تۈرك دۇنياسى بالىلار تەنتەنىسى پائالىيىتىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر نۇمۇر كۆرسەتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2017.05.27
turk-dunyasi-balilar-tentenisi-uyghur-osmur-2017.jpg 22- نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى بالىلار تەنتەنىسى پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Arslan


تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى ۋەخپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 24-ۋە 25-ماي كۈنلىرى ئىستانبۇلنىڭ باغچىلار ئولىمپىك تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن 22-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى بالىلار تەنتەنىسى پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن 15 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈر قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان نۇمۇرلارنى كۆرسەتتى.

بۇ پائالىيەتكە ئافغانىستان، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، كوسۇۋا، تاتارىستان، بۇلغارىيە، قىرىم، سۈرىيە، ئىراق، گاگاۋۇز، داغىستان، شەرقىي تۈركىستان، ئاھىسكا تۈركلىرى قاتارلىق تۈرك خەلقلەرنىڭ ئۆسمۈرلىرىدىن تەركىب تاپقان 22 گۇرۇپپا، 400 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى، 60 ئەتراپىدا يېتەكچى ئوقۇتقۇچى قاتناشتى.

بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان 15 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر مىللىي كىيىملىرى بىلەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى لەپىلدەتكەن ھالدا «ئۇيغۇر دېگەن موشۇنداق» تېمىدا شېئىر ئوقۇدى ۋە ئۇسۇل ئويناپ قاتناشقۇچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشتى.

چارشەنبە كۈنى ئەتتىگەن سائەت 10:00 دا باغچىلار ئولىمپىك تەنتەربىيە زالىدا باشلانغان بۇ پائالىيەت ت ر ت ئاۋازى تېلېۋىزىيە قانلى ئارقىلىق نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلدى.

پەيشەنبە كۈنىدىكى ئۆسمۈرلەر پائالىيىتىدە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، ئافغانىستان، ماكادونىيە، كوسۇۋا، گاگاۋۇز قاتارلىق تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۆسمۈرلەر تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى ۋەخپىنىڭ رەئىسى كۆزخان يازغان ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدا ئىستانبۇل ۋالىيلىقىغا بېرىپ ۋالىي ۋاسىپ شاھىننى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى. ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن ئەپەندىگە ئۇيغۇر تونى، دوپپا تەقدىم قىلدى ۋە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.

ۋالىي ۋاسىف شاھىن ئەپەندى تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئەگەر تونۇشمىساق، بىر-بىرىمىز بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلمىساق، ئۆز-ئارا قەلبلىرىمىزنى يېقىنلاشتۇرمىساق دۇنيادا يالغۇز قالىمىز. ئەسلىدە بىز ناھايىتى كۈچلۈك ۋە ناھايىتى ئالىجاناپ بىر مىللەتنىڭ مەنسۇپلىرى. دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جۇغراپىيلىرىدە، ئەمما ئوخشاش مەقسەتتە، ئوخشاش ھېس تۇيغۇلار بىلەن ئوخشاش كۆز-قاراشتا يۈرەكلىرىمىز سوقۇۋاتقان بىر مىللەت. بىزمۇ ۋالىيلىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈرك دۇنياسى ئۆسمۈرلەر پائالىيىتىنى قولىمىزدىن كېلىشىچە قوللايمىز. سىلەر بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىمىزنى ئىپادىلەيمىز. ئىستانبۇلغا كېلىپ بەك ياخشى قىلدىڭلار، قايتقاندا ئۆزەڭلەر ياشاۋاتقان يۇرتلاردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئىستانبۇل ۋالىيىلىقىنىڭ ۋە ئىستانبۇل خەلقىنىڭ سالامىنى يەتكۈزۈڭلار، ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈڭلار، ئۇلار شۇنى بىلسۇنكى، خۇددى سىلەرنىڭ يۈرىكىڭلار بىز ئۈچۈن سوققانغا ئوخشاش، بۇ يەردە ئۇلار ئۈچۈن سوقىدىغان يۈرەكلەر بار، بىز ئوخشىمىغان جۇغراپىيەلەردە ياشاۋاتقان بولساقمۇ، يۈرەكلىرىمىز ئوخشاش شەكىلدە سوقىدۇ. مەن ئىستانبۇلغا كەلگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتىمەن.»

ئاخىرىدا ئىستانبۇل ۋالىيىسى ۋاسىف شاھىن ئەپەندى تۈرك دۇنياسى ئۆسمۈرلىرى بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.

پائالىيەت ئاخىرىدا تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى ۋەخپى مەسئۇللىرى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇلارنى ئالاھىدە تەبرىكلىدى ۋە «ئەڭ گۈزەل ھەدىيەنى سىلەر تەقدىم قىلدىڭلار» دېدى.

بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى ۋەخپىنىڭ رەئىسى كۆزخان يازغان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

كۆزخان يازغان ئەپەندى، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنى ئىپادىلەپ، بۇ پائالىيەتنى تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۆسمۈرلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ ئۆز-ئارا تونۇشتۇرۇش، تارىخ ۋە مىللىتىمىزنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش، قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە تۈرك دۇنياسى ئۆسمۈرلەر تەنتەنە پائالىيىتىنى 22 يىلدىن بۇيان ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كۆزخان يازغان ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنى بۇ پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇشتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئەھۋال ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيا جامائىتىگە ئاڭلىتىش مەقسىتىدە بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىمۇ تەكلىپ قىلىپ قاتناشتۇرغانلىقىنى ۋە قاتناشقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەردىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.