ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجە رايونىدىكى بازىرگان مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تۈرك دۇنياسى ئېتنىك تەنتەربىيە ۋە كۈلتۈر فېستۋالى» 28 - ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى مۇكاپات تارقىتىش ۋە ھەدىيە تەقدىم قىلىش بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. ئۇيغۇر ۋەكىللەر تۈركىيە ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى قاتارلىق رەھبەرلەرگە ئۇيغۇر دوپپىسى بىلەن تون كىيدۈردى ۋە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ھەدىيە قىلدى.
يەكشەنبە كۈنى كەچتە «خەلقئارا ئېتنىك تەنتەربىيە ۋە كۈلتۈر فېستىۋالى» پائالىيىتىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ مۇراسىمغا تۈركىيە ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى، ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن، دۇنيا ئېتنىك تەنتەربىيە فېدېراتسىيىسى رەئىسى بىلال ئەردوغان، كۈچۈكچەكمەجە شەھەر باشلىقى تەمەل قارادېڭىز قاتارلىق رەھبەرلەرمۇ قاتناشتى.
تۈرك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت ئويۇنلىرىنى جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئېتنىك تەنتەربىيە مەدەنىيەت فېستىۋالى 3 كۈن داۋام قىلغان بولۇپ بۇ پائالىيەت جەريانىدا، ئات بەيگىسى، چېلىشىش ۋە ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلدى، مۇسابىقىدا دەرىجىلەر بويىچە بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى بولغانلار ئالتۇن ھەم كۈمۈش مېدال بىلەن مۇكاپاتلاندى.
3 كۈن داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن كۆرگەزمە ئېچىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرۈپ - ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.
يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان دۇنيا ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت ئويۇنلىرى كونفېدراتسىيىسىنىڭ رەئىسى بىلال ئەردوغان بۇ پائالىيەت توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: بىز كەلگۈسىمىزگە ئۆزىمىزنىڭ قىممەتلىك يادىكارلىقلىرى بىلەن، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي تەنھەرىكەتلىرى بىلەن ۋە ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەدەنىيەت مۇزىكىلىرى بىلەن يۈرۈشنى خالايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن قىلىدىغان ئىشىمىز ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەتلىرىمىزگە تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىش، خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەتلەر بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاشتۇر، مىنىستىرلىقلار، شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى ئويۇنلارغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

مىنىستىر ئاكىف چاغاتاي قىلىچ ئالدى بىلەن بۇ پائالىيەتلەردە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن پۈتۈن تەنھەرىكەتچىلەرنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: مىللىي ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەتلىرىمىزنى جانلاندۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك كۆپ ئىشىمىز بار، ئەمما كۆپ چىقىم تەلەپ قىلمايدىغان بىراق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان بىر ئىش. ھەر قايسى شەھەرلەردە بۇنىڭغا ئالاقىدار تەنھەرىكەت مەركەزلىرى تەسىس قىلىشىمىز بەك مۇھىم.
بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن پائالىيەتتە كۆرگەزمە ئاچقان شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار كومىتېتى باشلىقى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
بىز يەنە بۇ پائالىيەت توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن پائالىيەتكە قاتناشقان قازاقىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇر ۋەتەنپەرۋەر يۇرت مۆتىۋەرلىرىدىن تۇرسۇن ھاجى ئارزۇيۇف ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئات بەيگىسىدە ۋان پامىر قىرغىزلىرىنىڭ ماھىرلىرى بولغان كۆكبۆرە گۇرۇپپىسى بىرىنچى بولۇپ مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئوقيا ئېتىشتا 280 مېتىردىن نىشانغا تەگكۈزگەن دۇنيا ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت كونفېدراتسىيىسى رەئىسى بىلال ئەردوغان بىرىنچى بولۇپ مۇكاپاتقا ئېرىشتى. چېلىشىش مۇسابىقىسىدا ئىلگىرى دۇنيا چېمپىيونى بولغان بىر تۈرك چېلىشچى بىرىنچى بولۇپ مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
مۇكاپات تارقىتىش جەريانىدا تۈرك دۇنياسىنىڭ ۋەكىللىرى بولغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، نوغاي، تاتار ۋە تۈركمەن ۋەكىللىرى، «خەلقئارا ئېتنىك تەنتەربىيە ۋە كۈلتۈر فېستىۋالى» پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان ۋە ئۇيۇشتۇرۇشقا ھەسسە قوشقان تۈركىيە ياشلار ھەم تەنتەربىيە مىنىستىرى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ، ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن، دۇنيا ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت فېدىراتسىيىسى رەئىسى بىلال ئەردوغان، كۈچۈكچەكمەجە شەھەر باشلىقى تەمەل قارادېڭىز ئەپەندىلەرگە ھەدىيە تەقدىم قىلدى.
ئۇيغۇر ۋەكىللەردىن ئىسمائىل جېنگىز، ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ۋە مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر قاتارلىقلار، تەنتەربىيە ۋە ياشلار مىنىستىر ئاكىف چاغاتاي قىلىچ ئەپەندىگە، ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىنغا ھەم تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئوغلى بىلال ئەردۇغانغا ئايرىم - ئايرىم تون بىلەن ئۇيغۇر دوپپىسى كىيدۈردى ۋە ئالاھىدە ئىشلەنگەن «شەرقىي تۇركىستان بايرىقى» تەقدىم قىلدى.

بىلال ئەردوغان سۆزىدە يەنە بۇ تەنھەرىكەت فېستىۋالدا كىشىلەرنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئۆسمۈرلىرىمىز، ئانادولىيىنىڭ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ، بالقانلارنىڭ بىزگە ئائىت بولغان ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلىرىنى كۆردى. ئۆسمۈرلىرىمىز بۇ يەردە تۇنجى بولۇپ ئوقيا ئېتىپ باقتى، ئاتقا مىندى، چېلىشىپ ئوينىدى مۇشۇنداق داۋام قىلسا كەلگۈسىدە تېخىمۇ چوڭ بىرلىك - باراۋەرلىك بارلىققا چىقىدۇ.
يېپىلىش مۇراسىمدا تۈركىيە ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ ئەپەندى سۆز قىلىپ بۇ خىل پائالىيەتنىڭ داۋام قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى شۇنىڭدەك «تۈرك دۇنياسى ئېتنىك تەنتەربىيە ۋە كۈلتۈر فېستىۋالى» نىڭ 2 - قېتىملىقىنى تېخىمۇ جانلىق ۋە كۆركەم ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەنھەرىكەت مىنىستىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.