«شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلىۋاتقان خىتاي زۇلۇمى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00


2015 - يىلى 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تۈركىيىنىڭ چورۇم شەھىرىدە «شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلىۋاتقان خىتاي زۇلۇمى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىننى ئىكلە جەمئىيىتى بىلەن ئى ھا ھا ئىنسانىي ھەق - ھوقۇق ياردەم فوندىنىڭ چورۇم شۆبىسى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىس ۋەكىلى ئابدۇللاھ قەشقەرلى ۋە ياشلار بۆلۈمى مەسئۇلى ئابدۇسالام تەكلىمان تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ يىغىندا سۆز قىلدى.

يىغىندا ئى ھا ھا ئىنسانىي ھەق - ھوقۇق ياردەم فوندىنىڭ چورۇم شۆبە مەسئۇللىرىدىن ئادۋوكات ئۆمەر قىلىچ ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

ئۆمەر قىلىچ سۆزىدە مۇنداق دېدى: ئىسلام ئۈممىتى تەخمىنەن 150 يىل ئىلگىرى ئۈممەت چۈشەنچىسىنى يوقىتىپ قويغاندىن كېيىن ئىنتايىن ئاجىز ھالغا چۈشۈپ قالغان، نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستان زېمىنىغا ئوخشاش كۆپلىگەن ئىسلام دىيارلىرى ئىشغال قىلىندى ۋە فىكرى جەھەتتىمۇ ھازىرغىچە ئىشغال ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئىسلام دىيارلىرى مەۋجۇت. شەرقىي تۈركسىتان رايونى ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ 1000 يىللىق مىراسىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بىر زېمىندۇر. ئىمام بۇخارى، مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئىبنى سىنا، فارابىغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئالىملار بۇ زېمىندا يېتىشىپ چىقىپ ئىلىم - مەرىپەتنى دۇنياغا تارقاتتى.

يىغىندا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىس ۋەكىلى ئابدۇللاھ قەشقەرلى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركسىتان خەلقى 65 يىلدىن بۇيان ئىنسان كۆرمىگەن ئېغىر زۇلۇملارنى بېشىدىن ئۆتكۈزىۋاتىدۇ. ئىشغالچىلار شەرقىي تۈركىستاننى دۇنيادىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ، ئايرىم تۇتۇپ كەلدى. كۈندىن - كۈنگە، خىتاي ھەر جەھەتتىن كۈچەيگەنسېرى شەرقىي تۈركسىتاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيادا ئېزىلگەن مىللەتلەر ئويغانغان بولسىمۇ، زەنجىر - كىشەنلەر بىر - بىرلەپ قىرىلغان بولسىمۇ، ھەر تەرەپتە باھار ھەرىكەتلىرى، ئەركىنلىك ۋە ئازادلىق مەشئەللىرى يېقىلغان بولسىمۇ، خىتاي شەرقىي تۈركسىتاندا دىنىي ئىتىقاد، ۋىجدان ئەركىنلىكى ۋە كىيىم - كىچەك كىيىش شۇنداقلا ئەنئەنىۋىي ياشاش ھوقۇقلىرىغا بىۋاسىتە مۇداخىلە قىلىپ، ئوچۇق - ئاشكارا قارشى چىقماقتا ۋە چەكلىمە قويماقتا. دۆلەت ئەمەلدارلىرىمۇ دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ھېچ تەپتارتماستىن بايانات ئېلان قىلىدۇ، تەھدىت سېلىپ ھەيۋە قىلىش خاراكتېرلىك باياناتلار بېرىدۇ. قارشى چىققاننى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىمىز دەپ ئوچۇق تەھدىت قىلىپ ھېچ ئىككىلەنمەستىن باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ.

يىغىندا سۆز قىلغان ئابدۇللاھ قەشقەرلى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپ ۋە تىل يېزىقلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر تىلىنى مەكتەپلەردە دەرستىن قالدۇرۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى يولغا قويدى. يەنى مىللىي مائارىپ خىتايلاشتۇرۇلدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېنتىك مىللىي ئەنئەنىسىنى يوقىتىش مەقسىتىدە، تەرەققىي قىلدۈرۈش نامى ئاستىدا كونا شەھەرلەرنى ئۆرۈپ - يىقىتىپ يەرلىك خەلقنى قەستەن باشقا يەرلەرگە كۆچۈشكە مەجبۇرلىدى. ئۇلارنىڭ ئورنىغا نەچچە مىليون خىتاينى كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈش پىلانىنى مەخپى ھالدا داۋام قىلدۈرىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق داۋام قىلىدىغان بولسا ئالدىمىزدىكى يىللار ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان پۈتۈنلەي خىتايلىشىپ كېتىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا سۆز قىلىشمۇ ھېچقانداق مەنا ئىپادىلىمەيدىغان ھالغا كېلىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز.

ئابدۇللاھ قەشقەرلى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: خىتاي شەرقىي تۈركىستان كۈرىشىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن قولىدىغان كېلىدىغان پۈتۈن ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى، خەلقنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركسىتان داۋاسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان شەخس ۋە تەشكىلاتلارغا تېررورلۇق قالپاقنى كەيدۈرۈش مەقسىتىدە داۋاملىق تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مەخپىي پائالىيەتلەر يۈرگۈزۈپ قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

ئابدۇللاھ قەشقەرلى يىغىندا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ 2015 - يىلى 1 - ئايدىن باشلاپ دىنىي ئەركىنلىكنى چەكلەشنى قانۇنلاشتۇرغانلىقىنى، دىنىي ئۆلىمالارنى ۋە ئۆيلەردە ئولتۇرغان ئاتا - ئانا، ئاچا - سىڭىللارنى مەيدانغا توپلاپ ئۇسۇل ئويناشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى، ئىسلامى ئېتىقاد ۋە مىللىي قىممەت قاراشلىرىنى خورلاپ كەمستىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇللاھ قەشقەرلى مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقى كىشىنى قاتتىق ئەندىشە قىلدۈرىدۇ. ئىسلام دۇنياسى بولۇپمۇ تۈركىيە دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركسىتانلىقلارنىڭ قىيىنچىلىق مەسىلىلىرىنى، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى دېگەن تەتۈر تەشۋىقاتىغا ئالدانماستىن، جىددىي بىر شەكىلدە كۆڭۈل بۆلۈشى، كېرەكلىك قەدەملەرنى بېسىشى كېرەك بولماقتا. بۇ ھەقتە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە تۈركىيىنىڭ ھەر بىر ئاڭلىق كىشلىرى مۇسۇلمان قېرىنداش بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانپەرۋەتلىك جەھەتتە كېرەكلىك مەجبۇرىيەت، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقان ئابدۇسالام تەكلىماكان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.