تۈركىيەدىكى 100 يىللىق تارىخقا ئىگە ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان «تۈرك ئوچاقلىرى» تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق زۇلۇمى ۋە ئىرقىي سىياسىتىنى ئەيىبلىدى. «تۈرك ئوچاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ پولاتلى شۆبىسى رەئىسى ئىلخان دەرەكۆي ئەپەندى 25-ماي كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا «شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۆزلىرىگە سۇنۇلغان بىر قولنى كۈتمەكتە» دېگەن.
ئۇ باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەپ، تۈرك خەلقىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان. ئىلخان دەرەكۆي ئەپەندى باياناتىدا 2017-يىلىدىن تارتىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر يېرىدە يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇرۇپ، بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى بۇ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، لاگېرلارغا سولانغان كىشىلەرنى دىنىنى ۋە مىللىتىنى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. باياناتتا يەنە خىتاينىڭ 2008-يىلىدىن تارتىپ پەيدىن-پەي ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەشكە باشلىغانلىقى، 2017-يىلى 7-ئايدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي چەكلەنگەنلىكى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنىڭ چېكىدىن ئاشقانلىقى بايان قىلىنغان.
«تۈرك ئوچاقلىرى» پولاتلى شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئىلخان دەرەكۆي ئەپەندى باياناتىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ: « خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر زىيالىيلارنى، سەنئەتچىلىكەرنى ۋە جامائەت ئەربابلىرىنى تۈرمىلەرگە تاشلىماقتا. ئەپسۇسكى، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە تۈركىيەدىكى چوڭ ئاخبارات ئورگانلىرى مەسىلىگە يەر بەرمەيۋاتىدۇ. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم داۋاملاشماقتا، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۆزلىرىگە سوزۇلىدىغان بىر ياردەم قولنى كۈتمەكتە»
«تۈرك ئوچاقلىرى» تەشكىلاتى پولاتلى شۆبىسى ئېلان قىلغان مەزكۇر بايانات تۈركىيەدىكى بەزى تور گېزىتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ ئورۇن ئالدى. بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئىلخان دەرەكۆي ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىز ئالدى بىلەن بۇ باياناتنى پولاتلى رايونىدىكى گېزىتلەردە ئېلان قىلدۇق. ئارقىدىن ئۇيغۇرنېت تور گېزىتى باشقا كۆپ ساندىكى تور گېزىتلىرى بۇ باياناتنى ئۇلاپ باستى. نۇرغۇن كىشىلەردىن ئىجابىي ئىنكاسلار كەلدى. »
ئۆتكەن يىلى رامىزان ئېيىدا تۈركىيەدىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئارقا-ئارقىدىن خىتاينى ئەيىبلەپ باياناتلار ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ئاخبارات باياناتلىرى گېزىتلەردە ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئەمما بۇ يىل ئۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ مەسىلىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبلىرى نېمە؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بۇ يىل تۈركىيەدە رامىزان ۋە سايلام كەيپىياتىنىڭمۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭمۇ نۆۋەتتە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن دېگەندەك ئورۇن ئالالمايۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاش كۈنتەرتىپكە كەلمەسلىكىدىكى سەۋەبنىڭ تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا بولغان پوزىتسىيەسىدىكى ئۆزگىرىشلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
باش شتابى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە تونۇتۇش ۋە تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن بۇندىن كېيىن ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
«تۈرك ئوچاقلىرى» تەشكىلاتى پولاتلى شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئىلخان دەرەكۆي ئەپەندى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئىككى پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ بۇ خىل پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يىل شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ئىككى قېتىم دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدۇق. بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھەر يىلى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىمىز. بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بىلىمىز، ئەمما تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ مەخسۇس دوكلاتلار ئۇيۇشتۇرۇۋاتىمىز. »
0:00 / 0:00