تۈرك خاككېرلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتىگە قارشىلىق كۆرسىتىپ خىتاينىڭ نۇرغۇن رەسمىي تور بېكەتلىرىنى بۇزۇۋەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا تۈرك خاككېرلارنىڭ خىتاينىڭ دۆلەتلىك رەسمىي توربېكەتلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى ۋە بۇ ھۇجۇمنىڭ سەۋەبى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قەتلىئامىغا قارشى بىر نارازىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
دۇنيادا يېقىندىن بۇيان خاككېرلىق قىلىش ياكى تور بۇزغۇنچىلىقى ئېلىپ بېرىش بىر جىنايەت دەپ قارىلىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر گۇرۇپپا تۈرك خاككېرلار خىتاينىڭ تور بېكەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، خىتاي تور بەتلىرىگە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى چىقارغان ۋە ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
تۈركىيە ئىخلاس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 15-نويابىر كۈندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، «1923 تۈرك گۇرۇپپىسى» دېگەن تۈرك خاككېرلار گۇرۇپپىسى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەتلىئامغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ تور بېكەتلىرىگە ھۇجۇم قىلغان.
تۈرك خاككېرلار شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ئۈستىگە «نامىمىز بىر، ئانىمىز بىر، دەردىمىز بىر، بىز بۈيۈك تۈرك مىللىتى» دېگەن خەتلەرنى يېزىپ، خىتاي تور بېكەتلىرىنىڭ باش سەھىپىسىدە ئاپتوماتىك ئېچىلىدىغان قىلىپ چىقارغان. ئۇلار خىتاينىڭ دۆلەتلىك رەسمىي تور بېكەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تور بېكەتلەرگە ھۇجۇم قىلىپ بۇزۇۋەتكەن بولۇپ، خەۋەردە، بۇ ھۇجۇم بىلەن خىتايغا نەچچە مىليون دوللار ئىقتىسادىي زىيان بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خاككېرلار گۇرۇپپىسى، 1923 تۈرك دېگەن تور بېكەت ئارقىلىق بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز تۈركلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قېرىنداشلىرىمىز ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇم ۋە قەتلىئاملارغا كۆز يۇممايمىز. پۈتۈن جىنايى قىلمىشلار جازاسىز قالمايدۇ».
ئۆزلىرىنى تۈركىيەنىڭ مەۋھۇم دۇنيادىكى سىبەر مۇداپىئە كۈچى دەپ تونۇشتۇرغان خاككېرلەر گۇرۇپپىسى 1923 تۈرك 1923turk.com ناملىق تور بېكەت ئارقىلىق پائالىيەتلىرىنى ئاڭلىتىپ كەلمەكتە. قىلغانلىرىمىز قىلماقچى بولغانلىرىمىزنىڭ تەمىناتى، دەپ چۈشەنچە بەرگەن بۇ گۇرۇپپا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ خىتاي تور بېكەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ئۇچۇر تۈركىيەنىڭ سىتار گېزىتى، ئىخلاس خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيە گېزىتى، خەۋەر7 تور گېزىتى ۋە قانال ئا تېلېۋىزىيە قانىلى قاتارلىق چوڭ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى.
خەۋەردە، تۈركىيەدە ئاق خاككېرلار دەپ تونۇلغان 1923 تۈرك گۇرۇپپىسى دېگەن بۇ خاككېرلار ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن زۇلۇملارغا سۈكۈت قىلمىدى، دېيىلگەن.
تۈركلەردىن تەشكىل تاپقان بۇ خاككېرلار ئىسىم-فامىلىسى ۋە ئورنىنى مەخپىي تۇتۇپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 1923 تۈرك گۇرۇپپىسى ناملىق رەسمىي بېتىدە ئۆزلىرىنىڭ 2002-يىلى قۇرۇلغانلىقىنى ۋە تۈركلەرنىڭ مەۋھۇم دۇنيادىكى قوغدىغۇچىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
1923 تۈرك گۇرۇپپىسى دېگەن خاككېرلار گۇرۇپپىسى ئاي يۇلتۇز گۇرۇپپا دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ گۇرۇپپىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە ئۆزلىرىنىڭ 2002-يىلى قۇرۇلغانلىقىنى، رەسمىي تور بېتىنىڭ www.ayyildiz.org <http://www.ayyildiz.org> ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ تور بەتتە يېزىلىشىچە، ئاي يۇلتۇز گۇرۇپپىسى يېڭى زېلاندىيەدە قۇرۇلغان بولۇپ، تۈركىيە ئۈچۈن پائالىيەت قىلىدىكەن، ئۆزلىرىنى ئاتاتۈركچى، ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتچى دەپ تونۇشتۇرغان تۈرك خاككېرلار گۇرۇپپىسى ئىكەن. بۇ گۇرۇپپىنىڭ بىر قانچە تارمىقى بولۇپ ئەزالىرى ۋە گۇرۇپپا باشلىقلىرى مەخپىي ئىكەن.
بۇ گۇرۇپپىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە بۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلاردا، خىتاي، بىز كەلدۇق، ھەرىكەت باشلاندى، دېيىلگەن ۋە ئۇلار تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان خىتاي تور بەتلىرىنىڭ ئادرېسلىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان تور بېكەتلەردىن بىرى: http://www.zone-h.org ئىكەن.
ئۇلار ئۆزلىرىنى تۈركىيەگە مەۋھۇم دۇنيادىن كېلىدىغان تەھدىتلەردىن قوغداش ۋە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن توپلانغان مەۋھۇم دۇنيانىڭ ئەسكەرلىرى دەپ تونۇشتۇرغان. ئۇلار 2011-يىلى ئىنتېرنېت تور دۇنياسىدا تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلغان رېد ھېك ۋە ئانونىيموس دېگەن خاككېرلارنىڭ تور بەتلىرىگە ھۇجۇم قىلغان.
ئاي يۇلتۇز دەپ تونۇلغان 1923 تۈرك گۇرۇپپىسى ناملىق خاككېرلار گۇرۇپپىسى: «ۋەتەننى ئەڭ كۆپ سۆيگەنلىك ۋەتەن ئۈچۈن ئەڭ كۆپ خىزمەت قىلغاندۇر» دېگەن سۆزنى ئۆزىگە شوئار قىلغان. ئاي يۇلتۇز گۇرۇپپىسى توغرىسىدا «كىم بۇ ئاي يۇلتۇز گۇرۇپپىسى» دېگەن كىتاب نەشر قىلىنغان.
خىتاينىڭ تور بېكەتلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى خىتايغا قانداق زىيان سالىدۇ، ئۇيغۇرلارغا قانداق پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟ دېگەن سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي ئازادجان بۇغرا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئازادجان بۇغرا ئەپەندى، بۇ پائالىيەتنىڭ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسەتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن خىتايغا بېرىلگەن بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى، ئەگەر خىتاي بۇ خىل ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پىسەنت قىلماستىن زۇلۇم قىلىشنى داۋام قىلىدىغان بولسا، ناھەقچىلىككە چىدىمايدىغان ياشلار تەرىپىدىن ئەمەلىي قارشىلىق ھەرىكەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ ئىش ئارقىلىق تۈركلەر ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى كۆرسەتكەنلىكىنى، قان-قېرىنداش ۋە تارىخىي باغلىنىشلىق بولغان تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يېقىنلىشىشىغا پايدىسى بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.