تۈرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلار تونۇتۇلدى

0:00 / 0:00

29-نويابىر كۈنىدىن 1-دېكابىر كۈنىگىچە تۈرك دۇنياسىنىڭ كۈلتۈر پايتەختى دەپ ئېلان قىلىنغان تۈركىيەنىڭ ئەسكىشەھىر شەھىرىدە چاقىرىلغان تۈرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى.

مەزكۇر يىغىنغا 25 دۆلەتتىن، 115 ئۇنىۋېرسىتېتتىن جەمئىي 400 ئەتراپىدا ياش ۋەكىل قاتناشتى. يىغىندا ئەنقەرە غازى ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى ۋارىش چاقال ئەپەندى ئۇيغۇرلارنى تونۇتتى. يىغىندا ياشلار دۇنياۋى مەسىلىلەر ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. يىغىن جەريانىدا بۇ ۋەكىللەرنى تۈركىيەنىڭ تۈرك دۇنياسىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى بېكىر بوزداغ ئەپەندى، تۈركىيە تەنتەربىيە ۋە ياشلار مىنىستىرى سۇئات قىلىچ ئەپەندى قوبۇل قىلدى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى ئەپەندى، ئەسكىشەھىر ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى ئازمى چەلىك ۋە بەزى پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. مۇئاۋىن ۋالىي ئازمى چېلىك ئەپەندى ھەرقايسى قېرىنداش مىللەتلەردىن كەلگەن ياشلارنى تۈرك دۇنياسىنىڭ كۈلتۈر شەھىرى بولغان ئەسكىشەھىردە كۆرگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى، ياشلارنىڭ بۇ يەردە ئۆز-ئارا تونۇشۇپ، بىر-بىرىنىڭ مەسىلىلىرىنى ئۆگىنىشىنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ تەرەققىياتى، دېموكراتىيىلىشىشى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان سەلجۇقلۇ مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق ۋەقپى مۇدىرى پروفېسسور دوكتور تۇران گۈۋەن ئەپەندى يىغىن توغرىسىدا رادىئومىزغا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
-بۇ يىغىنغا 25 دۆلەتتىكى قېرىنداش مىللەت ياشلىرى قاتناشتى. يىغىنغا چەت دۆلەتلەردىن 110 كىشى، تۈركىيەدىن 290 كىشى بولۇپ جەمئىي 400 كىشى قاتناشتى. بىز بۇ قۇرۇلتايدا دۇنياۋى ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدۇق، ۋەكىللەر تەييارلىق قىلىپ كەپتۇ، يىغىندا دۇنياۋى ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. ناھايىتى ياخشى يىغىن بولدى. بۇ ياشلارنىڭ 99% تۇنجى قېتىم تۈركىيەگە كەلگەن ئىكەن. ھەممىسى بەكلا خۇرسەن بولدى. دۆلەت مىنىستىرى بېكىر بوزداغ ئەپەندى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ياش ۋەكىللەرنى قوبۇل قىلدى. بۇ ياشلارنى تەنتەربىيە ۋە ياشلار مىنىستىرى سۇئات قىلىچ ئەپەندىمۇ قوبۇل قىلدى. بۇ ئىككى مىنىستىر ياش ۋەكىللەرگە سۆز قىلدى. ۋەكىللەر ئۆز دۆلەتلىرىدىن ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلىرىنى مىنىستىرلارغا تەقدىم قىلدى.

تۇران گۈۋەن ئەپەندى يىغىندا تۈرك دۇنياسىدىكى ياشلارغا ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ مەسىلىسى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىلىرىنىڭ ئاڭلىتىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏-ياشلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە، قاراباغ مەسىلىسىگە قانداق قارايدىغانلىقىغا قىزىقاتتۇق. تۈرك دۇنياسىدىكى ياشلارنىڭ ئۆز مەسىلىسىگە، دۇنيا مەسىلىلىرىگە بولغان كۆز قارىشىدا بىر ئۆزگىرىش بارمۇ بۇنى بىلىپ باقايلى دېگەن ئىدۇق. بۇ يىغىن ئارقىلىق ياشلارنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارىشىدا ئۆزگىرىش بارلىقىنى، بۇ مەسىلىلەرگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، بۇ ياشلارنىڭ سۆزلىرىدىن چۈشىنىۋالدۇق. مەسىلەن، رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەردىن قاراباغ مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دوكتور ۋارىس چاقال ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا سۆز قىلدى.

تۇران گۈۋەن ئەپەندى بۇندىن كېيىن بۇ يىغىننى باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىمۇ چاقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-بۇندىن كېيىنكى قۇرۇلتىيىمىزنى باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردە ئاچىمىز. مەسىلەن، كېلەر يىلى قازاقىستاندا ئېچىشنى ئويلاۋاتىمىز. تۈرك دۇنياسىدىكى مەسىلىلەرنى بۇ ياشلارغا ئاڭلاتساق، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشىغا پايدىلىق دەپ ئويلايمەن. ياشلار دۆلەتلەرنىڭ كېلەچىكى، ياشلار قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باش قاتۇرۇشى كېرەك.