7-ئاينىڭ 1-كۈنى ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ كەچلىك خەۋەرلىرىدە سېنكاكۇ ئارىلىغا يېقىن جايدىكى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە خىتاينىڭ دېڭىز قوغدىغۇچى ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ياپونىيە ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى بۇنىڭغا دەرھال ئېتىراز بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي تەرەپمۇ سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدىكى ئۆز مەيدانىنى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
بۇ قېتىمقى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئارال ماجىراسىدا خىتاي تەرەپنىڭ تۆت ھەربىي پاراخوتى بىلەن ئۇچراشقان ياپونىيە بېلىقچى كېمىلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرنى ھەيران قالدۇردى.
تېلېۋىزور خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن، ياپون مىللەتچىلىرىدىن تەركىب تاپقان 30 كىشى تۆت بېلىقچى كېمىسىگە ئولتۇرۇپ، ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ ناھا شەھىرىدىن سېنكاكۇ ئارىلىغا قاراپ يولغا چىققان.
تېلېۋىزور خەۋىرىدىكى كۆرۈنۈشتە، 1-ئىيۇل سېنكاكۇ ئارىلىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ بارغان ياپون بېلىقچى كېمىلىرىدە ياپون ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقى لەپىلدەپ تۇرغان.
خەۋەردە، خىتاي تەرەپنىڭ دېڭىز قوغدىغۇچى پاراخوتلىرى ئۆز زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش باھانىسى بىلەن چارلاش ئېلىپ بېرىپ سېنكاكۇ ئارىلىدىكى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى-دېيىلگەن.
15-قېتىملىق سېنكاكۇ ئارىلىغا بېرىپ بېلىق تۇتۇش ھەرىكىتىنى ياپونىيە مىللەتچى ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان «غەيرەت قىل ياپونىيە» تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان.
7-ئاينىڭ 2-كۈنى سېنكاكۇ ئارىلىدىن قايتىپ كېلىپ، شۇ كۈنى كەچتە توكيودا بۇ ھەقتە دوكلات بەرگەن، مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن بىرى ياپونىيە «ساكۇرا تېلېۋىزىيە» ئىستانسىسىنىڭ مەسئۇلى مىزۇشىما ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ:
«بۇ قېتىمقى سېنكاكۇ ئارىلىغا بېرىش پائالىيىتىدە كېمىلەرگە نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان بايرىقى قادالدى ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«شەرقىي تۈركىستان خىتاي كومپارتىيىسى بېسىۋالغان، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مۇستەملىكىسىدىكى تۇپراق. سېنكاكۇ ئارىلىمۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كېلىش ئالدىدا تۇرغان يەر. شەرقىي تۈركىستاندا ھازىر خىتاي دەھشەتلىك باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇمنى، خىتاي كومپارتىيىسى بەلكىم ئەتە ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. بىز ھەممىمىز ئوخشاش بىر ئاسىيالىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاسىيانىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن بىچارە ئۇيغۇرلارنى قوغداش، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر بايرىقىنى قادىدۇق. بۇ ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئېسىگە ئۇنتۇلغان شەرقىي تۈركىستاننى ئەسلىتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كېمىلەرگە قادىدۇق.»
مىزۇشىما ئەپەندىم بىزنىڭ يەنە: «خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرى ياپون كېمىلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆرگەندەك قانداق كەيپىياتتا بولغاندۇ؟» -دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«بەلكىم، خىتاينىڭ دېڭىز قوغدىغۇچى پاراخوتىدىكىلەر شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا ئىككى تەرەپ بىر-بىرىمىزگە يېقىنلىشىپ كەلگەندە مەن قولۇمدىكى كاناي ئارقىلىق خىتاينىڭ دېڭىز قوغدىغۇچى ھەربىي پاراخوتىغا ئۈنلۈك ئاۋازدا:-خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈشنى توختات، شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت! دەپ ئۈنلۈك ۋارقىرىدىم.»
بىز يەنە بۇ قېتىمقى سېنكاكۇ ئارىلىغا بېرىش سەپىرىگە ئىشتىراك قىلغان ياپونىيەدە تونۇلغان كىنو ئارتىسى، تېلېۋىزىيە-رادىئو پروگرامما رىياسەتچى كاتسۇراگى خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سوئال: كاتسۇراگى خېنىم بۇ سىزنىڭ بىرىنچى قېتىم سېنكاكۇ ئارىلىغا بېرىشىڭىزمۇ؟
جاۋاب: ياق، مېنىڭ ئون بىرىنچى قېتىم بېرىشىم.
سوئال: سىلەر بۇ قېتىمقى سەپىرىڭلاردا نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كېمىلەرگە قادىدىڭلار؟
جاۋاب: كېمىلەرگە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى تاقاش،مىزۇشىما ئەپەندىمنىڭ پىلانى بولۇپ، دەسلەپتە بىز ياپونىيە دېڭىز قوغدىغۇچى تەرەپ بۇنىڭغا بىر نېمە دەپ سىياسەت كۆرسىتەرمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدۇق. ئەمما ئۇلار بىزگە ھېچنېمە دېمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ھەممە كېمىلەرگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى قادىدۇق. شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك رەڭلىك، ھىلال ئايلىق بۇ بايرىقى سېنكاكۇ ئارىلىدىكى كۆپ-كۆك دېڭىزغا ھۆسن قوشۇپ، خىلۋەتتىكى بۇ ئارالنىڭ كۆك ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىپ، بۇ يەرنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈۋەتتى.
ئاخىردا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.