تۈرك دۇنياسى ئورتاق ھەربىي سەپ قۇرماقچى

تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە ياۋرو ئاسىيا ھەربىي بىرلىك سېپى قۇرۇش قارارى ماقۇللاندى. بۇ قارار ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ماقۇللانغان.

0:00 / 0:00

قارارغا تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە قىرغىزىستان دۆلەتلىرى قول قويغان بولۇپ، قازاقىستان ۋە موڭغۇلىيىمۇ قول قويۇش ئالدىدىكەن. ئەزەربەيجاندا رەسمىي زىيارەتتە بولغان تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى باش قوماندانى بېكىر قاليونجۇ ئەزەربەيجانìڭ پايتەختى باكۇدا چاقىرىلغان ياۋرو-ئاسىيا ھەربىي بىرلىك سېپىنى قۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىنغا باش قوماندان قاليونجۇدىن باشقا ئەزەربەيجان قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قوماندانى زاكىر ھاسانوف ۋە قىرغىزىستان قوراللىق قىسىملىرى باش قوماندانى سوۋېتبەگ ئاربايېف قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلدى. قازاقىستان بىلەن موڭغۇلىيە باش قوماندانلىرى سەۋەب كۆرسىتىپ قاتنىشالمىغان.

تۈركىيىدىكى «يېڭى شەپەق»، «دۇنيا مۇنبىرى» ۋە «زامان» گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە، قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان قاتارلىق ئۈچ دۆلەت ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ مۇزاكىرىسى نەتىجىسىدە، ياۋرو ئاسىيا ھەربىي بىرلىك سېپىنىڭ رەسمىي قۇرۇلۇشى ۋە بۇ بىرلىك سەپ باش شتابىنىڭ تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە بولۇشى قارار قىلىنغان. مەزكۇر بەش دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ بىرلىك ۋە ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ھەربىي بىرلىك سەپ قۇرۇش تەشەببۇسنامىسى 2011-يىلى 6-ئايدا ئەنقەرەدە ئىمزالانغان ئىدى.

تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى باش قوماندانى بېكىر قاليونجۇ ئەزەربەيجاندا ئېلىپ بارغان رەسمىي زىيارىتى داۋامىدا ئەزەربەيجان دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى رامىل ئۇسۇبوف بىلەن مەخپىي ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باشچىلىقىدا قۇرۇلىدىغان ياۋرو -ئاسىيا ھەربىي بىرلىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارا ھەربىي كۈچكە ئايلىنالامدۇ؟

بۇ ھەربىي بىرلىك سېپىگە رۇسىيە، ئىران ۋە خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەر قانداق قارايدۇ؟ بۇ ھەربىي بىرلىك سەپنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق تەسىرى بولۇشى مۇمكىن؟ دېگەندەك سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق مۇتەخەسسىسى ئارىف كەسكەن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئارىف كەسكىن ئەپەندى تۈرك دۇنياسى ھەربىي بىرلىك سېپى قۇرۇشنىڭ قوللاشقا تېگىشلىك بىر خىزمەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:
«بۇ ھەممىمىز قوللاشقا تېگىشلىك ئىش. بۇ تولىمۇ توغرا بىر قارار. ئەمما تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەربىي جەھەتتىن ھەمكارلىشىشى تولىمۇ قىيىن بىر خىزمەت. تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۆزلىرىنى بىتەرەپ دۆلەت دەپ ئېلان قىلدى. يەنە بەزىلىرى باشقا ھەربىي ئەھدى تەشكىلاتلارغا ئەزا دۆلەتلەر. شۇنداقلا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رۇسىيە، ئىراق، خىتايغا ئوخشاش چوڭ ھەربىي دۆلەتلەر بىلەن قوشنا بولۇشىمۇ تۈرك دۇنياسى ھەربىي قوشۇنىنىڭ كۈچلىنىشىنى قىيىنلاشتۇرىدىغان بىر ئامىل ھېسابلىنىدۇ. بۇ توختامنامىگە قول قويغان دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ئۈچ دۆلەتنى بىئارام قىلىشى ئېنىق. ھەتتا بۇ دۆلەتلەرگە قارىتا بەزى سىياسەتلەرنى قوللىنىش ئېھتىمالىمۇ يوق ئەمەس.

تۈركىيە بولسا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بىر دۆلەت. شۇڭا، تۈركىيىنىڭ بۇنىڭغا باشلامچىلىق قىلىشى تۈركىيىنىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ھەتتا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگىمۇ تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. بۇ بىرلىك شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئوخشاش كۈچلۈك ھەربىي تەشكىلاتقا ئايلىنالمىسىمۇ، ئەمما تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئورتاق بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، بىزنى خۇشال قىلىدىغان بىر ۋەزىيەت.»

ئارىف كەسكىن ئەپەندى بۇ بىرلىكنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرك دۇنياسىدىكى شەرقىي تۈركىستان، قاراباغ مەسىلىلىرىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«بۇنداق بىر ھەمكارلىق ئوتتۇرىغا چىقسا، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغىنى ئېنىق. شەرقىي تۈركىستان، قاراباغ مەسىلىلىرىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ قورقۇتقۇچى كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا تۆھپە قوشالىشى مۇمكىن. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئۆز ئارىلىرىدىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتسە ئورتاق بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرسا، پۈتكۈل تۈركىي دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ ئېشىشىغا پايدىلىق».