8 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مىللەتلەر ئارا تۈركولوگىيە قۇرۇلتىيىغا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارمۇ قاتناشتى
2013.09.30
8 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مىللەتلەر ئارا تۈركولوگىيە قۇرۇلتىيى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى، تۈركولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 30 - سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلتاي زالىدا رەسمىي باشلاندى.
تۇنجى قېتىملىقى 1973 - يىلى ئىستانبۇلدا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈركولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن، مىللەتلەر ئارا تۈركولوگىيە قۇرۇلتىيىنىڭ 8 - قېتىملىقى ئون يىلدىن ئارتۇق بىر مەزگىل توختاپ قالغان بولۇپ، بۇ قېتىم 30 - سېنتەبىردىن 4 - ئۆكتەبىرگىچە ئىستانبۇلدا 5 كۈن داۋام قىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ يىغىنغا تۈركىيە ئىچى ۋە باشقا دۆلەتلەردىن 310 دىن ئارتۇق تۈركولوگىيە تەتقىقاتچىسى، دوكتور، پروفېسسور ئالىملار قاتناشقان. بولار، تۈرك تىل - ئەدەبىياتى، تارىخى، سەنئىتى ۋە باشقا مەسىلىلەر بويىچە سۆز قىلىدىكەن.
بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىن ئالتە نەپەر ئۇيغۇر ئالىمى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارمۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى ۋە تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى توغرىسىدا تەييارلاپ كەلگەن ماقالىلىرى تەقدىم قىلىدۇ.
بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش سېكرېتارى پروفېسسور مۇستاپا ئىسەن، ئالى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىس ۋەكىلى يەكتا ساراچ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رېكتورى يۈنۈس سۆلەت، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ باشلىقى پروفېسسور مۇستافا ئۆزكان، سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور نەۋزات يالچىنتاش، ۋېنگرىيە دۆلىتىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى جانۇس ھۇۋارى ئەپەندىلەر سۆز قىلدى.
يىغىندا سۆز قىلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش سېكرېتارى مۇستافا ئىسەن مۇنداق دېدى: تۈركولوگىيە ساھەسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بارايلى، كەڭ تۈردە قانات يايدۇرايلى، تېخىمۇ كۆپ ئوخشىمىغان ساھەلەردە ئىجرا قىلىدىغان بىر سەۋىيىگە ئېلىپ چىقايلى. كەلگۈسىگە ئالاقىدار خىزمەتلەردە تۈركولوگىيىنى بەك يېقىملىق بىر مۇزىكىغا ئوخشاش قوللىنالايىمىز.
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى رېكتورى يۈنۈس سۆلەت مۇنداق دېدى: بۇ قۇرۇلتاينىڭ دۇنيادا تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ تونۇلۇشى، تۈركولوگىيىگە بولغان قىزىقىشنىڭ تېخىمۇ ئېشىشى ۋە شۇنداقلا بىز ئۈچۈن ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى يېڭىلاش پۇرسىتى يارىتىشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا چىن يۈرەكتىن ئىشىنىمەن. بۇ قۇرۇلتاينىڭ مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدا يېڭىدىن مۇناسىۋەت قۇرۇشقا ۋاسىتە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن.
5 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىننىڭ كېيىنكى بۆلۈملىرىدە، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت«جەدىدىزىم ھەرىكەتىنىڭ چاغداش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى توغرىسىدا»، ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ئۇيغۇر شائىرى، دوكتور ۋاھىتجان ئوسمان، «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز قوشاقلىرىنىڭ تۈرى» دېگەن تېمىدا، بېيجىڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچى مۇقەددەس مىجىت، «تەرەققىي قىلغان زاماندىكى ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكا - ناخشا ئۇسۇلى»، ئاۋسترالىيىدىن كەلگەن ئۇيغۇر يازغۇچى سەلىمە كامال خانىم، «خىتاي سارىيىدىكى مەھبۇس ئايال ئىپارخانغا ئالاقىدار ئېنىق بولمىغانلار» ، بېيجىڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئالىم ئابدۇلھەكىم مەمەت، «قەدىمىي تۈركلەرنىڭ 6 - ئەسىرگە ئائىت ئاۋاز - تون ئابىدىلىرى» ، قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچى گۇلبەھرەم مولوتۇۋا«تۈرك خەلق ئەدەبىياتى»، دېگەن تېمىلاردا سۆز قىلىدۇ.
يىغىندا يەنە، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئۆمەر قۇل، «شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا تارىختا ئۆتكۈزۈلگەن تۈنجى قۇرۇلتاي، ھىجاز 1954» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىدۇ.
بۇ يىغىندا 310 تۈرك ۋە چەتئەللىك تۈركولوگىيە تەتقىقاتچىلىرى سۆز قىلىدىغان بولۇپ، بۇلاردىن بەزى چەتئەللىك تەتقىقاتچىلار، «ئۇيغۇرچە دىنى ئاتالغۇلاردا چەتئەل تىللىرىنىڭ گرامماتىكا تەسىرى بارمۇ؟» دېگەن تېمىدا «قەدىمى ئۇيغۇر تىلىدا گۇتاغ ۋە كۆكتاشلىرى»، «تۇرپاندىكى قەدىمىي ئۇيغۇر ھۆكۈمنامىلارنىڭ تارىخى» , «مۇڭغۇلىيىدىكى تىل، تارىخىنىڭ يېڭى مەنبەلىرى ۋە كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇر يازمىلىرى» دېگەن تېمىلار سۆز قىلغاندىن سىرت يەنە، «9 - ۋە 12 - ئەسىر ئوتتۇرىلىرىدىكى تۈركىستاندا تۈرك ئىسلام يېزىقلىرى ۋە تاش يېزىقلارنىڭ ئۆرنىكى», «20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى تۈركىستان مەتبۇئاتلىرى توغرىسىدا چۈشەنچىلەر», «قۇتادغۇبىلىكنىڭ مىسىر نۇسخىسىنىڭ يېزىق ۋە تىل ئالاھىدلىكىرى بويىچە تەتقىق قىلىنىشى», «قۇتادغۇبىلىكتى ئودگۇرمۇش بىلەن تەسەۋۋۇف شېئىرلىرىدىكى سۇفى»، «ئەرەب تۈركولوگلىرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ تىلى جەھەتتىكى ئوخشىمىغان پىكىر - قاراشلىرى» دېگەن تېمىلاردا سۆز قىلىدۇ.
بىز بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى شۇنداقلا ئۇيغۇر تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى توغرىسىدا، يىغىننىڭ ئۇيۇشتۇرغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور مۇستافا ئۆزكان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مۇستافا ئۆزكان ئۇيغۇر تۈركولوگىيە تەتقىقاتچىلىرى بىلەن تۈركولوگىيە خىزمىتى توغرىسىدا ھەمكارلىق قىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.