تۈرك دۇنياسى ژۇرنالىستلار ئۇچرىشىشىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىرىغا ئەركىنلىك بېرىشى تەلەپ قىلىندى

0:00 / 0:00


تۈركىي مىللەتلەر كۈلتۈر فېستىۋالى ئاساسىدا ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان تۈرك دۇنياسى شائىرلار ۋە ژۇرنالىستلار ئۇچرىشىشى تۈركىيەنىڭ يالوۋا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. 3 كۈن داۋاملاشقان يىغىنغا بۇلغارىيە، قىرىم، ماكادونىيە، چۇۋاشىستان، رومىنىيە، ئىراق، تۈركىيە ۋەكىللىرى ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 70 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

ژۇرنالىست ۋە شائىر فارۇق قىرتاي ئەپەندى رىياسەتچىلىق قىلغان تۈرك دۇنياسى شائىرلار ۋە ژۇرنالىستلار ئۇچرىشىشىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا بۇلغارىيە تۈركلىرى كۈلتۈر ۋە خىزمەت جەمئىيىتى رەئىسى رافەت ئۇلۇتۈرك ئەپەندى، ياۋرۇئاسيا تۈرك تەشكىلاتلىرى بىرلىكى رەئىسى ئىسمايىل چىڭگىز ۋە يالوۋا شەھەر باشلىقى ۋەفا سالمان قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلدى.

يالوۋا شەھەر باشلىقى ۋەفا سالمان ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقىدا تۈرك دۇنياسىدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن بىر شائىر شەھەر باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن 9 - نۆۋەتلىك ژۇرنالىستلار ئۇچرىشىشىنى شەھىرىمىزدە ئۆتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى خۇشال ھېس قىلماقتىمەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 24 - ئىيۇل ژۇرنالىستلار كۈنىنى تەبرىكلەيمەن. تېخنولوگىيەنىڭ بۇنچىلىۋالا تەرەققىي قىلىشىغا قارىماي ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ يوقلۇقى بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلماقتا. ئىنسانلارنىڭ خەۋەر ئېلىش ئەركىنلىكى، ئەركىن ئويلاش، ئەركىن يېزىش، پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولۇشى ژۇرنالىستلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى تۈرك دۇنياسىدا دېموكراتىيەنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن مەتبۇئات ئەركىنلىكى شەرت. تۈرك دۇنياسىدا ئاخبارات ئەركىنلىكىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.»

يالوۋا ژۇرنالىستلار ئۇچرىشىشىدا ماقۇللانغان 10 ماددىلىق قارارنىڭ ئۈچ ماددىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان. خىتابنامىنىڭ بېشىدا مۇنۇلار يېزىلغان: «9 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ژۇرنالىستلار ئۇچرىشىشى 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە تۈركىيەنىڭ يالوۋا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان، قىرىم، سۈرىيە، ئىراق، قاراباغ، كافكازىيە ۋە ئورتا ئاسيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ، مۇزاكىرە نەتىجىسىدە "يالوۋا خىتابنامىسى" نامىدا تۆۋەندىكى قارار ماقۇللاندى.»

ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان ماددىلار ۋە بۇ ماددىلارنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

قارارنىڭ 3 - ماددىسىدا، تۈرك دۇنياسىدىكى ئاخبارات چەكلىمىلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى تەلەپ قىلىنغان.

4 - ماددىسىدا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى، رۇسيا ئىچىدىكى، ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى تۈركىي مىللەتلەر دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەق ۋە ھۇقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە توغرا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ژۇرنالىستلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

يىغىندا ماقۇللانغان قارارنىڭ 8 - ماددىسىدا، خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئىلھام توختى باشچىلىقىدىكى يازغۇچى، شائىر ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

بۇ خىل يىغىنلاردا ماقۇللانغان قارارلارنىڭ تەسىرى بارمۇ؟ ئەھمىيىتى نېمە؟ ماقۇللانغان قارارلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تەتقىقاتچى ژۇرنالىست ئازادجان بۇغرا ئەپەندىگە مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

ئۇ، ئۇيغۇر ژۇرنالىستلارنىڭ ھەق ۋە ھۇقۇقلىرى دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق بىر قارارنىڭ ماقۇللىنىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ قارارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.