى خىزمەت قىلىشقا لايىقتۇر. بىز پەقەت بۇ باغچىنىڭ ئىسمىغا قارىتا قارشى چىقىمىز. مەرام شەھەرلىك ئىدارىسىنى، دەرھال بۇ خاتالىقتىن قايتىپ باغچىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىق قىلىمىز.
مەرام شەھىرى بىلەن خىتاينىڭ يۈئېشىيۇ شەھىرىنىڭ قېرىنداش شەھەر دەپ كېلىشىم قىلىنىشىغا تۈركىيە كامۇ-سەن يەنى كادىرلار ئۇيۇشمىسىمۇ قارشى چىقتى ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ مەرام شەھەر باشلىقىنى ئەيىبلىدى.
تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كونىيە ۋەكىلى سائىدى ئېرىش ئەپەندى، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مەرام شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىتاينىڭ يۈئېشىيۇ شەھىرى بىلەن قېرىنداش شەھەر بولغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
سائىد ئېرىش ئەپەندى سۆزىدە ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيلىك ۋە قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلىدى ۋە مۇنداق دېدى: 1949-يىلدىن باشلاپ ئۆيىمىز جىنازا ئۆيى، يۈرىكىمىز ئاتەش ئوچىقى بولدى. چۈنكى بىز ئۈچۈن ئەنقەرە قانداق بولسا ئۈرۈمچى شۇنداق ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەردە ياشايدىغان مۇسۇلمان تۈرك قېرىنداشلىرىمىزغا قارشى قەتلىئام تىز سۈرئەتتە داۋام قىلىۋاتىدۇ، خۇددى قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقاندەك بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى. بۇ قىلمىشلار بولسا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بىر جىنايەتتۇر. ئادالەت مەھكىمىسى بۇ ۋەزىيەتكە قول سېلىش كېرەك. جىنايەتچىلەر قاماققا ئېلىنىشى كېرەك، خەلقئارا قانۇن بويىچە سوتقا تارتىلىشى كېرەك، شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان يەرلىدىن قەتلىئام خەۋەرلىرى كېلىۋاتىدۇ، بۇ زۇلۇم يېڭى ئەمەس بۇ يەردە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز 64 يىلدىن بۇيان زۇلۇم ئاستىدا ئىڭراۋاتىدۇ، خىتاينىڭ بۇ جىنايى قىلمىشلىرىدىن كېيىن خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ھىلىيگەرلىك بىلەن يۈرۈشى بىزنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى. خىتاي دۆلىتى دىئالوگ يولى بىلەن ئۆزىنى ئاقلاشقا ئورنىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىقتىسادى كۈچىنى قورال قىلىپ قوللىنىۋاتىدۇ.
سائىدي ئېرىش ئەپەندى سۆزىدە يەنە مەرام شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى ياسالغان باغچىغا خىتاي يۈئېشىيۇ شەھىرىنىڭ نامىنى بەرگەنلىكىگە ۋە مەرام شەھىرى بىلەن خىتاينىڭ يۈئېشىيۇ شەھىرىنىڭ قېرىنداش شەھەر دەپ كېلىشىم تۈزۈلگەنلىكىنى ئەيبلەيدىغانلىقىنى ۋە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە مۇنداق دېدى: ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز زۇلۇم تارتىۋاتقان بىر پەيتتە بۇ باغچىنى ئېچىش ۋە خىتاينىڭ نامىنى بېرىشنى بىكار قىلىش بىز ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئەڭ مۇھىم تەلىپىدۇر.
بىز يەنە بۇ ھەقتە پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئابدۇلئەھەد ئەپەندى، تۈركىيە خەلقىنىڭ خىتاينىڭ دوستلۇق، قېرىنداشلىق دېگەندەك سۆزلىرىگە ئالدىنىپ كەتمەسلىككە چاقىرىق قىلدى. تارىختىن بۇيان خىتايلارنىڭ ھېچ قاچان تۈركلەرنىڭ دوستى بولماي كەلگەنلىكىنى ۋە تارىختىن بۇيان تۈركلەر بىلەن خىتايلارنىڭ ئۇرۇش قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە مەرام شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ دەرھال خىتاي بىلەن قېرىنداشلىق شەھەر دەپ تۈزگەن كېلىشىمنى بىكار قىلىشنى، ۋە خىتاينىڭ باغچىسى دەپ نامى بېرىلگەن تۈرك باغچىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىپ، قەشقەر، ئۈرۈمچى، تۇرپان، خوتەن دېگەنگە ئوخشاش شەرقىي تۈركسىتاننىڭ شەھىرىنىڭ نامىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.