تۈرك مەتبۇئاتىدىكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدىكى ئىنكاسلار

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ناھەقچىلىكلەر ۋە خىتاي زۇلۇمى شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.

يېقىندا تۈركىيەنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق تور گېزىتلىرىدىن «خەۋەر7» تور گېزىتىدە «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قەتلىئامى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ماقالىنى تۈرك يازغۇچى سەركان ئۈستىنەر يازغان.

بۇ ماقالىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە خىتاينىڭ بېسىم سىياسەتلىرى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ناھەقچىلىكلەر ۋە زۇلۇم شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى ھەم خىتاينىڭ دىنى ۋە مىللىي بېسىم، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئىسلامىي كىيىم كىيىشىنىڭ، ياغلىق ئارتىشىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشىشى دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالغان.

بۇ ماقالە «خەۋەر7» تور گېزىتىدە 52 مىڭ 627 قېتىم ئوقۇلغان بولۇپ، 42 كىشى پىكىر-ئىنكاس يازغان. بۇ ماقالە يەنە باشقا كۆپ ساندا تور گېزىتلەرگە نەقىل قىلىنىپ تارقىتىلغان.

ماقالە مۇنداق باشلانغان: خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىدۇر. چۈنكى كوممۇنىست خىتاي، ئۇ رايوننى كونترول ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇش ۋە ھاكىمىيەتنى كۈچلەندۈرۈشتە ئەڭ چوڭ توسالغۇنىڭ خەلقنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى دەپ قارايدۇ. خەلقنى دىنىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ۋە سۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ئېغىر بېسىم سىياسەت يۈرگۈزگەن خىتاي شوۋىنىزمى، ئەڭ ئېغىر باستۇرۇش رادىكال دەۋرنى كوممۇنىست دىكتاتورى ماۋ زېدۇڭنىڭ 1966-1976-يىللار ئارىسىدا يۈرگۈزگەن ئاتالمىش زور مەدەنىيەت ئىنقىلابى جەريانىدا يۈرگۈزدى. مەسچىتلەر تاقالدى، جامائەت بولۇپ ئىبادەت قىلىش چەكلەندى، قۇرئان كۇرسلىرى، مەدرىسىلەر تاقالدى. مەكتەپلەردە دىنغا ئىشەنمەسلىك توغرىسىدا تەشۋىقات قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پۈتۈن تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ كىشىلەرنى دىندىن سوۋۇتۇش ئۈچۈن قاتتىق ئۇرۇندى. دىنى تەلىم-تەربىيە ئېلىش، دىنى ئالىملارنىڭ كىشىلەرگە دەرس ئۆگىتىشى پۈتۈنلەي چەكلەندى. شۇنداق قاتتىق بېسىم قىلىنغان بولسىمۇ خەلقنىڭ ئىسلامى كىملىكى يەنى مۇسۇلمانلىق سالاھىيىتىنى يوق قىلالمىدى.

ماقالىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان دىنى ۋە مىللىي بېسىم توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر مۇسۇلمان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلگەن بېسىم سىياسەتلىرىدىن بىرى بولسا مائارىپ، تەلىم-تەربىيە ساھەسىدە ئېغىرلاشتى. رايوندىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا تەلىم-تەربىيە خىتاي تىلىدا ئۆتىلىدۇ، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلارغا قوبۇل بولغان ئومۇمىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاران 20% ئىنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تەشكىل قىلىدۇ. ئىقتىسادى كۈچ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەلىم-تەربىيە سەۋىيىسىنى تۆۋەنلىتىدىغان بىر ئامىلدۇر. خىتايچە مائارىپ سىستېمىدىكى ئوتتۇراھال دەرىجىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارمۇ زامانىۋى تەلىم-تەربىيە ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى دەرىجىگە ئايرىش ئىمكانىيىتى يوق، مەكتەپلەردە دىن دەرسى پروگراممىلاردا ئاساسلىقى ئاتېئىزم دەرسى ئاساس قىلىپ ئۆتىلىدۇ.

ماقالىدە يەنە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ 30 يىلدا تۆت قېتىم ئالماشتۇرۇلغانلىقى بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنىڭ يەنە بىر تۈرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېيىلگەن:
30 يىلدا تۆت قېتىم ئۇيغۇر يېزىقى ئالماشتۇرۇلغانلىقى رايوندىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى، ماۋ زېدۇڭنىڭ ئاتالمىش مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋردە خىتاي يېزىقى ئۆزگەرتىلمىگەن بولسىمۇ ئۇيغۇر يېزىق-ھەرىپلىرىنى ئىسلامىي ھەرپلەردىن كىرىلىك يېزىقىغا ئۆزگەرتتى، بىر مەزگىل بۇ يېزىق قوللىنىلغاندىن كېيىن لاتىن يېزىقىغا ئۆزگەرتىلدى، بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە بىلەن مەدەنىيەت كۆۋرۈكى قۇرۇلمىسۇن دەپ قايتىدىن ئىسلامىي يېزىق بولغان ھازىرقى ئۇيغۇر كونا يېزىققا ئۆزگەرتىلدى. ئۇيغۇر يېزىقىنى بۇنچە كۆپ ئۆزگەرتىشنىڭ سەۋەبى، ئەجدادلار بىلەن ئەۋلادلار ئوتتۇرىسىدا چۈشىنىشمەسلىكتىن ئىبارەت قىيىن بىر ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئوپ-ئوچۇقتۇر. خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا دۇنيا كۆڭۈل بۆلمىگەن تۇرۇپمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ھايات ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى داۋام قىلماقتا.

ھەسەن دېمىرجان ئىسىملىك تۈرك زىيالىي ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ئۈممىتىنىڭ قانىغان يارىسى، دېدى.

ھەسەن دېمىرجان، ئۇيغۇر دىيارىدا بىر قانچە قېتىم چوڭ قەتلىئام يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە بۇ قەتلىئاملارنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا توختالدى ۋە مۇنداق دېدى: بۇ قەتلىئاملارنىڭ ئارقىسىدا نېمە بار؟ خىتاي بۇ قەتلىئامنى نېمىنى مەقسەت قىلىدۇ؟ شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ يۈزدە 85% ئىنى تەشكىل قىلىدۇ. خىتاينىڭ ئومۇمىي كۆمۈر زاپىسىنىڭ يېرىمى شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىدۇ، شەرقىي تۈركىستان تىجارەت ۋە ئىقتىسادىي ساھەدە خىتاينىڭ غەربكە ئېچىلىش ئىشىكى بولغان ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، خىتاينىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقىنىڭ 85% نى يەر ئاستىدىن ئېچىۋاتقانلارنىڭ يۈزدە 90% نى خىتاي ئىشچىلارنى تەشكىل قىلىدۇ، يۈزدە 5 ياكى 10% ئى شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىن تەشكىل قىلىدۇ. بىز مۇسۇلمانلار بۇ مەسىلە توغرىسىدا نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ ئەلۋەتتە بىرلىك بولۇپ، ئۇلارغا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك، مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە ياشاشنىڭ تەك چارىسى بىرلىكتە ياردەملىشىپ ياشاشتىن ئىبارەتتۇر.

«خەۋەر7» تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە يەنە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قەتلىئام يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بولسىمۇ ب د ت نىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشىنى ۋە ئۇيغۇرلارنى ھىمايىسى ئاستىغا ئالمىغان بىلەن تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ قىرغىنچىلىق ئۈچۈن بەلگىلەنگەن شەرتلىرى، خىتاي ئىشغال ئاستىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتكە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستانلىقلار ب د ت نىڭ ھىمايىسى ئاستىدا كىرەلمىدى. بۇ ھەقتە ب د ت گە سۇنۇلغان قىلىنغان پۈتۈن ئىلتىماسلار رەت قىلىندى. 25 مىليون مۇسۇلمان ھازىرمۇ خىتاي بېسىم ئاستىدا ۋە دۇنيا بۇ زۇلۇمغا كۆز يۇمۇۋاتىدۇ، نەچچە مىڭلىغان سىياسىي مەھبۇسلار خىتاي تۈرمىلىرىدە ياتماقتا بەزىلىرى تۈرمىلەردىن غايىب بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، تۈرمىدە مەھبۇسلارنى ئېغىر ئىسكەنجە ۋە قىيناش ئادەتتىكى بىر ئىشقا ئايلاندى. خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا 400 كىشىنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق تەشۋىقات قىلىش بىلەن جىنايەت ئارتىپ قاماققا ئالدى. 2013-يىلى 26-ئىيۇندىن 31-ئاۋغۇستقىچە بولغان ئارىلىقتا 110 كىشىنى بۇ تۈر جىنايەتلەر بىلەن قاماققا ئالدى. 164 كىشىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ماقالىدە يەنە يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇش ۋە ۋەقەلەر توغرىسىدا توختالغان ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ماقالىدە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يوللاردا، قوراللىق ئەسكەرلەرنىڭ كۆزەتچىلىك قىلىدىغانلىقى، گۇمانلىق كىشىلەرنى قاچۇرۇپ قويماي تۇتۇش، قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى شۇ ھامان ئېتىش بۇيرۇقى ئالغان خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ھەر زامان قوراللىرىنى تەڭلەپ ئوق ئېتىشقا تەييار تۇرىدىغانلىقى يېزىلغان.

«خەۋەر7» تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: ھەر كۈنى نەچچە ئون پويىز ئاققۇن خىتايلارنى لىقمۇ-لىق قاچىلاپ كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن كەلتۈرىدۇ.

بۇ ماقالە توغرىسىدا «خەبەر7 تور» گېزىتىدە 42 كىشى پىكىر بايان قىلغان بولۇپ، ئەرجان شەن ئىسىملىك بىر تورداش مۇنداق يازغان: بۇ مەسىلە بەك مۇھىم، ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن تۈرك ئاخباراتلىرى يېتەرلىك ئورۇن بېرىلمىدى. ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك، ئۇلار بىزگە ئاتا يادىكارىدۇر، تۈرك ئاخباراتلىرى سۈكۈتتە تۇرماسلىق كېرەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم قىلسۇن.

باشقا بىر تورداش مۇنداق يازغان: پەقەت ئەرەبلەر مۇسۇلمان ئەمەس باشقا مىللەتتىنمۇ مۇسۇلمان بار، مىسىردا، پەلەستىندە، سۈرىيەدە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ئۆلمىسۇن ئەلۋەتتە، ئەمما زۇلۇمى ئاستىدا ئىڭراۋاتقان قان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆلمەسلىكى ئۈچۈن «بىر مىنۇت» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشنى ئۇ يەرگە بېرىش لازىم.

چېنگىز بەشىر ئىسىملىك بىر تورداش مۇنداق يازغان: ماۋچىلارغا دىققەت! ئەگەر ماۋچىلار تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن تەقدىردە مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش زۇلۇم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بەك دىققەت قىلىش كېرەك.

مەھمەت ئۈلكەر ئىسىملىك بىر تورداش مۇنداق يازغان: شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئەرەبلەر، تۈرك دەپ، تۈركلەر مۇسۇلمان دەپ ئىگە چىقمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەمچى بولسۇن.

زىيا قاراجان ئىسىملىك بىر تورداش مۇنداق پىكىر يازغان: سىياسىي، ئەخلاقى، تىجارەت يەنى مەنپەئەتكە تايانغان توقۇنۇشلار ئەۋجىگە چىققان بىر مەزگىلدە زۇلۇم ئېغىرلىشىپ كەتتى. دۇنيادا مەزلۇملار ھەمىشە مەزلۇمدۇر، غەززەدە، ئاراقاندا، چىچەنىستاندا، شامدا، ئىراق، نەجىفتە دۇنيانىڭ ھەر يېرىدا مۇسۇلمانلار ئۆلۈۋاتىدۇ، شەرقىي تۈركىستاندا ھەم دىن ھەم مەدەنىيەت ھەم قان قېرىندىشىمىز زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ پەرقى يوق، ئۇلارنى ئۇنتۇمايلى.