3 - نۆۋەتلىك دۇنيا تۈرك مۇنبىرى ناملىق خەلقئارالىق يىغىندا ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00


تۈرك ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقاتلىرى مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تۈركىيىنىڭ ئېدىرنە شەھىرىدە 3 - نۆۋەتلىك دۇنيا تۈرك مۇنبىرى خەلقىئارالىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ 60 دۆلەت ۋە رايونىدىن كەلگەن ئاكادېمىك، دۆلەت مىنىستىرلىرى، دىپلوماتلار، يازغۇچىلار، ئاخباراتچىلار، سەنئەتچىلەر، ئاممىۋىي تەشكىلات مەسئۇللىرى بولۇپ 350 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

بۇ يىغىن 2014 - يىلى 28 - مايدىن 30 - مايغىچە 3 كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ 28 - ماي كەچتە تىراكىيە ئۇنىۋېرىسىتېتى گۈزەل سەنئەت فاكولتېتىدا مېھمانلارنى قارشى ئېلىش پائالىيىتى بىلەن باشلاندى. 29 - ماي پەيشەنبە كۈنى ئەتتىگەن سائەت 9:30 دا يىغىن رەسمىي باشلاندى.

دۇنيا تۈرك مۇنبىرى يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئېدىرنە ۋالىيىسى ھەسەن دۇرۇر ئەپەندى مۇنداق دېدى: «كاتتا ۋە مەنىلىك يىغىنغا ساھىبخانلىق قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن بەختلىك ھېس قىلىۋاتىمىز. ئېدىرنە تۈرك تارىخىنىڭ ئەڭ مۇھىم شەھەرلىرىدىن بىرىدۇر، كۆپلىگەن مەدەنىيەتكە ئىگە ئېدىرنە شەھىرى، تۈرك مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى ئومۇمىيلاشقان شەھەرلىرىدىن بىرسى بولۇپ، تۈرك تارىخىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان سېلىمىيە جامىسى ئېدىرنەدىدۇر. سېلىمىيە بىر ئالماسقا ئوخشاش تۈرك تارىخىنىڭ ئەڭ گۈزەل جامىسىدۇر. ئېدىرنە ئوخشاش ۋاقىتتا بالقانلارنىڭ مەركەز شەھىرىدۇر، بالقانلاردا 5 مىليونغا يېقىن قېرىنداشلىرىمىز سۈرگۈنگە، كۆچۈشكە ۋە قەتلىئامغا دۈچ كەلگەن ئىدى. 250 مىليون نوپۇسلۇق تۈرك دۇنياسىدىكى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى گېرمانىيىنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا يوق دىيەرلىك. ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن بىر يىتەرلىك دەرىجىدە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرالمىغانلىقىمىزنى كۆرۈۋاتىمىز. بۈگۈن دۇنيادا 100 دانە ئالىمنى ساناپ چىقىدىغان بولساق، ئىچىدە بىرمۇ تۈرك چىقمايدىغانلىقى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. بۇلارنى ئويلىغاندا ئىنسان قايغۇغا پاتىدۇ، بىز قانچىلىك بىلىملىك ئالىم يېتىشتۇرەلەيمىز. بۈگۈنكى كۈندە بىز تۈركىيە مەھ
يىغىندا يەنە، تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى خېلىل ئاكىنجى ئەپەندى، تۈرك تارىخىنىڭ تۈركلەر تەرىپىدىن يېزىلمىغانلىقىنى، تۈرك تارىخىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئوغرىلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تارىخىمىز ئوغرىلىنىۋاتىدۇ، بورمىلىنىۋاتىدۇ، تارىخىمىز ھەققىدە يالغان سۆزلىنىۋاتىدۇ، ئەمدى تارىخىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ يازىدىغان زامانى كەلدى، بۇنى تۈرك ئاكادېمىكلىرى ئەمەلىيلەشتۇرىدۇ. تۈرك ئاكادېمىكلەرنىڭ تارىخ ساھەسىدىكى خىزمەتلىرى مەكتەپلەردە دەرسلىك كىتابلارغا كىرگۈزىلىدۇ، بۇ ھەقتە ئۆتكەن يىلى ئەسكىشەھەردە ئېچىلغان مائارىپ مىنىستىرلار يىغىنىدا قارار ئالدۇق، ئورتاق تارىخ كىتابى يېزىلىدۇ ۋە بۇلار مەكتەپلەردە ئوقۇتۇلىدۇ، بۇنىڭدا تۈركلەر ئۇنى قىلغان، بۇنى چانىغان دېگەنگە ئوخشاش قاراشلار بولمايدۇ. بۈيۈك ئالىملارنى يېتىشتۇرگەن بىر مىللەت بولۇپ تونۇتۇلىدۇ، چۈنكى ئەمدى تارىخىمىزنى ئۆزىمىز يازىمىز.»

تاشقى ئىقتىساد مۇناسىۋىتى ئورگىنىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرىدىن دوكتور مۇرات يالچىنتاش سۆزىدە، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى، تۈرك دۇنياسنىڭ قانداق قىلغاندا ئىقتىسادى جەھەتتىن كۈچلىنىدىغانلىقىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇبىلىك ئەسىرىدىن ئارىيە كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر بىز بۇ 21 - ئەسىردە، سىياسىي جەھەتتىن، ئىجتىمائى، ئىقتىسادى، تەنتەربىيە ۋە ئەسكىرى جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇشنى خالايدىغان بولساق، ھەممىسى ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلىنىشىمىز كېرەك. قانداق كۈچلۈك بولىمىز، بۇ توغرىسىدا 11 - ئەسىردە دۇنيادىن ئۆتكەن بۈيۈك ئالىمىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ قۇتادغۇبىلىك دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن " ئىنسان دېڭىزدىن مەرۋايىتنى چىقارمىغىچە، دېڭىزدىكى ئۇ مەرۋايىتلارنىڭ قۇرام تاشلاردىن ھېچقانداق پەرقى يوق." يەنى مەۋجۇت كۈچىمىزنى ئوتتۇرىغا چىقارمىغۇچە، ئۇ كۈچنىڭ بار - يوقلۇقىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈچىمىزنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنىڭ شەرتلىرىنى ئورۇنلىشىمىز كېرەك.»

يىغىننىڭ كېيىنكى بۆلۈملىرى ئا ۋە ب دىن ئىبارەت ئىككى زالدا ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلدى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن تۈرك ئاسىيا ئىستراتېگىيە مەركىزىنىڭ رەئىسى سولايمان شانسوي، ئېدىرنە ۋالىيىسى ھەسەن دۇرۇر، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئېدىرنە ۋالىيىسى ھەسەن دۇرۇر ئەپەندى «ئۇيغۇرلار توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىز، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق قارايىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر تۈركلىرى ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن ئىچىمىزدىكى بىر ئازابتۇر. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۇزۇن زاماندىن بۇيان ئاسارەت ئاستىدا قالدى. ئۇلارنىڭ دەرت - ئەلەملىرىنى بىزمۇ يۈرىكىمىزدە ھېس قىلىۋاتىمىز، بۇ مەسىلىدە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھازىرقى دەۋردە، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئاسارەت ئاستىدا بولۇشى بىزنى چوڭقۇر قايغۇغا سالىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلايمەن، ئاللاھتىن ئۇلارغا سەبىر تىلەيمەن.»

سولايمان شانسوي ئەپەندى بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىندا ئاساسلىقى ئىككى مەزمۇن مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ بىرى، تۈرك دىپلوماتىيىسى، ساياھەتچىلىكى ۋە تۈرك دۇنياسى مەسىلىلىرى، يەنە بىرى، تۈرك - ئەرمەنى مۇناسىۋەتلىرى ۋە دۆلەت دىپلوماتىيىسىدە پۇرسەتلەر ۋە تەھدىتلەر دېگەن مەزمۇنلاردا. بۇ يىغىنغا خەلقئارا جەھەتتە تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى، تۈرك ئاپتونومىيە رايونلىرى، قېرىنداش تۈرك دۇنياسى ۋە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان تۈركلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا مۇھىم شەخسلەر قاتناشتى. ئەلۋەتتە تۈرك دۇنياسىدا دىن، تىل، تارىخ ۋە جۇغراپىيە مەسىلىلىرى ئىنتايىن مۇھىم بولۇش بىلەن بىرگە، ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە چوڭقۇرلىشىشقا ئېھتىياجىمىز بار، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يىغىن ئاساسلىقى بۇ جەھەتتىكى بوشلۇق ۋە ئېھتىياجغا ھەسسە قوشىدۇ.»

ئېدىرنە شەھىرىنىڭ تارىخى ئورۇنلىرىدىن بىرى بولغان ئەخمەت پاشا كارۋان سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، تۈرك ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقاتلىرى مەركىزى تاسامنىڭ رەئىسى سۇلايمان شانسوي، تاشقى ئىقتىساد مۇناسىۋىتى ئورگىنىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرىدىن دوكتور مۇرات يالچىنتاش، يۈنۇس ئەمرى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دوكتور ئەبۇ بەكرى جەيلان، قازاقىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى پروفېسسۇر جانسېيت تۈيمەبايوف، تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى خېلىل ئاكىنجى ئەپەندى، ئېدىرنە ۋالىيىسى ھەسەن دۇرۇر، تۈرك سوي يەنى قېرىنداش تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى دۇسەن كاسسىنوف قاتارلىق رەھبەرلەر سۆز قىلدى.

يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ياۋروئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل چىنگىز، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئەسەر ساكا قاتارلىقلار قاتناشتى.

يىغىندا، تۈرك دىپلوماتىيىسى، مەدەنىيەت دىپلوماتىيىسى ۋە ساياھەت نوقتىنەزەرلىرى، ئوسمانلىدىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگىچە تۈرك - ئەرمەنى مۇناسىۋەتلىرىگە تارىخى قاراش، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى، ساياھەتتە دۆلەت تاشقى ئامىللىرى، تەشۋىقات ۋە يەرلىك ئۇسۇللار دېگەن مەزمۇنلاردا سۆز قىلىندى.

سۇلات ئىشلەپچىقىرالمايمىز، تېخنىكا ئىشلەپچىقىرالمايمىز، تېخنىكا سېتىۋالىمىز. بۇلارنى ياخشى چۈشىنىشىمىز كېرەك، كەلگۈسى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك.»

سولايمان شانسوي ئەپەندى، «بۇ يىغىن، تۈرك دۇنياسىنىڭ قانىغان يارىسى ئۇيغۇرلارغا قانداق پايدا ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ئەلۋەتتە تۈرك دۇنياسى ۋە چەتئەللەردىكى تۈرك دىئاسپوراسىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك دەپ قارايمەن. مۇستەقىل ھەمدوستلۇق تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىمۇ خىتاي بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئوخشاش - باراۋەر مۇئامىلە قىلىش جەھەتتە خىزمەت قىلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ ياشاۋاتقان يەردە كۈچلۈك بولۇشىنى، ئىقتىسادى جەھەتتىن، ئاممىۋىي جەھەتتىن، ئاخبارات، تەشۋىقات، ئاممىۋىي تەشكىلات قاتارلىق ھەر ساھەدە كۈچلۈك بولۇشىنى ۋە خىتاي بىلەن تۈرك دۇنياسى ۋە تۈرك دىئاسپورا ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۇك بولۇشى كېرەك دەپ قارايمەن.»

سولايمان شانسوي ئەپەندى، «ئۇيغۇرلارغا دېمەكچى بولغان سۆزىڭىز بارمۇ ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «سىلەر يالغۇز ئەمەس، ھەممىمىز بىر، قىلىدىغان كۆپ ئىشىمىز بار».